باش بەت>شىنجاڭ

تاغ جىلغىسىدىن تارقىلار سەھرا پۇرىقى يىراقلاردا ئۈزۈلمەس يۇرت سېغىنىشى

يوللانغان ۋاقىت:2020-12-21 11:44:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئارزۇگۈل مۆمىن مەسئۇل مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم

يۆلىياڭدى كەنتى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

تاغ جىلغىسىدىن تارقىلار سەھرا پۇرىقى يىراقلاردا ئۈزۈلمەس يۇرت سېغىنىشى

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ خۇي

12-ئاينىڭ 5-كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ئېگىنبۇلاق يېزىسىنىڭ يۆلىياڭدى كەنتىگە باردۇق، كۆك رەڭلىك تاش تاختا ياتقۇزۇلغان كەنت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قاتار-قاتار پېشايۋانلىق ئۆيلەردىن قەدىمىي پۇراق چىقىپ تۇراتتى، كۈل رەڭلىك كاھىش، سوقما تام، چىرايلىق قۇياش، كۆك ئاسمانغا يىراقتىكى قارلىق تاغنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن تىنچ، گۈزەل، ئازادە يېزا مەنزىرىسىنى كۆردۇق.

شۇ كۈنى، كەنت ئاھالىسى يەن شياڭبىن ئائىلىسى ئاچقان «يەنلاۋۋۇ قونالغۇسى»دا يەن شياڭبىن ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى پېشايۋانلىق ئۆيىدىكى پۇقراۋى قونالغۇدا ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرگە چۈشلۈك دېھقان تامىقى تەييارلاۋاتاتتى. يەن شياڭبىننىڭ پېشايۋانلىق ئۆيى 100 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە بولۇپ، تاشقى كۆرۈنۈشتە بۇرۇنقى ئۆينىڭ ئەسلىي قىياپىتى ۋە ئەندىزىسى ساقلاپ قېلىنغان، بىراق ئۆي ئىچى ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق زامانىۋى پۇراققا ئىگە قىلىنغانىدى. ساياھەتچىلەر بۇ يەردە WiFiدا تورغا چىقالايدۇ، سۇلۇق ھاجەتخانا ئىشلىتەلەيدۇ، يۇيۇنسا 24 سائەت ئىسسىق سۇ بار، ئۆلچەملىك ئاشخانىغا ھەممە ئەسلىھە تولۇق سەپلەنگەن.

يۆلىياڭدى كەنتىدىكى تۇنجى پۇقراۋى قونالغۇ ئاچقان كەنت ئاھالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەن شياڭبىن يۆلىياڭدى كەنتىنىڭ يېزا-كەنت ساياھىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى.

«مەن ئىلگىرى ئىزچىل يەر تېرىيتتىم، قوشۇمچە دېھقانچىلىق ماشىنىسى مەشغۇلاتى قىلاتتىم، ئالدىنقى بىرنەچچە يىلدا كەنتكە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يەرنى ئوبوروت قىلىپ، دېھقانچىلىق ماشىنىسىنىمۇ ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، پېشايۋانلىق ئۆيۈمدە پۇقراۋى قونالغۇ ئاچتىم، ھەربىر ساياھەتچىنىڭ بىر كۈنلۈك ياتاق، تامىقى 130 يۈەن، بىر يىلدا قىلغان كىرىمىم يەر تېرىغاندىكىدىن كۆپ ياخشى بولدى.» يەن شياڭبىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بىرنەچچە يىلدا پۇقراۋى قونالغۇ تىجارىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ قونالغۇسىمۇ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، دەسلەپكى بەش ئېغىزلىق ياتاق ئۆيدىن ھازىرقى 11 ئېغىزغا كۆپىيىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنتتە پۇقراۋى قونالغۇلارمۇ كۆپىيىپ 30دىن ئېشىپتۇ.

يۆلىياڭدى كەنتى ئىلگىرى تاغ جىلغىسىدىكى نامرات چەت جاي ئىدى، ئەمما، بۇ يەردە نۆۋەتتە شىنجاڭدا بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلانغان ئەنئەنىۋى كەنت ۋە ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەر بار. ھازىرغا قەدەر، كەنتتە يەنىلا 100 نەچچە يىل ئىلگىرىكى «پۈتۈن رامكىلىق ياغاچ قۇرۇلمىلىق» پېشايۋانلىق ئۆي-ئىمارەتلەر توپى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئاددىي ۋە قەدىمىي كەنتتىن قويۇق سەھرا مەدەنىيىتى پۇرىقى تارقىلىپ تۇرىدۇ.

يۆلىياڭدى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يەن شياڭفۇ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيە 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يۆلىياڭدى كەنتىدە ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش ۋە ئېچىش خىزمىتىنى يولغا قويۇشنى پۈتۈن كەنت بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى كەنتنىڭ قىياپىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئەسلىگە كەلتۈردى. پۈتۈن كەنتتىكى 144 ئائىلىلىك ئەنئەنىۋى تۇرالغۇنى رېمونت قىلىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەم ئەنئەنىۋى تۇرالغۇلارنىڭ تاشقى ئەسلىي قىياپىتىنى قوغداپ ھەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، قويۇق سەھرا مەدەنىيىتى پۇرىقىغا ئىگە قەدىمىي، ئاددىي كەنت مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىپ، «قەدىمىي تۈس، قەدىمىي پۇراق، قەدىمىي ئۇسلۇب، ساپ ئەسلىي ئېكولوگىيە»گە ئىگە ئەنئەنىۋى خاس كەنتنى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، كەنت يەنە ئەنئەنىۋى مىللىي ئۆرپ-ئادەت، توي-تۆكۈن، بايرام مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى قايتا يارىتىپ، يۆلىياڭدى كەنتىگە كەلگەن ھەربىر ساياھەتچىگە بالىلىق چاغلىرىدىكى سەھرا ئەسلىمىلىرىنى ھېس قىلدۇردى. قەدىمىي كەنتنى تاماشا قىلىش، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش، ئويۇن كۆرۈش، «يەرلىك مال»لارنى سېتىۋېلىش، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش، پۇقراۋى قونالغۇدا قونۇش نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى سەۋەبى بولۇپ قالدى.

2014-يىلى، يۆلىياڭدى كەنتى دۆلەتنىڭ 3-تۈركۈمدىكى «جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنت» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. 2018-يىلى، يۆلىياڭدى كەنتى يەنە «جۇڭگودىكى گۈزەل ئىستىراھەت يېزا-كەنتى»نىڭ بىرىگە ئايلاندى. يەن شياڭفۇ مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋى كەنتنىڭ «جەلپكار»لىقى ئاشتى، ساياھەتچىلىك يۆلىياڭدى كەنتىنىڭ تۈۋرۈك كەسىپلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

2018-يىلى 4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆپ يىل تىرىشىپ ئىشلىگەن خۇ جيەنگاڭ ۋە خوتۇنى ئۇزاق يىل ئاچقان ئاشخانىسىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، يۇرتى يۆلىياڭدى كەنتىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆز ھويلىسىدا لەنيۆلياڭ قونالغۇسىنى ئاچتى.

«ھازىر 11 ئېغىز ياتاق ئۆيىمىز بار، 50 ئادەمنى قوندۇرالايمىز، 30 ئادەمگە بىرلا ۋاقىتتا تاماق تارتالايمىز.» خۇ جيەنگاڭنىڭ ئېيتىشىچە، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ كىرىمىمۇ ئاشقان، ئەڭ ياخشى بولغان يىلى 200 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلغان.

ئەتراپتىكى قەدىمىي، ئاددىي پېشايۋانلىق ئۆيلەر، ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى قاتمۇقات تۇتاش كەتكەن تاغلار، مۇشۇنداق گۈزەل مەنزىرىلىك يۆلىياڭدى كەنتى ھەرقايسى ساھەدىكى سەنئەتكارلار ۋە سەنئەت مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ رېئال مەنزىرە سىزىش ئىجادىيىتى بازىسىغا ئايلاندى.

«ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە ياغلىق ئاپتاپپەرەس، قىچا چېچەكلىگەندە، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى قاتارلىق مەكتەپلەر ۋە سەنئەت تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار كەنتكە كېلىپ رېئال مەنزىرىلەرنى سىزىدۇ. ئۇلار بىر تۇرغانچە 10-20 كۈن تۇرىدۇ، بىز ياتاق-تامىقىغا مەسئۇل بولىمىز، بەزىدە ئاپتوموبىل بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى تاغقا رېئال مەنزىرىلەرنى سىزىشقا ئېلىپ چىقىمىز.» رېئال مەنزىرە سىزىش ساياھىتىنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغاندا، يەن شياڭبىن مۇنداق دېدى: ئۇ چاغدا ئۆيىمىزدىكى ياتاقلار توشۇپ كېتىدۇ، يېتىشەلمەي قالغاندا، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى ياردەملىشىشكە تەكلىپ قىلىمىز.

يېزا-كەنت ساياھىتى جانلىنىپ، يۆلىياڭدى كەنتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىغا تۈرتكە بولدى. دېھقانلار قولدا تەييارلىغان موما، ماخار، گوكەي، خۇاجەر، پىنتوزا، ئۆزلىرى تېرىغان ئەمەن، سېرىق خۇاسەي، ئۆزلىرى قۇرۇتقان چەيزە قېقى، لازا قېقى، جاڭدۇ قېقى، ئۆزلىرى باققان يەرلىك توخۇ قاتارلىق شۇ جايدىكىلەر ئۆزلىرى ئىستېمال قىلىدىغان دېھقانلارنىڭ «يەرلىك مال»لىرى ھازىر ساياھەتچىلەر تالىشىپ سېتىۋالىدىغان مالغا ئايلىنىپ، تاللاپ سېتىۋېلىنىپ شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ ئارقا ساندۇقىغا قاچىلاندى.

كەنت ئاھالىسى شى چۈنمېي ئىككى يىل ئىلگىرى يېرىنى ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن، قولدا موما تەييارلاش ھۈنىرىنى قايتىدىن قولىغا ئېلىپ، كەنتتە يەرلىك تونۇر مومىسى، قۇرۇتۇلغان موما سېتىشقا باشلىدى، سېتىلىشى ئىزچىل ياخشى بولدى، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىدە بىر كۈنلۈك تىجارەت سوممىسى 2000 يۈەندىن ئاشتى. «ساياھەتچىلەر كۆپەيدى، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى سېتىش ناھايىتى قولايلاشتى، بىز ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن نەپكە ئېرىشىپ، ‹ساياھەتچىلىك تامىقى›نى يېدۇق» دېدى شى چۈنمېي خۇشال ھالدا.

يەن شياڭفۇ مۇنداق بىلدۈردى: يۆلىياڭدى كەنتى يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېزىلاردا قولدا ئاچچىقسۇ تەييارلاش، قولدا كەسمە چۆپ تەييارلاش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھۈنەرلەرنى قايتىدىن قولىغا ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بېيىتىپ، پۈتۈن كەنتنىڭ 1-، 2-، 3-كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆرپ-ئادەت ساياھىتى، رېئال مەنزىرە سىزىش ساياھىتى، تەتقىق قىلىش-ئۆگىنىش ساياھىتى قاتارلىق مەدەنىيەت-ساياھەت يۇغۇرما كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى «ساياھەتچىلىك تامىقى»نى تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ مەززىلىك يېيەلەيدىغان قىلدى.