باش بەت>شىنجاڭ

پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2021-02-26 13:05:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم

ئاپتونوم رايونلۇق تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

«ئانار بۇلۇت»\«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، مەملىكەتلىك تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، بۇ يىللىق تەشكىلات خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى يىفېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەۋپ-خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق تۈرلۈك ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشى، كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي سادىقلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ سىياسىي ئىقتىدارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەشكىلىي سىستېمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەشكىللەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك؛ سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ساپا، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش كېرەك؛ سىياسىي يېتەكچىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنى سۆيۈپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان، شىنجاڭغا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.