باش بەت>خەۋەرلەر

ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى

يوللانغان ۋاقىت:2017-04-13 18:31:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

 شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى: ۋەلى بارات

«ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر ئاساسىي قاتلام كادىرى يازغان، ئۇنىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، «ئۈچ خىل كۈچ» لەر ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە ئېغىر زىيىنى قاتتىق سۆكۈلگەن، بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتەك يۈرەك ساداسى ئىپادىلەنگەن، ئۇ باھار يامغۇرىدىكى چاقماق ئاۋازىدەك ھەممىمىزنى سەگىتتى، ئويلىنىشقا ئۈندىدى.

ئاپتونوم رايونىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ 43 تۈرلۈك مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇنىڭ مەزمۇنى جەنۇبىي شىنجاڭدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ، «قوش تىل» مائارىپى، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئىچىدە، بىۋاسىتە نەق پۇل ياكى ماددىي بۇيۇم ياردىمىگە چېتىشلىق سىياسەت 34 تۈرگە، جامائەت مۇلازىمىتى بويىچە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىگە چېتىشلىق ۋاسىتىلىك تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى توققۇز تۈرگە يېتىدۇ؛ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىنىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ئائىلىسى نامرات بالىلار چوڭ شەھەرلەردىكى بالىلارغا ئوخشاش يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن بولدى؛ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى ياردەم پۇلى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى ياردەم پۇلى، نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە ياردىمى قاتارلىق بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بۇ ياخشى سىياسەتلەردە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇش–ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. مەن پارتىيەنىڭ تەربىيەلىشى، يېتىشتۈرۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ھەم ئۇزاق مۇددەت مائارىپ سېپىدە خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر زىيالىي ۋە رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈزگەنلىكىگە شاھىت بولدۇم.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىزچىل چېگرا ئىچى–سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ سىڭىپ كىرىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتكى نۇقتىلىق نىشانى بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ھازىرقى «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ مەكتەپكە سىڭىپ كىرىشى كۈچەيگەن ئەھۋالدا، بىز چوقۇم باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، سىياسىيونلار، مائارىپچىلار مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز؛ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، ئىختىساسلىقلار تىرىكى ۋە بازا تىرىكى بىلەن تەمىنلەشتەك ئالاھىدە بۇرچنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئالىمىز؛ مەكتەپ پارتكومى بېكىتكەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى «بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم بازا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىلىك ئورۇن، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتىكى ئۈلگە مەنزىلى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش خىزمەت نىشانىغا ئاساسەن، ئالىي مەكتەپ ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە بايرىقىنى ئالىي مەكتەپ بازىسىدا جەۋلان قىلدۇرىمىز.

بۇنىڭ ئۈچۈن، مەن تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى: بىرىنچىدىن، كۆپ يىل پارتىيە تەربىيەسىنى ئالغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ ھەيۋىسىنى قاتتىق يەرگە ئۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ شۇ مىللەت ئاممىسى ئارىسىدىكى خاس ئۈستۈنلۈكى ۋە تەسىر كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمەن؛ سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم نەمۇنىچى بولۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيىتىمنى ئاڭلىق زىممەمگە ئالىمەن؛ پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسى ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتەك ھەققانىيەت ساداسىنى دادىل ياڭرىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلايمەن؛ ئىككىنچىدىن، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېنىق پوزىتسىيە، مەردانە قىياپەت بىلەن قىلچە تەۋرەنمەستىن ئوقۇتقۇچىلارنى زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى تولۇق تونۇشقا يېتەكلەيمەن؛ ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا كىتابىي بىلىملەرنى ئۆگىتىش بىلەن بىللە، ئادەم بولۇشنىمۇ ئۆگىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسىمەن؛ ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، مەكتەپنى پاكىز تۇپراققا ئايلاندۇرىمەن؛ باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن لاياقەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيمەن؛ ئۈچىنچىدىن، پۈتۈن كۈچۈم، زېھنىم، مېھرىم بىلەن ياش ئوقۇغۇچىلارنى نادانلىق، ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇش، ۋەتەنگە، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، «بەشنى تونۇش» تا چىڭ تۇرۇش، زامانىۋى مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىش، ئىلغار ئىدىيە بىلەن مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇش، ئەڭ يېڭى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلەيمەن. ئۇلارغا «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇتىمەن؛ ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى تايانچ كۈچ ئىكەنلىكى، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرىمەن؛ تۆتىنچىدىن، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ زىيالىيلار توپلاشقانلىقىدەك پەن ۋە ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن مۇتەخەسسىسلىرى، ئىدىيەۋى–سىياسىي نەزەرىيە پېنى غوللۇق ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تايانچ ئىستۇدېنتلارنى تەشكىللەپ، تەشۋىقات ئەترىتى قۇرۇپ، مەكتەپ ئىچى–سىرتىدىكى تەشۋىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىمەن؛ پەلسەپە، ئادىمىيەت، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى نەزەرىيەۋى ماقالە، تەتقىقات دوكلاتى يېزىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ چوڭ–چوڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلىرى، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى ۋە مۇھىم ئىشلارنى چۆرىدەپ، ھەممىدىن ئاۋۋال ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەقلىي تىرەك ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمەن.

زوراۋان–تېررورچىلار يوقىتىلمىغىچە، شىنجاڭ تىنچ بولمايدۇ؛ خەلق ئېجىل–ئىناقلىقنى، خاتىرجەملىكنى ئارزۇ قىلىدۇ. زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى سەرخىللار، بىلىملىكلەر ھازىرقى مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە ھەقىقەت ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز؛ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئەقىل ۋە ئىلىم–پەننى، بىلىم ۋە دوستانىلىقنى تارقىتىپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك!