باش بەت>شىنجاڭ

خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولىغا رېلىس ياتقۇزۇش باشلاندى

يوللانغان ۋاقىت:2020-05-12 15:33:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى


«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر جياڭ داۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 5-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 11دە، چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدە، بىر گۇرۇپپا 25 مېتىرلىق رېلىسنىڭ ئاستا-ئاستا چۈشۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى رەسمىي رېلىس ياتقۇزۇش باسقۇچىغا كىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلىكى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى خوتەن ۋىلايىتى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 825.476 كىلومېتىر كېلىدۇ، يولۇچى، يۈك توشۇشقا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان تاق لىنىيەلىك تۆمۈريول بولۇپ، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر. بۇ تۆمۈريول تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، تۆمۈريول لىنىيەسى بويى قۇرغاق چۆللۈك كىلىماتىغا تەۋە، قۇم-بورانلىق ھاۋا رايى كۆپرەك ھەم كېچە-كۈندۈزدىكى تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، لىنىيە بويىدىكى 460 نەچچە كىلومېتىر ئادەمسىز رايون بولۇپ، قۇرۇلۇشقا كېرەكلىك رېلىس ماتېرىيالىنى توشۇش ئارىلىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 700 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، قۇرۇلۇش قىلىش قۇرۇلۇشىغا بىرقەدەر زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

«بىز خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ 535 كىلومېتىر بۆلىكىگە رېلىس ياتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىمىزگە ئالدۇق، چاقىلىق ۋوگزالىدىن خوتەن يۆنىلىشىگە قاراپ رېلىس ياتقۇزىمىز، رېلىس ياتقۇزۇش مۇساپىسى پۈتۈن لىنىيە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ %65ىنى ئىگىلەيدۇ.» جۇڭگو تۆمۈريولى 14-ئىدارىسى خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى PJS2 بۆلىكى تۈر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جاڭ گاڭ مۇنداق دېدى: «رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز تەبىئىي مۇھىت ناچار، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان رايوندا بايلىق نىسبەتەن كەمچىل بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، 24 سائەت بەن ئالمىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە ئىككى كىلومېتىردىن ئاز بولمىغان رېلىس ياتقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، يىل ئاخىرىدا چاقىلىقتىن چەرچەنگىچە بولغان بۆلەك لىنىيەسىدە رېلىس ياتقۇزۇپ بولۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز».

خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى غەربتە قەشقەردىن خوتەنگىچە بولغان تۆمۈريولغا تۇتاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ «شەرق بىلەن بىرلىشىپ، غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ، شەرققە چىقىرىش»ىدىكى قولايلىق يول، كېلەر يىلى پۈتكۈزۈلۈپ قاتناش باشلاش پىلانلاندى. پۈتكەندىن كېيىن، گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدا بىر تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى شەكىللىنىپ، خوتەن ئاممىسى شىنجاڭدىن چىقىشتا چاقىلىق ئارقىلىق چىڭخەيدىن ئۆتۈپ ئىچكىرى رايونلاردىكى شەھەرلەرگە بىۋاسىتە بارالايدۇ، ئۈرۈمچىنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ھاجەتسىز بولۇپ، شىنجاڭدىن چىقىش مۇساپىسى زور دەرىجىدە قىسقىرايدۇ.