باش بەت>شىنجاڭ

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق كىشى بېشى پايدا تەقسىمات كىرىمى «ئۇدا ئۈچ يىل ئاشتى»

يوللانغان ۋاقىت:2020-12-25 10:49:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئارزۇگۈل مۆمىن مەسئۇل مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم

دۇڭجياۋەن كەنتى يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتتى ـــ

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق كىشى بېشى پايدا تەقسىمات كىرىمى «ئۇدا ئۈچ يىل ئاشتى»

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ خۇي

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ رەت-رەت چىرايلىق تۇرالغۇ ئۆيلىرى، قاتار-قاتار رەتلىك دۇكانلار، پاكىز ئاسفالت يوللار، ھەيۋەتلىك تەنتەربىيە سارىيى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈلكە پارلاپ تۇرغان چىرايلىرى... بۇ، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى دۇڭجياۋەن كەنتىنىڭ كىشىلەرگە بېرىدىغان بىرىنچى تەسىراتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2016-يىلى، دۇڭجياۋەن كەنتى يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا باشلاپ، 2018-يىلى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى ھەم كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. بۇ كوپىراتىپقا تايىنىپ، بۇ كەنت يەرنى پاي قىلىپ قوشۇش، پاينى بىرلىشىپ باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق، يېزا مۈلۈك بايلىقىنى جانلاندۇرۇپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى يۈكسەلدۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈردى. ھازىرغا قەدەر، دۇڭجياۋەن كەنتىنىڭ كوللېكتىپ جۇغلانما مەبلىغى 17 مىليون يۈەنگە يەتتى، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بۇ يىللىق كىرىمى 3 مىليون يۈەنگە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇ يىللىق كىشى بېشى پايدا تەقسىماتى 1800 يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن، كەنت «ئۇدا ئۈچ يىل ئېشىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن ۋاڭ فېڭ ئالدىنقى يىللاردا ئىزچىل سىرتتا ئاپتوموبىل ھەيدەپ يۈردى، كەنتتە كوللېكتىپ ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ يۇرتىغا قايتىپ يەر ھۆددىگە ئېلىشقا باشلىدى. «تىجارەت كىرىمىمدىن باشقا، ھەر يىلى يەنە ‹چوڭ قىزىل بولاق› ئالالايمەن. 2018-يىلى 1052 يۈەن، 2019-يىلى 1287 يۈەن ئالدىم» دېدى ۋاڭ فېڭ.

كەنت كوللېكتىپ بايلىقىنى پايغا سۇندۇرۇپ مىقدارلاشتۇرغاندىن كېيىن، قايسى كىشىلەرگە پايدا تەقسىم قىلىنىدۇ؟ قانداق تەقسىم قىلىنىدۇ؟

«بىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شۇ كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىدىكى ئەمگەك ۋاقتى ۋە قوشقان تۆھپىسىنى پايغا سۇندۇردۇق.» دۇڭجياۋەن كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ۋۇ چاڭۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق كەنت كوللېكتىپىنىڭ 10 مىليون 780 مىڭ يۈەنلىك تىجارەت خاراكتېرلىك مۈلكىنى مىقدارلاشتۇرۇپ پاي قىلدۇق، 1610 كەنت ئاھالىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پايچىكى بولدى.

2020-يىلى دۇڭجياۋەن كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى باشقا ئىككى كەنتتىكى كوللېكتىپ ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن بىرلىشىپ، ناھىيەلىك تەمىنات-سودا كوپىراتىپى مۈلۈك باشقۇرۇش مەركىزى بىلەن پاي قوشۇپ ھەمكارلىشىپ، تيەنتىڭيۈەن تەمىنات-سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى تەشكىللەپ قۇردى. يېڭىدىن قۇرۇلغان تيەنتىڭيۈەن تەمىنات-سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دۇڭجياۋەن كەنتى، سەككىز تۈتۈن كەنتى ۋە خەيزىيەن كەنتىدىكى 24 مىڭ مو يەرنى زىرائەت تېرىش، يىغىش، پەن-تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق «بىر يۈرۈش» مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، «پايچىلار شىركەتنىڭ مۇلازىمىتىنى سېتىۋالسا، شىركەت پايدىنى پاي ئىگىلىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قايتۇرۇپ بېرىدىغان، پاي ئىگىلىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى پايچىلارغا پايدا تەقسىملەپ بېرىدىغان» يېپىق ھالقىلىق كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى، كەنت كوللېكتىپىنىڭ يىللىق كىرىمى 1 مىليون 600 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، كەنت ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن كۆپ نەپكە ئېرىشتى.

ۋاڭ فېڭ بۇ يىل 3400 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، شوخلا، بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىقلارنى تېرىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تيەنتىڭيۈەن تەمىنات-سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر تېلېفون بىلەنلا كۆپ خىل يېزا ئىگىلىك تىجارەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، زېھنىي كۈچنى، تەننەرخنى تېجەپ قالىدىغان بولدۇق، «مەسىلەن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرغاندا، ئادەتتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئائىلىسىنى تېپىپ ئاغدۇرساق، ھەر مو يەرنىڭ باھاسى 25 يۈەن بولاتتى، ھالبۇكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مۇلازىمەت باھاسى ھەر مو يەرنىڭ 23 يۈەن، مۇشۇ بىر تۈردىنلا بىر يىلدا 7000 يۈەنگە يېقىن پۇل تېجەپ قالغىلى بولىدۇ».

ۋۇ چاڭۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: دۇڭجياۋەن كەنتى يەنە ئاشكارا ئىجارىگە بېرىش، تىجارەتنى ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كەنتنىڭ «تۆت قاقاس يەر» بايلىقىنى ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىكى ئالدىدا دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇردى ھەم ھاراق زاۋۇتى، كەسمە چۆپ زاۋۇتى قاتارلىق ئۈچ كارخانىنى كىرگۈزۈپ مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە 40تىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭدىن سىرت، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە جىمىسار ناھىيەسىدىكى دۆلەت مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىگە پاي قوشۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كۆپ خىل شەكىلدىكى يېزا پاي ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زورايتتى، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كۆپ يوللۇق كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورنىتىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە يىلمۇيىل پايدا تەقسىملەپ بەردى.

ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، دۇڭجياۋەن كەنتى كوللېكتىپ ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەرنى پاي قىلىپ قوشۇش شەكلىنى قوللىنىپ، تيەنخې جيايۈەن ئولتۇراق رايونى قۇرۇپ، جەمئىي 20 كورپۇس 720 يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي سالدى. كەنت ئاھالىلىرى شارائىتى ئاددىي بىر قەۋەتلىك ئۆيلەردىن ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولغان بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمى 3 مىليون 200 مىڭ يۈەن ئاشتى.

«يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كەنت ئاھالىلىرىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى.» ۋۇ چاڭۋېي مۇنداق بىلدۈردى: كەنت يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات پايدىسىدىن بەھرىلەندۈرۈش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.