باش بەت>شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى

يوللانغان ۋاقىت:2020-12-10 11:21:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئارزۇگۈل مۆمىن مەسئۇل مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا يەنە مول ھوسۇل ئېلىنىپ، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇقىم ئىشلەپچىقىرىلىپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆسكەن، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلار مول ھوسۇل ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقى ئاشتى، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مۇقىم قەدەمدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. يېزا ئىگىلىك ئەھۋالىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇغداي ئومۇمىي مەھسۇلاتى بۇلتۇرقىدىن 336 مىڭ توننا، كۆممىقوناق ئومۇمىي مەھسۇلاتى بۇلتۇرقىدىن 374 مىڭ توننا، باشقا تۈرلۈك كۈزلۈك ئاشلىق 243 مىڭ توننا ئېشىپ، «ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەمىنلەش، ئوزۇقلۇق ئاشلىق مۇتلەق بىخەتەر بولۇش» خىزمەت نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشى بىلەن بىللە، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىمۇ يەنە ئۆستۈرۈلدى. بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر مو يەرگە بېرىلىدىغان كۈزگى بۇغداي ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى 180 يۈەندىن 220 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، ئەلا سۈپەتلىك كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە يېتەكچىلىك قىلىنىپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش ساننى ئاشۇرۇشتىن سان، سۈپەتنى تەڭ ئۆستۈرۈشكە ئۆزگەرتىلدى. ئوخشاش بولمىغان سۈپەتتىكى بۇغداينىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىۋېلىش يەككە باھاسى 0.1 يۈەندىن 0.5 يۈەنگىچە ئۆستۈرۈلدى. قىسمەن رايونلاردا چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكە بولۇپ ئىلگىرى سۈرۈشى نەتىجىسىدە، دانلىق كۆممىقوناقنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىلىش باھاسى 0.5 يۈەندىن 0.7 يۈەنگىچە ئۆستۈرۈلدى، نۇرغۇن دېھقان ئائىلىسى كۈزگى بۇغداي + ئېڭىزغا سىلوس قونىقى تېرىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، مو بېشى كىرىمىنى 1000 يۈەندىن ئاشۇردى، بۇ، ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا تارماقلىرى پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مەركەزلىشىشكە پائال يېتەكلەپ، 2 مىليون موغا يېقىن كېۋەز تېرىشقا قىسمەن باب كېلىدىغان رايون ۋە خەۋپ-خەتىرى بار كېۋەز رايونلىرىنى كېۋەز تېرىشتىن چېكىندۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا مېۋە بىلەن كېۋەزنى كىرىشتۈرۈپ تېرىش كۆلىمىنى يەنىمۇ ئازايتىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى كۆلەملەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، مۆلچەرلىنىشىچە، پاختىنىڭ بىرلىك ھوسۇلىدا ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، ھەر مو يەردىن ئېلىنىدىغان ھوسۇل بۇلتۇرقىدىن 4.3 كىلوگىرام ئېشىپ، 123 كىلوگىرام (ساپ پاختا)غا يېتىدىكەن.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە قىشلىق كۆكتات تېرىش ۋە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك كۆكتات بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. يېزىلارنى كۆكتات بىلەن تەمىنلەشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا، قىش پەسلىدە سىرتتىن كۆكتات يۆتكەپ كەلمەسلىكنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرغان ئەھۋالدا، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات ئىستېمال مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى 30 كۈندىن 60 كۈنگە ئۆستۈرۈلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشلىق كۆكتاتنى ئېڭىزغا تېرىش كۆلىمى جەمئىي 824 مىڭ موغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 145 مىڭ مو كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %21.9 بولدى، مۆلچەرلىنىشىچە، ھوسۇلى 1 مىليون 887 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %17.9 ئاشىدىكەن.

ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىشنىڭ ئىشقا ئېشىشىنىڭ پايدىسىدا، بۇ يىل ئاشلىق، پاختا كىرىمىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىمۇ ئېشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىگەن.