باش بەت>خەۋەرلەر

سۈكۈت قىلماي، يول قويماي، ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق كەلگۈسىنى يارىتايلى

يوللانغان ۋاقىت:2017-04-13 18:09:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم: ھەسەنجان ئابدۇللا

شىنجاڭ ئەزەلدىنلا كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەت، كۆپ خىل دىن يۇغۇرۇلغان رايون. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتەك ئېسىل ئەنئەنىسى بار، بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭگارەڭ كىيىم–كېچەك، زىبۇ–زىننەتلىرى، دۇنياغا داڭلىق « ئون ئىككى مۇقام»ى بار، ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا ماڭغان قۇربان تۇلۇم ۋە يۇرتىدىكى ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىگەن رەيھانگۈل ئىمىر... بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست، ئىشچان ھەم باتۇرلۇقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بىراق، ھازىر بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق بولۇپ كېتىدۇ؟ بىز بەزىدە بىئاراملىق ھېس قىلىشىمىز، ھەتتا يەنە بەزى ئوي–پىكىرلەردە بولۇشىمىز مۇمكىن. كۆپچىلىك ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقايلى، بىز نېمىشقا مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىمىز؟

مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق بىز ئۇيغۇرلاردىكى ئۈچ ئۆسمە، ئۇنى ئۈزۈل–كېسىل كېسىپ ئېلىۋەتمىگەندە، مىللەتتە ئۈمىد بولمايدۇ، پۇقرالار ئەمىن تاپالمايدۇ. سۈكۈت قىلغانلىق يول قويغانلىقتۇر، ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ «ئۈچ خىل كۈچ» لەر تەرىپىدىن پايدىلىنىلماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالماسلىقى، زوراۋان–تېررورچى دەپ ئاتىلىپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇرۇش ئوتلىرى لاۋىلداپ كۆيۈۋاتقان سۈرىيە، ئەنسىزلىكتە قالغان ئىراق بىز كەچۈرىدىغان تۇرمۇش ئەمەس، بىز ئارزۇ قىلغان جەمئىيەتمۇ ئەمەس، بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئەتىمىز ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ،«ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك.

ئۇيغۇر پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ھەم مېھىر–شەپقىتىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئىدىيەدە، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ھەر ۋاقىت يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان–تېررورچى كۈچلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پاكىتنى ئېنىق تونۇپ، ھەق–ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداشقا يېتەكلىشى كېرەك.

بىز چىلانچىلىق كەسپىمىزنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشى، بار بولۇشتىن ئەلا بولۇشقىچە بولغان جاپالىق مۇساپىسىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز؛ 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ، ئالدى بىلەن كېسەلخانىدا يېتىپ، ئاندىن راسچوت قىلىپ داۋالىنىش، بەختىيار يېزا–كەنت قۇرۇلۇشى ۋە ئۇدا سەككىز يىل غەربىي قىسىمدىكى 12 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى قاتارلىقلارنىڭ پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، مەركەزنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان ياخشى سىياسىتى، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ھەمدەمدە بولغانلىقى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك. بىزنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىمىز پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەگەشسەكلا ياخشى كۈن كەچۈرەلەيدىغانلىقىمىزنى، «ئۈچ خىل كۈچ» لەر بىلەن تىل بېرىكتۈرۈشنىڭ ئۆزىنى ھالاك قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

بۇ يەردە مەن چاقىلىق ناھىيەسىدىكى بارلىق ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئاممىغا ۋاكالىتەن «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىمەنكى: چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ كۆلىمى چوڭ بولسىمۇ، لېكىن سىلەرگە باش تىققۇدەك ماكان يوق؛ چاقىلىق ناھىيەسى باي بولسىمۇ، لېكىن سىلەرگە بىر پۇڭ، بىر لىمۇ يوق؛ چاقىلىق ناھىيەسىدە ئادەم ئاز بولسىمۇ، لېكىن بىز ھاياتىمىز بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىنى قوغدايمىز، بۇ زېمىننىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقى، ئىناقلىقىنى قوغدايمىز. بۇ يەردە مەن چاقىلىق ناھىيەسىدىكى بارلىق ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئاممىغا ۋاكالىتەن شۇنى تەنتەنىلىك ۋەدە قىلىمەنكى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتىگە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. بىز «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمىز، ھەرگىز ئارىسالدى بولمايمىز، ھەرگىز يول قويمايمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان غەمخورلۇقىنى خىزمىتىمىزنىڭ غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيىتىنى، تەستە قولغا كەلگەن بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىمىز.