باش بەت>شىنجاڭ

يالغان-ياۋىداق سۆز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئاتلىنىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2021-02-05 16:14:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم

 

قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى   پەرھات روزى

يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو «ئەسىر يالغان-ياۋىداق سۆزى»نى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا «ئىرقىي يوقىتىش» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى» ئۆتكۈزدى دەپ بوھتان چاپلىدى. پومپېئودا ئەزەلدىنلا ئازراقمۇ تۆۋەن چەك يوق، ئۇ قىلچە تەپ تارتماستىن «يالغان سۆزلەش، ئالدامچىلىق قىلىش، ئوغرىلىق قىلىش»نى كىشىلىك ھايات ئەقىدىسى قىلغان، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان مەزگىلدە كۆپ قېتىم شىنجاڭغا بوھتان چاپلاپ، قارا چاپلاپ، ئۇيغۇر مىللىتى كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بۇرمىلىغان، بۇ بىمەنە سەپسەتىلەر پەقەت ئۇنىڭ سىياسىي دەسمايىغا ئېرىشىشتە ئادەتلەنگەن ھىيلە-نەيرىڭى بولۇپ، بىمەنە، كۈلكىلىك، ئۆز-ئۆزىدىن بىتچىت بولىدۇ. مەن شىنجاڭدا تۇغۇلغان، شىنجاڭدا چوڭ بولغان، شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆز بېشىمدىن كەچۈردۈم، شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىغا قارىتا ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

شىنجاڭنى پىششىق بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شۇنى بىلىدۇ، ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى يامراپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ۋەكىللىكىدىكى تېررورچى كۈچلەر قەشقەردە بىر قاتار قانلىق، كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى. بۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو)ۋەقە(لىرى قەشقەردىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ئېغىر، زور ئاپەت ئېلىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، قانۇن بويىچە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى ئەڭ زور چەكتە يوقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۇقرالىق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭدا ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرى يۈزبەرمىدى، ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بىز پومپېئونىڭ كۆزىنى ئېچىپ ھازىرقى شىنجاڭنى كۆرۈپ بېقىشىنى، بۈگۈنكى كۈندىكى قەشقەرنى كۆرۈپ بېقىشىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت خۇشاللىنارلىق مەنزىرىنى كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. پاكىت ئالدىدا، ھەرقانداق يالغان-ياۋىداق سۆز ئۆز-ئۆزىدىن بىتچىت بولىدۇ.

بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتتۇق، ھەر مىللەت ئامما بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈۋاتىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇردۇق، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتۇق ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق ياراتتۇق، ياشلار، ئۆسمۈرلەر قول تۇتۇشۇش قۇرۇلۇشى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكىرى رايوندىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن قوشماقلىشىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردۇق، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا كەڭ ئالاقىلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، ھېسسىياتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، ئىتتىپاقلىشىپ كۆيۈنىدىغان، ئىناق ئۆتۈپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

بىز پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتى، دىن سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈردۇق. پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى، تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتى قوغدالدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى؛ مەخسۇس پۇل ئاجرىتىلىپ ھېيتگاھ مەسچىتى، ئىپارخان مەقبەرىسى قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت قەدىمىي ئىزنالىرى رېمونت قىلىندى، قوغدالدى؛ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى قېزىلدى ۋە قوغدالدى، «قۇتادغۇبىلىك» «جاڭغىر» «ماناس» «گېسار» قاتارلىق مىللىي مەدەنىيەت كىلاسسىك ئەسەرلىرى كەڭ تارقىتىلدى. پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، دىنغا ئېتىقاد قىلىش ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىقنى پۇقرالار پۈتۈنلەي ئۆز ئالدىغا تاللايدۇ. شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى قەشقەر شۆبە شۆيۈەنى قۇرۇلۇپ، دىنىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى، دىنىي بىلىملەرگە ئېرىشىش يوللىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ھېسسىياتى، ئېتىقاد ئېھتىياجىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىندى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق-مەنپەئىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىندى ۋە كاپالەتلەندۈرۈلدى. بۇ ئۇسۇللار مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى. پومپېئونىڭ ئاتالمىش «دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلىدى» دېگەن سۆزى ئۆز-ئۆزىدىن بىتچىت بولىدۇ.

بىز نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، بىرمۇ نامرات ئاممىنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمىدۇق. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى ۋە تۇرالغۇدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش-يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدۇق. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، نامراتلارنى يۆلەشتىكى تۈرلۈك مەبلەغدىن جەمئىي 41 مىليارد 553 مىليون يۈەننى بىرىكتۈرۈپ سېلىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى كاپالىتى قۇرۇلۇشى، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويدۇق. بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە جەمئىي 294 مىڭ 800 ئائىلە، 1 مىليون 195 مىڭ 700 ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 1543 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش، دۆلەت دەرىجىلىك 12 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق، نامرات ئائىلىلەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قېلىش، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش ئەھۋالىنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈردۇق، نامرات نوپۇسنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىدۇق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدۇق، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈردۇق.

بىز خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈردۇق ۋە ياخشىلىدۇق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. بىز خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ساھەلەردىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق. %80تىن ئارتۇق مالىيە كۈچىنى خەلق تۇرمۇشىغا سەرپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدۇق، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، شەھەر، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق، ئۇيغۇر مىللىتى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈردۇق، بۇ ھەرگىزمۇ پومپېئونىڭ بوھتان چاپلىغىنىدەك «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئەمەس.

بۈگۈنكى كۈندىكى قەشقەردە ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، دىنلار ئىناق، رايىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئاممىۋى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. لېكىن پومپېئو بۇنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىپ، ۋىجدانىغا خىلاپ ھالدا جۇڭگونىڭ مىللەت سىياسىتى ۋە شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قارا چاپلىدى ۋە ئۇنى بۇرمىلىدى. پومپېئو ئۆز دۆلىتىدىكى خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەي، ئەكسىچە ھە دەپ بۇرمىلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە قارا چاپلىدى، بۇ شۇنى تولۇق ئىسپاتلايدۇكى، بۇ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگە سىياسىي دەسمايە توپلاش ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنى. پاكىت ئالدىدا، ئۇنىڭ نومۇسسىزلارچە قىلغان يالغان-ياۋىداق سۆزلىرى ئۆز-ئۆزىدىن بىتچىت بولىدۇ، بازار تاپالمايدۇ، ئۇ بەئەينى غالجىرلاشقان چۈپرەندىگە ئوخشاش باشقىلارنىڭ لەنىتىگە قالىدۇ.