باش بەت>خەۋەرلەر

بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، مۇقىملىقنى قوغدايمىز

يوللانغان ۋاقىت:2017-04-13 13:48:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، ئورۇنلار كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى ياقلىدى

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، ئورۇنلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، جايلار، ئورۇنلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، لېكسىيە سۆزلەش، قەسەم بېرىش، مۇزاكىرىگە ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى. كۆپچىلىك بەس – بەستە ماۋۇلارنى بىلدۈرۈشتى: «ئۈچ خىل كۈچ»لەر ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيىنىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ، زوراۋان–تېررورچىلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمىز.

خوتەن ۋىلايىتى: باش نىشاننى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسى 4–ئاينىڭ 3–كۈنى كېرىيە ناھىيەسىدە ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىندا ماۋۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى پۇختا ۋە ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، قۇدرەتلىك بېرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، تەلەپلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.

خوتەن ۋىلايىتى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان دۈشەنبە كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، ئائىلە زىيارىتى، تەشۋىقات تاختىسى ئىشلەش ۋە ئۈندىداردا تەشۋىق قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى تەشۋىق قىلدى.

لوپ ناھىيەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات ئىمىنتوختى قاسىم «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئورتاق قوغداشقا يېتەكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندەك كاللىمىزنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشىمىز كېرەك.

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، ياخشى ئۈلگە بولىمىز

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم 4–ئاينىڭ 8–كۈنى دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ ماۋۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

 بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار 4–ئاينىڭ 9–كۈنى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى ئۆگەندى، كۆپچىلىك ماۋۇلارنى بىلدۈرۈشتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن چوقۇم يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغدايمىز.

 بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى پەرھات توختى مۇنداق دېدى: ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز. پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قەتئىي «ئىككى يۈزلىمىچى» بولمايمەن، «ئىككى يۈزلىمىچى»لىك قىلمايمەن.

تارباغاتاي ۋىلايىتى: ئۆگىنىشنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرىمىز

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ناھىيە، شەھەر، تارماقلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، لېكسىيە سۆزلەش، قەسەم بېرىش، مۇزاكىرىگە ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى چوڭقۇر ئۆگەندى ۋە تەشۋىق قىلدى.

تولى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گۈلناز قاسىمقان مۇنداق دېدى: بىز تېلېۋىزور، تور بېكىتى، ئۈندىداردىن تولۇق پايدىلىنىپ،«ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» نى پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە ئەتراپتىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ھەر مىللەت ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ رەزىل مەقسىتى ۋە ئەپت – بەشىرىسىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ، كۆپچىلىكنى باش نىشاننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلىدۇق.

تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى كەنتلەردە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ىدىكى رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئېتىز بېشى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگىچە بېرىپ تەشۋىقات ئېلىپ باردى. كەنت ئاھالىلىرى بەس – بەستە ماۋۇلارنى بىلدۈرۈشتى: ھەر قانداق كىشىنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق بولغان بەختىيار تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويماي، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

قومۇل شەھىرى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغدايمىز

قومۇل شەھىرىدىكى ئورۇنلار يېقىندىن بۇيان مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى چوڭقۇر ئۆگەندى.

شىنجاڭ قومۇل سۇ ئىشلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىپ، ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ئاكا–ئۇكا، ئاچا–سىڭىلدەك ئىتتىپاقلىشىشنى تەلەپ قىلدى. ھەر مىللەت ئىشچى–خىزمەتچىلەر ماۋۇلارنى بىلدۈرۈشتى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلاشقاندىلا، تىنچ تۇرمۇش، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات بولىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك 1–ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى لىڭ مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىزدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، ئەخلاق تەربىيەسى تايانچلىرى، ئوقۇغۇچىلار تايانچلىرى، خېنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىللەنگەندىن تۆت تەشۋىقات ئەترىتى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل يۇرت–ماكان قۇرۇپ چىقىشقا پائال يېتەكلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى: تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان نەمۇنىچىلەردىن بولىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسى دۆلەتباغ يېزىسىدىكى كەنتلەردە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەزالىرى 4–ئاينىڭ 7–كۈنىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى پائالىيەت كۈنىدىن پايدىلىنىپ، كەنت كادىرلىرى، «تۆت پېشقەدەم»لەر، پارتىيە ئەزالىرى، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى بىلەن بىللە «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى مەركەزلىك ئۆگەندى.

كۆپچىلىك ماۋۇلارنى بىلدۈرۈشتى: يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بىرلىكتە قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان نەمۇنىچىلەردىن بولۇشقا تىرىشىمىز.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغدايمىز

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى جايلار، تارماقلار يېقىندىن بۇيان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى چوڭقۇر ئۆگەندى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىكى رەھبىرىي كادىرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن پوزىتسىيە بىلدۈردى، قىزىلسۇ گېزىتى، قىزىلسۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى «نۆل ئارىلىق» ئۈندىدار سۇپىسى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئۈندىدار سۇپىسىدا ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پوزىتسىيە بىلدۈرۈش توغرىسىدىكى ماقالىسى ۋە سىنلىرى تارقىتىلدى.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى 4–ئاينىڭ 10–كۈنى «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى چۆرىدەپ سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت چوڭ پىرىنسىپال مەسىلىسىدە باشتىن – ئاخىر كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەسى قەتئىي، قەدىمى بىردەك بولۇپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، خەتەرگە دۇچ كەلگەندە كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا چىقىپ، تىنچ، ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدىغانلىقى توغرىسىدا تەنتەنىلىك قەسەم بەردى.

ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاياللارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە ياچېيكىسى 4–ئاينىڭ 10–كۈنى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنى باشلاپ، ئاقسۇ شەھىرى بەشتۈگمەن يېزىسىنىڭ ئوتتۇرائېرىق كەنتىگە بېرىپ،« پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارتلىرى كۈنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، بۇ كەنتتىكى پارتىيەلىك كادىرلار بىلەن «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى بىللە ئۆگەندى ھەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش، ئاياللارنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى بايقۇت قىلىشقا يېتەكلەش، گۈزەل يۇرت–ماكانىنى قوغداش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

ئوتتۇرا ئېرىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تۇرسۇن تۆگە مۇنداق دېدى: سۆھبەتلىشىش، مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق، «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئوتتۇرا ئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ زور كۈچى بىلەن تەشۋىق قىلىشى نەتىجىسىدە، ئاياللارنىڭ ئائىلە، جەمئىيەتتىكى رولى توغرىسىدا يېڭىچە تونۇشقا كەلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ئايال پارتىيە ئەزالىرىنى پائال تەربىيەلەپ، ئايال پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاياللارنى يېتەكلەش، ھەق–ناھەقنى ئايرىش، پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلەش، ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.