باش بەت>شىنجاڭ

قاراقاشتا بىر ئائىلە بىر ئىش ئورنىغا ئىگە بولۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-05-12 19:46:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئابدۇسالامجان ئابدۇغېنى مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش

قاراقاشتا بىر ئائىلە بىر ئىش ئورنىغا ئىگە بولۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى

خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى ياڭ مىڭفاڭ، ئارداق، خۇرېنبا

«ئىشقا ماڭدىم!» تاڭ سەھەردە، پاتىمە ساھىب غاپپار ھويلىلارنى سۇ سېپپ سۈپۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ۋاقىتنى مۆلچەرلەپ ئۆيدىن چىقتى، پىيادە 10 مىنۇت مېڭىپلا، ئۇ كەنتتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ قومۇش بورا توقۇشنى باشلىۋەتتى.

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى يېڭىئۆستەڭ كەنتىدە، ئىلگىرى يەر تېرىشقا تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىغان نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھازىر پاتىمە ساھىبقا ئوخشاش، ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بار بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسى بارغانسېرى ئاشتى.

قاراقاش ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان. بۇ يەرنىڭ تەبىئىي شارائىتى ناچار، بايلىقى كەمچىل، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1 موغىمۇ يەتمەيدۇ، كەسىپ ئاساسى ئاجىز. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن ناھىيە بويىچە 83 نامرات كەنت نامراتلىق قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلمىگەن، قېپقالغان نامرات نوپۇس 36 مىڭ 500 بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە قېپقالغان نامرات نوپۇسنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ.

«قاراقاش ناھىيەسىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچ.» قاراقاش ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ گۇەنجۈن مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بېكىتكەن ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشتىكى 52 نامرات ناھىيەنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قاراقاش ناھىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىپ، بىر ئائىلىنىڭ بىر ئىش ئورنىغا ئىگە بولۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

كەسىپ ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش

36 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يۇرتداشلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پاتىمە سايىپ خۇرسىندى.

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، ئانىسىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغانىدى، بالىسى تېخى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيتتى، ئۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلىسە، ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم قالمايتتى، پاتىمە سايىپ غەمگە پاتقانىدى. «بۇلتۇر نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بولساقمۇ، سىرتقا چىقىپ ئىشلىمىسەك كىرىمىمىز ئازىيىدۇ، نامراتلىق قالپىقىنى يەنە كىيىۋېلىشىمىزدىن ئەنسىرەيمەن».

«ئەنسىرىمەڭ، سىز بۇنىڭدىن كېيىن كەنتتىلا ئىشقا ئورۇنلىشىسىز» دېدى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ساۋ جۇڭمىڭ ئۇنىڭغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ.

3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پاتىمە سايىپ 25 ئاچا-سىڭىل بىلەن بىرلىكتە كەنتتىكى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاياللار زەربىدارلار ئەترىتى»گە كىردى. ئۇلارنىڭ تۇنجى خىزمىتى كەنتتىكى زۇمرەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بورا توقۇش بولۇپ، ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدى.

ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى، پۇل تېپىش، ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتمىدى، پاتىمە سايىپ غەمدىن خالاس بولدى: «خاتىرجەم، مۇقىم خىزمىتىم بار بولدى، تۇرمۇشۇم ئۈمىدكە تولدى».

«يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى.» ساۋ جۇڭمىڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئامالنىڭ بارىچە كەنتنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى يارىتىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئامالسىز قالغان بىر قىسىم نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

يېڭىئۆستەڭ كەنتىدە 500 مودىن ئارتۇق سۇلۇق يەر بار بولۇپ، قومۇشلار قويۇق ئۆسكەنىدى. بۇ خاس بايلىققا تايىنىپ، خىزمەت ئەترىتى كەنتنىڭ مەبلەغ كىرگۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت كەنتى ۋە دېھقانلار ئارامگاھى قۇرۇپ، 20 نەچچە كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. كەنت قۇرغان بىرقانچە كارخانىنىڭ تىجارەت ئورنى يېتەرلىك بولماي، تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچرىغاندا، خىزمەت ئەترىتى مەبلەغ ماسلاشتۇرۇپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار باغچە رايونى قۇردى، ھازىرغىچە ئۈچ كارخانا ماكانلىشىپ، 31 ئادەمنى ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

«كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھازىرقى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدىكى مۇھىم ۋەزىپىسى.» جاڭ گۇەنجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: قاراقاش ناھىيەسى «ناھىيەدە باشلامچى كارخانا بولۇش، يېزىلاردا بەلگىلىك كۆلەملىك كارخانا بولۇش، كەنتلەردە نامراتلارنى يۆلەش سېخى بولۇش، ئائىلىدە ھۈنەرخانا بولۇش»تەك كەسىپ تەرەققىيات سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئېلېكتىرون قۇراشتۇرۇش، ئىلمە توقۇلما-كەشتىچىلىك قاتارلىق سەككىز كەسىپنى يېتىلدۈردى. بۇ يىلدىن بۇيان، قاراقاش ناھىيەسى 36 مىڭ 760 كىشىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

رايون ھالقىپ ھەمكارلىشىش

6000دىن كۆپرەك نامرات نوپۇس شىنجاڭ ئىچىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

«چوڭ قىزىمدىن تېلېفون كەلدى! ئۇنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى خىزمىتى، تۇرمۇشى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىكەن، ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا 2600 يۈەن مائاش ئاپتۇ.» 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاينىساخان تۇردى ئائىلىسىنى ھۆددىگە ئالغان كادىر چۈ جيەنپىڭنى كۆرۈپ ئۇنى بۇ خۇش خەۋەردىن تەڭ بەھرىمەن قىلدى.

ئاينىساخان ئائىلىسى پۇرچاقچى بازىرى كۆلئېرىق كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ، ئائىلىدىكى ئالتە جاننىڭ ئىككى مولا يېرى بار ئىدى. ئېرىنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بولۇپ، ئائىلە يۈكى ئېغىر ئىدى. بۇ ئىككى يىلدا، چوڭ قىزى بۇزەينەپ ئابلاخەت كۈنلۈك ئىشلىگەنىدى، لېكىن كىرىمى ئىزچىل مۇقىم بولماي كەلدى.

«ناھىيە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنى شارائىتى نىسبەتەن ياخشى شىمالىي شىنجاڭدىكى شەھەر، بازارلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەشكىللەۋاتىدۇ، مائاش كىرىمى مۇقىم، سىزمۇ ئىشلەپ سىناپ باقامسىز؟» 3-ئاينىڭ بېشىدا، چۈ جيەنپىڭ بۇزەينەپنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنى تىزىملىتىشقا رىغبەتلەندۈردى. گەرچە ئىشلەيدىغان ئورۇن ئۆيىدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن بۇزەينەپ ئائىلىسىگە كۆپرەك تۆھپە قوشۇشنى ئويلاپ، بېرىشقا قىزىقىپ قالدى.

ئۇزاق ئۆتمەي، بۇزەينەپ نەچچە ئون يۇرتدىشى بىلەن بىرلىكتە شىمالغا بارىدىغان پويىزغا چىقىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىگە كەلدى. بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى باشقۇرۇش-مۇلازىمەت قىلىش تارىمىقىنىڭ ياردىمىدە، پۇتۇڭخۇاسى نىسبەتەن ياخشى بۇزەينەپ بىر ساياھەت مەنزىرە رايونىدا بېلەت ساتقۇچى بولدى. «چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، كۆپ پۇل تېپىپ، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرىمەن».

بۇ يىل شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى نامرات ئەمگەك كۈچلىرىدىن 50 مىڭ ئادەمنى شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 1400دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كارخانىلاردا ئىشلەش ئۈچۈن يولغا چىقتى. ئۇلار كارخانىلار بىلەن ئۈچ يىلدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى ئىمزالىدى، كارخانا تاماق، ياتاقنى كۆتۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ شەخسىي تاپشۇرىدىغان قىسمىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئۇلارنىڭ ھەر ئايدا قولىغا تېگىدىغان مائاشى 2000 يۈەندىن تۆۋەن بولمايدىكەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5000 يۈەندىن ئاشىدىكەن.

«بىز بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى تىزىملىتىشقا كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلدۇق. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەخسۇس بەنىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، 4-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 6197 نامرات نوپۇس شىنجاڭ ئىچىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى» دېدى جاڭ گۇەنجۈن.

مۇقىم تۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن نامرات ئائىلىلەردىن ئاز دېگەندە بىر ئائىلە بىر ئىش ئورنىغا ئىگە قىلىنىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

بىر كاڭ بىر ئائىلىدىكى ھەممەيلەن ئۇخلايدىغان جاي، قۇم-بورانلىق كۈنلەردە ئۆينى توپا بېسىپ كېتىدۇ، قۇرما تاملىق ئۆيلەردە تۇرۇش تولىمۇ تەس ئىدى... بۇ، بۇخەدىچە مەمتىمىن ئائىلىسىنىڭ باشقا جايغا كۆچۈشتىن ئىلگىرىكى ئەھۋالى ئىدى. 2019-يىلى 4-ئايدا، بۇخەدىچە ئائىلىسى قاراقاش ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى ئەڭ چوڭ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى − شىڭمىن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كەلدى، بۇ يەرگە ناھىيەدىكى 12 يېزا-بازاردىن كەلگەن 697 نامرات ئائىلە قوبۇل قىلىنغان.

قاراقاش ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ما شېڭبىن مۇنداق دېدى: «نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ‹كۆچۈرۈش›لا بولماستىن، ئاچقۇچ يەنىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش».

باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ خىزمەت ئورنى بولۇش، ھەقىقىي مائاشى 1500 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق ئۆلچىمى بويىچە، قاراقاش ناھىيەسى شىڭمىن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ئامانلىق ساقلاش، مۇھىت تازىلىقى، كارخانا مەشغۇلات ئىشچىسى قاتارلىق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، يەنە بىر قىسىم ئائىلىلەرنى دۇكان بىلەن تەمىنلىدى.

«ھازىر ئېرىم ناھىيەلىك تاشيول ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىدا ئىشلەيدۇ، مەن مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ياردەمچىسى بولدۇم، ئىككىمىزنىڭكىنى قوشقاندا ئايدا 3800 يۈەن كىرىم قىلالايمىز.» بۇخەدىچە ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىدىن ناھايىتى رازى ئىكەنلىكىنى، «نامراتلىق قالپىقىنى بالدۇرراق ئېلىۋېتىشنى قولغا كەلتۈرۈش»تە ئۈمىدكە تولغانلىقىنى ئېيتتى.

ما شېڭبىن مۇنداق تونۇشتۇردى: ناھىيە باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇددىئاسىغا ئاساسەن، مەھەللە ئىشچىسى تىپى، 3-كەسىپ مۇلازىمىتى تىپى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش تىپى، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش تىپى قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىغا ئايرىدى، ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن كونكرېت ئۇدۇللاشتۇرۇپ ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، نامرات ئائىلىلەردىن ئاز دېگەندە بىر ئائىلىنىڭ بىر ئىش ئورنىغا ئىگە بولۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

2018-يىلىدىن بۇيان، قاراقاش ناھىيەسى باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن نامرات ئەمگەك كۈچلىرىدىن 4402 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن نامرات ئائىلىلەردىن ئاز دېگەندە بىر ئائىلىنىڭ بىر ئىش ئورنىغا ئىگە بولۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

 (5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى«خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)