باش بەت>شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىدا مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-07-24 11:15:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئارزۇگۈل مۆمىن

ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىدا مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى: ليۇ شياڭ

سۈرەتتىكىسى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى كېرىيە ئايرودۇرۇمىنىڭ قۇرۇلۇش مەشغۇلات نەق مەيدانى. بۇ ئايرودۇرۇم دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، جىددىي قۇرۇلۇش قىلىپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. («شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى)

7-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى» نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىرتۇتاش ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 641 مىليارد 280 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.3 ئاشقان.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە «قايتا قوزغىتىش كۇنۇپكىسى»، «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى»نى باستى.

مۇقىملىق پايدىسى، سىياسەت پايدىسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پايدىسىنىڭ قوشۇلۇپ قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى، سودىنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى، تۈرلۈك ئاكتىپ ئامىللار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىدا مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمى پۇختا، ساغلام بولدى.

ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرىتى مۇقىم قايتا ئاشتى

1-كەسىپ مۇقىم بولدى، 2-كەسىپ ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە يۈكسىلىپ، 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگەردى... ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا كىشىنى رازى قىلىدىغان نەتىجە قەغىزىگە ئېرىشتى.

«ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلغان دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 95 مىليارد 294 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشتى؛ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى سىجىل قايتا ئېشىپ، ‹ئۈچ چوڭ تۈر› داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ئېشىشنى ساقلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 3246 كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىسىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.0 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. 6-ئايدىكى ئېشىش سۈرئىتى %12.2كە يېتىپ، 2014-يىلى 2-ئايدىن بۇيانقى يەككە ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىنى ياراتتى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى شۈ بىن.

يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى مۇلازىمەت كەسپى كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 86 مىليارد 819 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.6 تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 1-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىدىن 2.7 پىرسەنت پوئېنت تارايدى؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان تىجارەت پايدىسى 6 مىليارد 160 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.8 تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 1-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىدىن 8.8 پىرسەنت پوئېنت تارايدى.

تۆۋەنلەش نىسبىتىنىڭ ئۇدا تارىيىشى مۇلازىمەت كەسپىدە مۇقىم قايتا ئېشىش كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۈ بىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە قاچىلاش، چۈشۈرۈش، توشۇش ۋە ئىسكىلاتتا ساقلاش كەسپى زور دەرىجىدە ئېشىشنى ساقلاپ، ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 2 مىليارد 264 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%54.0 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ 0.9 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى؛ ئىلمىي تەتقىقات ۋە تېخنىكا مۇلازىمەت كەسپى مۇقىم ئېشىپ، ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 5 مىليارد 16 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.3 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى 1-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىدىن 3.6 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ 0.8 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى تۈرلۈك مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 21.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، قۇرۇلۇش تۈر سانى بۇلتۇرقى پۈتۈن بىر يىلنىڭ ئاز كەم %70ىگە يەتتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 1-كەسىپ سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.8 ھەسسە ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 167.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ 2-كەسىپ سېلىنمىسى %15.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ 3-كەسىپ سېلىنمىسى %29.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 23.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى سۈپەت، ئۈنۈمنىڭ قوش ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى

ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى ۋە بەزى كۆرسەتكۈچ خاراكتېرلىك سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئايلىنىشىدا ئىپادىلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ئەلالىنىشىدا ئىپادىلەندى.

تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنىڭ پايدىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى سىجىل كۈچەپ، يېڭى ئىقتىساد ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا بارغانسېرى گەۋدىلىك رول ئوينىماقتا. «ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.» شۈ بىن مۇنداق دېدى: «پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.2 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 24.0 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ سانائەت ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلىرى %12.2 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 13.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى».

بۇ يىلدىن بۇيان، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، ئەنئەنىۋى ئىستېمال ۋە كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى بىرقەدەر زور زەربىگە ئۇچرىدى. لېكىن يۇقۇم ئەھۋالى ئاستىدىمۇ يېڭى پۇرسەتلەر بار، مەسىلەن، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ۋەيمەي قاتارلىق كەسىپلەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادقا تىرەك بولۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى ھەم نۇرغۇن كەسىپنىڭ ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

توردا ئىستېمال قىلىش سىجىل ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە چەكتىن يۇقىرى يېمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار ئاممىۋى تور ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان تاماق كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىدىن 3.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 6-ئايدا %20.2 ئاشتى؛ چەكتىن يۇقىرى توپ ۋە پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ ئاممىۋى تور ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان تاۋار سېتىشى %27.2 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 6-ئايدا %60.9 ئاشتى.

ئالاقە تورى، ئالاقىدار مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئېشىشى كۈچلۈك بولدى. 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئالاقە تورى ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەت كەسپى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.1 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، كۆلەمدىن يۇقىرى ئالاقە تورىغا ئۇلاش ھەم ئالاقىدار مۇلازىمەت كەسپى %66.7 ئاشتى، ئالاقە تورى سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتى 1.6 ھەسسە ئاشتى، ئالاقە تورى ئويۇن مۇلازىمىتى كەسپى 2.9 ھەسسە ئاشتى.

«يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋەكىللىكىدىكى يېڭى تېخنىكىلار تېز تەرەققىي قىلدى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى ئېشىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېدى شۈ بىن.

ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى پۇختا، كۈچلۈك بولدى

بىر تەرەپتىن، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىمۇ پۇختا، كۈچلۈك بولدى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 339 مىڭ 700 ئادەم بولۇپ، يىللىق نىشان-ۋەزىپىنىڭ %75.5ى ئورۇندالدى؛ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن 2 مىليون 565 مىڭ ئادەم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان-ۋەزىپىنىڭ %95.0ى ئورۇندالدى؛ شەھەر-بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلاردىن 31 مىڭ 600 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان-ۋەزىپىنىڭ %79.1ى ئورۇندالدى، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىرقەدەر ياخشى ئورۇندالدى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش ئاساسىدا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 17 مىڭ 97 يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1-پەسىلدىكى %1.7 تۆۋەنلەشتىن %1.2 ئېشىشقا ئۆزگەردى؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 2066 يۈەن بولۇپ، %7.7 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى 1-پەسىلدىكىدىن 4.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

پۇقرالارنىڭ قولىدا پۇل بولغاندىلا، ئاندىن ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستېمال بازىرىدا تېز جانلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلغان جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 134 مىليارد 397 مىليون يۈەن بولۇپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 1-پەسىلدىكىدىن 17.8 پىرسەنت پوئېنت تارايغان. 4-ئايدىن بۇيان، چەكتىن يۇقىرى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىدا ئۇدا ئۈچ ئاي شۇ ئايدا مۇسبەت ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، 4 -، 5 -، 6-ئايلاردا ئايرىم-ئايرىم ھالدا %6.3، %10.6 ۋە %13.7 ئېشىپ، جەمئىي تۆۋەنلەش نىسبىتى سىجىل تارايغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI)مۇ مۆتىدىل ئۆرلەش ئارىلىقىدا تۇرماقتا. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالە ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.2 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 1.6 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن بولدى.

بۇ يىل دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تاماملىنىدىغان يىل. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 139 مىڭ نامرات ئائىلىگە 4 مىليارد 446 مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى تارقاتتى؛ 1 مىليارد 458 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 207 يېزا بەخت قورۇسى تۈرى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى.

«ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز چىقارغان بىر قاتار مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدىغان قوللاش ۋە يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسى تېگىشلىك نەتىجە-ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇردى.» شۈ بىن مۇنداق دېدى: «لېكىن بىز يەنە شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا يەنە بەزى ئېنىقسىز ئامىللارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز، كېيىنكى قەدەمدە، ھەرقايسى جايلار يەنە ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ئايلىنىشتا تېخىمۇ ياخشى جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك».