باش بەت>شىنجاڭ

بۇزاق يېزىسىدىكى كەچلىك بازاردا تىجارەت باشلاندى

يوللانغان ۋاقىت:2020-05-08 22:45:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم مەسئۇل مۇھەررىر:بۇمەريەم تۇردى


«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياڭ شۇخەن   ئىختىيارىي مۇخبىر لى جىنيۈەن

«مەن كۈندۈزى مېۋە-چېۋە ساتىمەن، كەچتە كاۋاپ ساتىمەن، كۈندىلىك ساپ كىرىمىم 500 يۈەندىن ئاشىدۇ.» 5-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ سائەت 10دا، خوتەن ناھىيەسىنىڭ بۇزاق يېزىسىدىكى كەچلىك بازاردا، 40 ياشلىق يايما ئىگىسى روزىمەمەت مەتتۇرسۇن خېرىدار بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى.

بۇ، بۇزاق يېزىسىدىكى كەچلىك بازار ئېچىلغان 3-كۈنى بولۇپ، كەچلىك بازارنىڭ تەرتىپلىك ھالدا تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇزاق يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى كەنت ئاھالىلىرىنى ماسكا تاقاشقا، ئارىلىق ساقلاشقا، مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشقا يېتەكلىدى، كەچلىك بازارنىڭ كىرىش ئېغىزىدا يەنە مەخسۇس ئادەم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى.

كەچلىك بازارغا كىرىشىمىزگە، ھەر خىل مەززىلىك تائاملارنىڭ خۇشبۇي ھىدى دىماققا ئۇرۇلدى. قېتىق زۇڭزا، مالاچۈەر، ئەسلىي تەملىك ئۆپكە-ھېسىپ، ياغاچ كۆمۈرىدە پىشۇرۇلغان باچكا كاۋىپى... كىشىنىڭ ئېغىزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرىدىغان ھەر خىل خاس ئۇششاق يېمەكلىكلەر كۆزنى ئالاچەكمەن قىلاتتى.

بۇزاق يېزىسىدىكى كەچلىك بازاردا 116 يايما ئورنى بار بولۇپ، بۇزاق يېزىسى كۈچەپ بەرپا قىلغان ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسى ئىدى، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قىيىنچىلىقى بار 50 نەچچە ئائىلە بۇ يەردە تىجارەت قىلدى. بۇ يەر كۈندۈزى دېھقانچىلىق سودا بازىرى، ھەر كۈنى تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، بۇ يەر داۋاملىق رەڭدار تۈسكە كىرىپ، جانلىق كېچىلىك ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

بۇزاق يېزىسى خوتەن ناھىيەسىنىڭ ياڭاق ماكانى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇزاق يېزىسىنىڭ يېزا مۇھىتى بارغانسېرى گۈزەللەشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاشتى، يېزا-كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات غەيرىتى ئاشتى.

كەچلىك بازار ئېچىلىپ ئىككى سائەت بولمايلا، 46 ياشلىق راشىدىن سالىنىڭ ئۆپكە-ھېسىپ يايمىسىدا كۆپ ئادەم قالمىغانىدى. «سېنىڭ يايماڭدا ئادەم يوققۇ؟» دەپ سورىدى كەچلىك بازارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بەكرى دۆلەت.

«ھەممىسىنى سېتىپ بولدۇم، ئەتىگەندە كۆپرەك تەييارلىمىغىنىمغا بەك پۇشايمان قىلىۋاتىمەن!» دېدى راشىدىن بېشىنى چايقاپ ئەپسۇسلانغان ھالدا.

راشىدىن نامرات ئاھالە ئىدى، ئىلگىرى پارچە-پۇرات ئىش قىلىپ كۈن كەچۈرەتتى، بۇلتۇر، ئۇ دادىسىنىڭ ئۆپكە-ھېسىپ قۇيۇش ھۈنىرىنى قايتا قولىغا ئالدى. تەمى ياخشى، مىقدارى يېتەرلىك بولغاچقا، ئۇنىڭ يايمىسى كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

راشىدىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئائىلەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، «كەچلىك بازاردا يايما ئاچسام، ھۆكۈمەت يايما ھەققىنى كەچۈرۈم قىلدى، بۇنىڭغا كۆپ رەھمەت!»

كەچلىك بازارنى ئايلىنىۋاتقان بۇزاق يېزىسى سىيۈەن نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسىنىڭ خىزمەتچىسى ماھىرە ئېزىزنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۇ ئىزچىل ئۆيدە تۇرۇپتۇ، ئىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇ ۋە خىزمەتداشلىرى خىزمەت پۇرسىتىنى ئالاھىدە قەدىرلەپتۇ. «بۈگۈن كەچتە كەچلىك ئىسمېنىدا ئىشلەيمەن، نەگە بېرىپ تاماق يېسەم بولار دەپ غەم قىلىۋاتقانىدىم، تەلىيىمگە يارىشا كەچلىك بازار ئېچىلىپتۇ، تۇرمۇش ۋە خىزمەتنىڭ ھەممىسىدە ھاياتىي كۈچنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن».

بۇزاق يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى بىر مەسئۇل كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەر كۈنى تىجارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باشقۇرغۇچى خادىملار يايما ئىگىلىرىنىڭ تاماق ھارۋىسى قاتارلىقلارنى دېزىنفېكسىيەلىشىنى نازارەت قىلىدىكەن، يەنە بازارنى سۇ پۈركۈپ يۇيىدىكەن، پۈركۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىدىكەن، «بۇنداق بولغاندا، تىجارەتچىلەرمۇ خاتىرجەم تىجارەت قىلالايدۇ، كەچلىك بازارغا ئوينىغىلى كەلگەنلەرمۇ خاتىرجەم بولىدۇ» دېدى بۇ مەسئۇل كىشى.

كەچ سائەت 12دىن ئاشقان بولسىمۇ، خېرىدارلار يەنىلا تەرتىپ بويىچە كەچلىك بازارغا كىرمەكتە ئىدى، شوخ مۇزىكىغا ئەگىشىپ، يېزا-كەنت كەچلىك بازىرىدا چەكسىز جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇماقتا ئىدى.