باش بەت>شىنجاڭ

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە نەتىجە مول بولدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-12-21 11:08:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئارزۇگۈل مۆمىن مەسئۇل مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە نەتىجە مول بولدى

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تارىخنى دەلىللەش، شۇنداقلا مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتىدە مول نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، نەتىجىلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى؛ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش سالمىقى مىسلىسىز بولدى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى «بىخەتەرلىك تورى» بارغانسېرى زىچ توقۇلدى؛ مۇزېيلار ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن تارتىپ ناھىيە، شەھەرلەرگىچە تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ پۇقرا مۇزېي ئارقىلىق تارىخ ۋە مەدەنىيەت بىلەن ئۇچرىشالايدىغان بولدى؛ يېڭى تېخنىكا قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئەۋج ئالدۇردى.

ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى

«كۆپ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىدە مۇھىم بايقاشلار ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئالاقىدار ساھە تەتقىقاتىدىكى بوشلۇق تولدۇرۇلدى.» 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۇڭ شىنچاۋ شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۆپ تەرىپلىدى.

«13-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى «جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» ناملىق مۇھىم، زور تۈرنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بەش يىلدا تەشەببۇسكار تۈردىن 64نى يولغا قويدى، قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى 10 مىڭدىن ئاشتى، كۆپ تۈرلۈك ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش دۆلەت ئىچى-سىرتىدا بىرقەدەر زور تەسىر قوزغىدى.

جېمىنەي تۇڭتيەندۇڭ خارابىسىنى قېزىشتا، بۇنىڭدىن 45 مىڭ يىل ئىلگىرىكى كونا تاش قوراللار ھەمدە روشەن يەر قاتلىمى مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولغان بىرونزىدىن دەسلەپكى تۆمۈر قوراللار دەۋرىگىچە بولغان مەدەنىيەت جۇغلانمىسى بايقىلىپ، جۇڭگودا تىپىك كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى مۇستېرىيان مەدەنىيىتى تىپى كەمچىل بولۇشتەك بوشلۇق تولدۇرۇلدى. بۇ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى 2017-يىلى مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

غەربىي تىيانشان بورتالا دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى خۇستا خارابىسى ۋە نىلقا جىرىنتاي جىلغا ئېغىزى خارابىسى، شەرقىي تىيانشان رايونىدىكى خەيزىيەن خارابىسى ۋە خېيشەنلىڭ تۇركۋويس كان خارابىسىنى قېزىش شەرقىي، غەربىي تىيانشان رايونىنىڭ تارىختىن ئىلگىرىكى ئارخېئولوگىيەلىك مەدەنىيەت شەجەرىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئىگە قىلدى. 2018-يىلى، نىلقا جىرىنتاي جىلغا ئېغىزى خارابىسى مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى خارابە توپىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش چېتىلىدىغان بۈگۈر ناھىيەسىدىكى كۈيۈك شەھەر قەدىمىي شەھىرى، زوركۈت قەدىمىي شەھىرى خارابىسىنى قېزىشتىمۇ مۇھىم، زور ئىلگىرىلەش بولدى.

گۇچۇڭدىكى شىچېڭزىنى قېزىش كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى، قەدىمىي شەھەردىن قېزىۋېلىنغان يادىكارلىقلار «يوقىلىپ كەتكەن» خەن دەۋرىدىكى «سۇلى شەھىرى»نى قايتىدىن نامايان قىلدى. شىچېڭزى خارابىسى 2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

لوپنۇر ناھىيەسىدىكى قىياق قۇدۇق تۇر خارابىسىنى قېزىش كىشىلەرنى يېڭى خۇشاللىققا چۆمدۈردى، ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش تارىخىي ھۆججەتلەردىكى تاڭ دەۋرىدىكى ھەربىي بازار مۇداپىئە سىستېمىسى خاتىرىلىرى توغرىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. بۇ تۈر دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ 2019-يىللىق «جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» بويىچە يىپەك يولى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشىدىكى مۇھىم، زور نەتىجە شەرىپىگە ئېرىشتى.

شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لى ۋېنيىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى تارىختا مەركىزىي سۇلالىلەرنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقىنى دەلىللەش، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلۈش سىستېمىسىنىڭ ئورنىتىلىشى، يىپەك يولى بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە شەرق بىلەن غەربنىڭ ئالماشتۇرۇش تارىخىي جەريانى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ تارىخىي مەنبەسى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىزدىنىشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش سالمىقى مىسلىسىز بولدى

12-ئاينىڭ بېشىدا، چاقىلىق ناھىيەسى چېگراسى ئىچىدىكى كىروران قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، ئۈچ ئېغىز ئۆي ۋە بۇددا مۇنارى خارابىسى خەتەردىن قۇتقۇزۇلۇپ مۇستەھكەملىنىپ، لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، خەن، جىن دەۋرىدىكى يىپەك يولىدىكى بۇ داڭلىق شەھەرنىڭ «ئۆمرى ئۇزارتىلدى».

بۇ يىل 6-ئايدا، 15 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان كۇچا قىزىلقاغا تۇر خارابىسىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.

2019-يىلى 9-ئايدا، كۇچا شەھىرىنىڭ تارىم يېزىسى يېڭىدەريا كەنتىدىكى شەرقىي چۆللۈككە جايلاشقان تاڭۋاڭچېڭ خارابىسىنى خەتەردىن قۇتقۇزۇپ مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى پۈتتى.

2019-يىلى 8-ئايدا، ماناس ناھىيەسى تاسىرقاي دەرياسى قەدىمىي قەلئە تۇرى، تۇر كەنتى تۇرىدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى تۇر خارابىسىنى قوغداش، مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەتچىلىرى يەنە قىزىل مىڭئۆي، قۇمتۇرا مىڭئۆيىنىڭ تاغ جىنس گەۋدىسىنى خەتەردىن قۇتقۇزۇپ مۇستەھكەملەش، تام رەسىملىرىنى رېمونت قىلىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، خەۋپتە قالغان مىڭئۆيلەرنى «خەتەردىن قۇتقۇزدى».

«13-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلەت جەمئىي 2 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشقا ئىشلەتتى. «دۆلەت تارىخىي ئەسلىمىلەر قۇرۇلۇشى» ۋە «دۆلەت قىزىل ئەسلىمىلەر قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق، سەددىچىن سېپىلى تۇرى، كارىز قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىدىن 100دىن كۆپرەكى يولغا قويۇلدى، نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خارابىسى بولغان يارغول قەدىمىي شەھىرى، بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق كۆرگەزمە قىلىپ پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىدىن 30دىن كۆپرەكى قانات يايدۇرۇلدى. سالمىقىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى.

2017-يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون ھەريىلى 22 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قارىغۇچىلىرىنىڭ مەخسۇس خىراجىتىگە ئىشلىتىپ، دالىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سەييارە تەكشۈرۈش قىيىن بولۇش، قاراش قىيىن بولۇش ئەھۋالىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىق بىر قاتار ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن سىياسەت «بىخەتەرلىك تورى» بەرپا قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت نازارىتى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدا 900دىن كۆپرەك دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قارىغۇچىسى بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭغا تارقالغان مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرى ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئۈنۈملۈك قوغداشقا ئېرىشكەن.

مۇزېيلار «ۋاڭخۇڭ داكا جاي»غا ئايلاندى

بۇ يىلقى «ئۆكتەبىر» بايرىمى مەزگىلىدە، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەن خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېينىڭ يېڭى سارىيى ئېچىلىپ ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۈتۈۋېلىپ، زور تۈركۈم ئېكسكۇرسىيەچىنى جەلپ قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە نىيە خارابىسى مەخسۇس كۆرگەزمە زالىدا نىيەدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش نەق مەيدانى قايتا نامايان قىلىنىپ، كىشىگە شۇ يەردە تۇرغاندەك تۇيغۇ بېرىپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى پۇخادىن چىقاردى.

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇزېينىڭ يېڭى سارىيى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مۇزېينىڭ يېڭى سارىيى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك مۇزېيلار ئارقا-ئارقىدىن ئېچىۋېتىلدى. يېڭىدىن سېلىنغان يېڭىسار، لوپ، موڭغۇلكۈرە، ماناس قاتارلىق ناھىيە، شەھەر دەرىجىلىك مۇزېيلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن پۈتۈپ ئېچىۋېتىلدى.

«13-بەش يىل» پۈتۈن شىنجاڭدا مۇزېي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان مەزگىل، ھازىر 92 مۇزېي بولۇپ، مۇزېيلارنىڭ ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن تارتىپ ناھىيە، شەھەرلەرگىچە تولۇق قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 370 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايوننىڭ «13-بەش يىل»دىكى نۇقتىلىق تۈرى بولۇپ، ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملاندى، مۆلچەرلىنىشىچە، 2021-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئېچىلىپ ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۈتۈۋالىدىكەن.

مول ھەم ئۆزگىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقى، ئېسىل ئەسلىھەلەر ۋە مۇلازىمەت پۈتۈن شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مۇزېينى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن «ۋاڭخۇڭ داكا جاي»غا ئايلاندۇردى. 2019-يىلىلا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مۇزېيلار 200دىن ئارتۇق تۈرلۈك كۆرگەزمە ئۆتكۈزدى، جەمئىي 5 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالدى. بۇنىڭدىن سىرت، تۈرلۈك «كۆچمە مۇزېي»لار ھەر مىللەت ئاممىغا 3 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق نەپ يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن 95 جايدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خارابىسى نۇقتىسى ساياھەت قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.

«13-بەش يىل» مەزگىلىدە، رەقەم تېخنىكىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشى قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى «تىرىلدۈردى». بۇ يىل 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىنجاڭ مۇزېيى بىلەن تېڭشۈن تورى ھەمكارلىشىپ، بىر مەيدان توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى ئۇيۇشتۇردى. 55 مىنۇتتا، چۈشەندۈرگۈچى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى باشلاپ «شىنجاڭ تارىخى كۆرگەزمە زالى»غا كىرىپ، نەچچە ئونمىڭ كىشىنى جەلپ قىلدى. قومۇل مۇزېيىنىڭ «بۇلۇت تېرمىنالى كۆرگەزمە زالى»مۇ تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇزېي يان تېلېفون APP نۇسخىسىدىكى «بۇلۇت تېرمىنالى مۇزېيى»نى ئوتتۇرىغا چىقاردى. تۇرپان مۇزېيى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا «تۇرپان مۇزېيىنى بۇلۇتتا ئېكسكۇرسىيە قىلىش» يۈرۈشلۈك كۆرگەزمىسىنى يولغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇلۇت بىۋاسىتە كۆرسىتىش، بۇلۇت تېرمىنالى كۆرگەزمە سارىيى پۈتۈن شىنجاڭدىكى مۇزېيلار كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خوۋ خەنمىن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خارابىلىرى، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى شىنجاڭنىڭ <تۆت تارىخ>ىنى ئىزاھلايدىغان ئەڭ ياخشى تىرىك لۇغەت.» ھازىر، پۈتۈن شىنجاڭغا تارقالغان مۇزېي ۋە داڭلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خارابىسى مەنزىرە نۇقتىلىرى ھەر مىللەت ئامما تارىخىي مەدەنىيەتنى ئۆگىنىدىغان، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدىغان جانلىق دەرسخانىغا ئايلاندى.