باش بەت>خەۋەرلەر

ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار بايرىقىمىز روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ 1- سېپىدە تۇرۇشىمىز كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2017-04-13 17:27:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

 ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىنىڭ نازىرى: ئەخمەتجان مىنام

يېقىندا كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئاۋۋال پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسىنى، دۆلەت ۋە خەلققە سەمىمىي سادىق بولۇش ساداسىنى، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتەك ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئۇيغۇر كادىرلار، ئامما بۇنىڭغا بەس–بەستە ئاۋاز قوشۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»لەرگە جەڭ ئېلان قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى دېگەن ناملارنى بېرىپ، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىشكە چاقىردى. مەن پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارارىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ 1- سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرىمەن، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداشتىن ئىبارەت دەۋر بۇرچىنى قەتئىي زىممەمگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق كۈچۈمنى، ھەتتا ھاياتىمنى تەقدىم قىلىمەن.

«ئۈچ خىل كۈچ» لەر ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ئۈچ خىل كۈچ» لەر ئارقا–ئارقىدىن ۋەقە سادىر قىلدى، ئۇلار سادىر قىلغان ۋەقەلەر ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت ئاممىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاپەتنىڭ چوڭقۇر پاتقىقىغا سۆرەپ كىرمەكچى بولدى. ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيەتكە قارشى رەزىل ماھىيىتى ۋە ئەپت–بەشىرىسى تەلتۆكۈس ئاشكارىلاندى، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بەخت، بۆلگۈنچىلىك ۋە مالىمانچىلىق ئاپەت. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، قېرىنداشلىق مېھرىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزئارا بىرلىشىپ قوغدىنىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغدىساقلا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك بېرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەق–ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز؛ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق قىلمىشلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

ئۇزاقتىن بۇيان پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىدىيەۋى تونۇشۇمنى باش نىشان ئاساسىدا يۈكسەك بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا ئەگىشىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە تېخىمۇ سەگەك، سىياسىيدا تېخىمۇ سەزگۈر، مەيدان جەھەتتە تېخىمۇ قەتئىي بولىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىمەن. بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ھايات بىلەن مامات، قان بىلەن ئوت، ھەققانىيەت بىلەن رەزىللىك ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە باشتىن–ئاخىر بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، تونۇشى بىرلىككە كەلگەن، تىلى بىلەن دىلى بىردەك، پوزىتسىيەسى قەتئىي، ھەرىكىتى ماسلاشقان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ 1- سېپىگە ئاتلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن. ئاممىغا تايىنىش، ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زوراۋان–تېررورچىلارغا قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، زوراۋان–تېررورچىلارغا يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرماي، ئۇلارنى «كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر–ئۇرغا قاپتۇ» دېگەندەك ھالەتكە چۈشۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان جانلىق ۋەزىيەت يارىتىپ، ئومۇمىي خەلق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشتا تېگىشلىك رولىمنى جارى قىلدۇرىمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇش كېرەك» دېگەن سەمىمىي نەسىھەتىنى باشتىن–ئاخىر ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ج ك پ 18– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6– ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئۆزۈمنى پاكلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن. نازارەتچىلىك قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش بۇرچۇمنى ياخشى ئادا قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان ئادەم ۋە ئىشلارنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتىكى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاپ، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىناق–ئىتتىپاق، باي–باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا بارلىق ئەقىل–پاراسىتىم ۋە كۈچۈمنى بېغىشلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلققە بولغان سەمىمىي سادىقلىقىمنى بىلدۈرىمەن.