باش بەت>شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن يۈزبەرگەن يۇقۇمدا ئالتە نەپەر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

يوللانغان ۋاقىت:2020-07-30 11:03:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئارزۇگۈل مۆمىن

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چاۋ جىن، يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 7-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا ئالتە نەپەر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى بىرلىكتە كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇپ باھالاش ئارقىلىق، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنى ئايرىۋېتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. بۇلار، بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا تۇنجى تۈركۈمدە دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلار.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى لۇ چېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالتە نەپەر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىپ، تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا دۆلەتنىڭ 7-نۇسخىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇش-داۋالاش لايىھەسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بىرخىللاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى تەڭ قوللىنىپ ئۇنىۋېرسال داۋالاپ، ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. يۇقىرىقى ئاغرىق مىساللىرى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە دوختۇر-سېسترالار كوللېكتىپىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ داۋالىشى، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، كېسەللىك ئەھۋالى سىجىل ياخشىلاندى، ئۇدا ئىككى قېتىم ھەم ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەپەس يولى كېسەللىك قوزغاتقۇچى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مەنپىي چىقتى، تۈرلۈك خىمىيەلىك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچىلىرى، ئۆپكە قىسمىنى رېنتىگېنلىق تەكشۈرۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ھەممىسى نورمال بولدى.

ئالتە نەپەر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆزىتىپ باھالىشى ئارقىلىق، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 7-نۇسخىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»دىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنى ئايرىۋېتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.