باش بەت>شىنجاڭ

شىنجاڭ پاختىسى پىتنە-ئىغۋا سەۋەبلىك جەلپكارلىقىنى يوقىتىپ قويمايدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2021-04-07 11:17:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئايشەم ئۆمەر مەسئۇل مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم

شىنجاڭ تەمىنات-سودا گۇرۇھى، ئاپتونوم رايونلۇق پاختا-چىگە شىركىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ شىركىتى بايانات ئېلان قىلدى

شىنجاڭ پاختىسى پىتنە-ئىغۋا سەۋەبلىك جەلپكارلىقىنى يوقىتىپ قويمايدۇ

شىنجاڭ تەمىنات-سودا مەبلەغ سېلىش (پاي كونترول) گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى:

شىنجاڭغا قارا چاپلاشتىكى يامان غەرەز ھەممىگە ئايان

يېقىندا، بىر قىسىم چەت ئەل ماركىلىرىنىڭ شىنجاڭ پاختىسىنى توسۇش قىلمىشى كىشىلەرنى غەزەپلەندۈردى، شىنجاڭ تەمىنات-سودا مەبلەغ سېلىش (پاي كونترول) گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۇلارنىڭ شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دېگەننى باھانە قىلىپ، شىنجاڭ پاختىسى ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى توسۇش قىلمىشىغا كۈچلۈك غەزەپلىنىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ!

شىنجاڭ تەمىنات-سودا گۇرۇھىغا قاراشلىق پاختىغا ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا تارقالغان، ئىشلەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر. شىنجاڭ تەمىنات-سودا گۇرۇھى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا قاتتىق ئاساسلىنىپ، ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن باراۋەر، ئۆز ئىختىيارلىقىدا بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە ئەمگەك توختامى ئىمزالىدى، ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق ئېلىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش، تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلاردىن باراۋەر بەھرىمەن بولدى. بىزنىڭ كارخانىلىرىمىز «ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش، كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ھەق قىلىش»تىن ئىبارەت تەقسىمات پىرىنسىپىنى يولغا قويۇپ، ئىش ھەققىنى ئاي بويىچە بېرىپ ھەم ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلارنى ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھەققىگە ئېرىشىش ھوقۇقى، ئارام ئېلىش-دەم ئېلىش ھوقۇقى ۋە ئەمگەك بىخەتەرلىكى-ساقلىقنى ساقلاش بويىچە قوغدىنىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردى. 2020-يىلى، شىنجاڭ تەمىنات-سودا گۇرۇھىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى پاختىغا ئالاقىدار كارخانىلىرىدا كىشى بېشى يىللىق كىرىمى 50 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

شىنجاڭ تەمىنات-سودا گۇرۇھىغا قاراشلىق يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كارخانىلار يىل بويى يېزىلاردا يىلتىز تارتىپ، دېھقانلار بىلەن ئالاقە قىلىدۇ، ھەر مىللەت دېھقانلار پۈتۈنلەي بازار قانۇنىيىتى ۋە شەخسىي ئارزۇسى بويىچە ئاشلىق تېرىش، كېۋەز تېرىش، ئورمان بىنا قىلىش، مېۋىلىك كۆچەت تىكىشنى ئۆزى تاللايدۇ، دېھقانلار ئۇرۇق تاللاش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىش، تېرىش، يىغىۋېلىش، ساقلاش، پىششىقلاش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش، سېتىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردا ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىدۇ. شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسى مەۋجۇت دېيىش پۈتۈنلەي پىتنە-ئىغۋا توقۇپ تۆھمەت قىلغانلىق بولۇپ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش ئارقىلىق، «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك جىنايى مەقسىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى، ئۇلارنىڭ رەزىل غەرىزى ھەممىگە ئايان.

يالغان-ياۋىداق سۆز ھامان يالغان-ياۋىداق سۆز، ھەرقانداق پىتنە-ئىغۋا توقۇش ۋە بوھتان چاپلاش شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت، ئىقتىسادىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان تەرەققىيات مۇساپىسىنى توسۇپ قالالمايدۇ. شىنجاڭ تەمىنات-سودا گۇرۇھى شىنجاڭ پاختىسىنىڭ تېرىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ھالقىلىرىغا ئىلگىرىكىدەكلا قاتنىشىدۇ، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قەتئىي قوللايدۇ.

شىنجاڭ تەمىنات-سودا گۇرۇھى شىنجاڭ پاختىسىنى توسۇغان چەت ئەل ماركىلىرىنى رەسمىي يوسۇندا شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، سىلەر كۆزۈڭلارنى يوغان ئېچىپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، شىنجاڭغا قارا چاپلاش، بوھتان چاپلاشنى توختىتىڭلار! شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپى سىلەرنىڭ توسۇشۇڭلار سەۋەبلىك تەسىرگە ئۇچراپ قالمايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى پىتنە-ئىغۋا سەۋەبلىك جەلپكارلىقىنى يوقىتىپ قويمايدۇ!

ئاپتونوم رايونلۇق پاختا-چىگە شىركىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ شىركىتى:

«مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئۈزۈل-كېسىل سىياسىي يالغان-ياۋىداق سۆز

بىر قىسىم چەت ئەل ماركىلىرى شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسى مەۋجۇت دېگەننى باھانە قىلىپ، شىنجاڭ پاختىسى ۋە شىنجاڭ پاختىسىدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى توسۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، پاختىغا ئالاقىدار كارخانىلاردىكى كەسىپكارلار ھەم ئىستېمالچىلارنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىدى. پاختىغا ئالاقىدار كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز شۇ پەيتتە مۇنداق بايانات ئېلان قىلىمىز: ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر كۆپتۈرگەن جۇڭگو شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسى مەۋجۇت دېيىش پۈتۈنلەي يوق يەردىن پۇتاق چىقارغانلىق، ئۈزۈل-كېسىل سىياسىي يالغان-ياۋىداق سۆز ۋە سىياسىي نەيرەڭۋازلىق.

ئاپتونوم رايونلۇق پاختا-چىگە شىركىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ شىركىتى 1986-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنى ئوتتۇرا ھالقىدىكى ئۇلاپ يەتكۈزۈش، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا. شىركەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئۆز ئالدىغا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتى، ئوخشاش بولمىغان جىنىستىكى، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىكى، ئوخشاش بولمىغان دىنىي ئېتىقادتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بىردەك مۇئامىلە قىلدى. شىركەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن قانۇن-نىزاملار بويىچە ئەمگەك توختامى ئىمزالىدى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈچۈن «بەش سۇغۇرتا، بىر فوند»نى تولۇق تاپشۇرۇپ بېرىپ، ياخشى خىزمەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇقىم، تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خاتىرجەم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

شىركەت ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كەسىپ تاللاش ئەركىنلىكى ۋە جىسمانىي ئەركىنلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلدى، ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق-مەنپەئىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلدى ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈردى. شىركەتتىكى رەھبىرىي كادىرلار ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىپ-يۆلەپ، ئۇلارنىڭ بېجىرىلىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان، ئەڭ جىددىي بېجىرىشكە تېگىشلىك، ھازىر بېجىرگىلى بولىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. شىركەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دائىم تۈرلۈك مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتتى. شىركەت يەنە كارخانىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەمگەك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش ۋە مەدەنىيەت ساپاسى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈپ، كارخانىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىركەتنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، زور مىقداردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پائال ياردەم بەردى، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» پۈتۈنلەي پىتنە-ئىغۋا توقۇغانلىق. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بەزى ئاپپارات ۋە كارخانىلار ئاساسسىز ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بىمەنە سەپسەتىلەرگە تايىنىپ، شىنجاڭ پاختىسى ۋە شىنجاڭ پاختىسىدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى توسۇپ، ئالاقىدار كارخانىلارغا خالىغانچە بېسىم قىلىپ، بازار ئىگىلىكى پىرىنسىپى ۋە ئەركىن سودا قائىدىسىگە ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى، قىممەت زەنجىرى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بۇ، زوراۋانلىق سىياسىيسى ۋە ئوچۇقتىن-ئوچۇق زومىگەرلىك قىلمىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلارغا بېسىم قىلىش، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق-مەنپەئىتىدىن مەھرۇم قىلىش، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش ئارقىلىق، «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» رەزىل مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. چەت ئەلدىكى بەزى ئاپپارات ۋە كارخانىلارنىڭ رېئاللىققا يۈزلىنىپ، ئازغان يولدىن قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، چۈنكى، بۇ ئاساسسىز گەپلەر شىنجاڭنىڭ گۈللىنىش، مۇقىملىق مۇساپىسىگە ئەسلا كاشىلا قىلالمايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.