باش بەت>خەۋەرلەر

ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئامما باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2017-04-12 16:44:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

ئاپتونوم رايونلۇق سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى: مەمەتجان ئابلا

بىز ياخشى دەۋرگە ئۇلىشىپ، ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق!

تۇرمۇشىمىزدا ھەر كۈنى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ، ھازىر كىشىلەرنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن، تۇرىدىغان ئۆيى بار، داۋالىنىشتىن غەم قىلمايدۇ؛ بالىلار ئازادە، يورۇق سىنىپتا ئوقۇپ، 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، ئوقۇش پۇلى، دەرسلىك پۇلى پۈتۈنلەي ھەقسىز، مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ياتاق ھەققى ئېلىنمايدۇ، يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەقسىز چۈشلۈك تاماق يېيەلەيدۇ؛ «قوش تىل» يەسلىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، «قوش تىل» ئۆگىنىشنى بالىلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ياشانغانلارنىڭ يۆلەنچۈكى بار بولدى، ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلار ۋە ئۆي سالغانلار تولۇقلىمىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئۇيغۇرلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئوخشاش ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدە ئادىل، ھەققانىي، ئىناق، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. بۇ پولاتتەك پاكىتلار پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭلا ھەر مىللەت خەلقىنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، جۇڭگودىن تارتىپ چەت ئەللەرگىچە نەزەر سالساق، قايسى دۆلەت، قايسى دەۋردىكى ھۆكۈمەت مۇشۇنداق قىلالىغان؟ بىز ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بەرگەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك!

قاراپ باقايلى، ئەتراپىمىزدىكى، ھەتتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، زوراۋان–تېررورچى كۈچلەر قايسى بىر دۆلەت، قايسى بىر مىللەتكە بەخت–سائادەت، ئاسايىشلىق ئېلىپ كەلدى؟ ھېچنېمە ئېلىپ كەلگىنى يوق! «ئۈچ خىل كۈچ»لەر پەقەت مىللەتنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتى ۋە ساددا دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي سەپسەتەسىنى بازارغا سېلىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەت، ئۆزلىرى تەۋە بولغان مىللەتكە، مۇسۇلمانلارغا چەكسىز بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى، خالاس. بىز چوقۇم بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، بۈگۈنكى بەختلىك كۈنلەرنى قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەك. پارتىيەگە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر مىللەت خەلقىگە كۆڭۈل بۆلۈپ غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىغا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىزگە ئوخشاش چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ياد ئەتكەنلىكى بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامرات رايونلىرىدىكى خەلقنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىغا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ خالىس ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن–ئاخىر زىچ باغلانغان. بىزنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»لەرنىڭ پىتنە–پاساتلىرى ۋە سەپسەتىلىرىگە ئىشىنىشىمىزگە ئاساسىمىز يوق. بىزنىڭ پەقەت بىرلا يولىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش! بۇنىڭ قىلچە خاتاسى يوق!

يامان غەرەزلىك دۈشمەن كۈچلەر دىنىي تونغا ئورىنىۋېلىپ، ئاممىنىڭ ساددا دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىۋاتىدۇ. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، ئالىي زىيالىيلار، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار جەزمەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى، دادىللىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك. بىز «ئۈچ خىل كۈچ»لەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە چوڭقۇر زىيانكەشلىك قىلغانلىقى، «ئۈچ خىل كۈچ »لەرنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا «تېررورچى»، «تېررورچى مىللەت» دېگەن تامغىنى بېسىۋاتقانلىقىنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ زوراۋان– تېررورچىلارغا بولغان چەكسىز غەزەپ–نەپرىتىمىزنى قوزغىدى، زوراۋان–تېررورچىلار ئالدى بىلەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمىنى. بۇنىڭغا قارىتا بىزدە ئېنىق تونۇش بولۇشى كېرەك. بىز ھەرگىزمۇ «ئۈچ خىل كۈچ»لەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا زېمىن قالدۇرماسلىقىمىز، ئۇلارنىڭ سەپسەتىسىگە بازار ئېچىپ بەرمەسلىكىمىز، ئۇلارنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بىزنىڭ پوزىتسىيەمىز قەتئىي، مەيدانىمىز مۇستەھكەم بولغاندىلا «كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر–ئۇرغا قاپتۇ» دېگەن ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرەلەيمىز.

بىز دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرگە، بىلىمسىز، نادان كىشىلەرگە شۇنداق نەسىھەت قىلىمىزكى، خاتا يولدىن قايتىڭلار! زوراۋانلىق، تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش، ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى قىلمىشى ۋە خام خىيالىڭلاردىن ۋاز كېچىڭلار! «ئۈچ خىل كۈچ»لەرنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش سۇيىقەستى ئۇخلىماي چۈش كۆرگەنلىك، بىز ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايمىز، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىمۇ ھەرگىز يول قويمايدۇ!

بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلار نىقاب تاقىۋالغان ساختىپەزلەرنى ئېنىق تونۇپ يېتىپ، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەق–ناھەقنى ئېنىق ئايرىشىمىز كېرەك. ۋەزىيەت تەخىرسىز، بىز ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى! بىز ھەر مىللەت خەلقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، زوراۋان–تېررورچىلار، مىللىي بۆلگۈنچىلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ھەممىسىنى تارتىپ چىقىپ، تولۇق تۇتۇپ، تەلتۆكۈس يوقىتىشىمىز، ئۇلارغا قەتئىي ئارام ئېلىۋېلىش پۇرسىتى بەرمەسلىكىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»لەرنىڭ كۈنى ئۇزاققا بارمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالاكەت كۈنى يېتىپ كەلدى.