باش بەت>شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى تىزىملاش، گۇۋاھنامە تارقىتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-05-12 11:36:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئەتراپى يېزىسى قارادۆڭ كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېزا ئۆيلۈك يېرى ۋە كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرىنىڭ كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىدا، 50 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ۋەكىلى يېزا كۆچمەس مۈلۈك گۇۋاھنامىسىنى ئالدى. بۇ كەنت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پۈتۈن كەنت بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، يېزا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى بىرتۇتاش تارقاتقان تۇنجى كەنتكە ئايلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى تىزىملاش، گۇۋاھنامە تارقىتىش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى. «بۇ گۇۋاھنامە بولسىلا، بىز دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، كۆڭلىمىز تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ!» دېدى كەنت ئاھالىسى يۈ سۈيشېڭ تېلېفوندا مۇخبىرغا.

2017-يىلىدىن باشلاپ، دۆربىلجىن ناھىيەسى يېزا ئۆيلۈك يېرى ۋە كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، گۇۋاھنامە تارقىتىش خىزمىتىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئۆيلۈك يېرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش خىزمىتىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى، يولغا قويۇش لايىھەسىنى بېسىپ تارقىتىپ، ناھىيە، يېزا (بازار)، كەنت، دېھقان ئائىلىسىدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك مەسئۇلىيەت تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، گۇۋاھنامە تارقىتىش خىزمىتى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇردى. 2018-يىلىدىكى تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى 17 يېزا (بازار) مەيداندىكى 179 كەنت-ئەترەتكە 43 مىڭ 131 كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى تارقىتىلماقچى بولغان؛ 2020-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ ناھىيەدىكى %60 كەنت-ئەترەت (مەھەللە) ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ ئېلان قىلغان، %40 كەنت-ئەترەت (مەھەللە)، يېزا (بازار)، مەيدانلاردا مەركەزلىك ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى تاماملىغان؛ بۇنىڭ ئىچىدە، %20 كەنت-ئەترەت(مەھەللە) نىڭ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ئېنىقلىنىپ تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى يېزا كۆچمەس مۈلۈكلىرىنى تىزىملاش خىزمىتىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، خىزمەت ۋاقىت تۈگۈنى ۋە كونكرېت تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مۇناسىۋەتلىك تىزىملاش، گۇۋاھنامە تارقىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلىپ، يېزىلاردا ئۆي-يەر بىر گەۋدە قىلىنغان ئۆيلۈك يەر ۋە كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تىزىملاش ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ ئىستاتىستىكا قىلىشنى پائال قانات يايدۇردى. بۇ نازارەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: قارادۆڭ كەنتىدە يېزا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنىڭ بىرتۇتاش تارقىتىلىشى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پۈتۈن كەنت بويىچە تارقىتىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈن تەجرىبە توپلاپ بەردى، بۇ يېزا مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دېھقانلارنىڭ ئۆيلۈك يېرىدىن پايدىلىنىش نەرسە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، «گۇۋاھنامە بىلەن يەر ئىشلىتىش» «قانۇن بويىچە يەر ئىشلىتىش» قانۇن قارىشىنى تۇرغۇزۇشتا پائال رول ئوينايدۇ.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولۇش، بۆلەككە ئايرىپ ھۆددىگە ئېلىپ ئىشلەش، نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەرقايسى جايلارغا قارىتا سىياسەت ۋە تېخنىكا مەدىتىنى كۈچەيتىپ، يېزا كۆچمەس مۈلۈكلىرىنى تىزىملاش، گۇۋاھنامە تارقىتىش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولماقتا.