باش بەت>خەۋەرلەر

دۆلەت ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ شەرەپلىك بۇرچىنى زىممىمىزگە ئالايلى

يوللانغان ۋاقىت:2017-04-13 18:39:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ شارائىتى، جابدۇقى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئوسمان

يېقىندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتتە كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»ى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نىڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا شۇنچىۋالا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ سۆزى كۆپچىلىكنىڭ روھىنى كۈچلۈك ئۇرغۇتۇپ، غەيرىتىنى ئاشۇرغانلىقىدا. ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم.

مەن ئاددىي ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، يېڭى جەمئىيەتتە ياشىدىم، قىزىل بايراق ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلدىم. مەن كىچىكىمدىن تارتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى، يېڭى جۇڭگونىڭ جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە ناھايىتى تەستە قۇرۇلغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنىدىم. مەن ۋەتەننى ھەم ئۇيغۇر مىللىتىنى قىزغىن سۆيىمەن. ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقا 55 مىللەتكە ئوخشاشلا ۋەتەننى سۆيۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتەك شانلىق تارىخقا ئىگە. ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست، ناخشا–ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن مىللەت، مەن ئەزەلدىن بۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىمەن. بىراق، 20–ئەسىرنىڭ 80–يىللىرىنىڭ ئاخىرى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىر ئوچۇم مۇناپىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىگە قارا سۈركىدى. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇلارنىڭ ئاق كۆڭۈل، بەختىيار تۇرمۇشنى قەدىرلەشنى، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىدىغان مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئۇنداقتا، بىز ئۇيغۇرلارنى زادى نېمە خەتەرلىك يار لېۋىگە ئىتتىرىۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنى زادى كىم تۇيۇق يولغا باشلاۋاتىدۇ؟ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى قايمۇقتۇردى، «ئۈچ خىل كۈچ» ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى خەتەرلىك يار لېۋىگە ئىتتىردى.

بىز ئەتراپىمىزدىكى قوشنا دۆلەت ئافغانىستانغا نەزەر سالساقلا كۇپايە، يەنە ئوتتۇرا شەرقتىكى سۈرىيە، ئىراققا نەزەر سېلىپ باقساق، تېررورلۇق ۋە ئەسەبىي كۈچلەر تۈپەيلىدىن شۇ جايدىكى كىشىلەر چەكسىز ئازاب–ئوقۇبەتلىك دوزاخ ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ، چوڭقۇر ھاڭغا چۆكۈپ كېتىۋاتىدۇ، نۇرغۇن كىشى ئامالسىزلىقتىن يۇرتىنى تاشلاپ سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇر بولماقتا. دۇنياغا نەزەر سالساق، قايسى دۆلەت مۇقىم، خەلقى ئېجىل–ئىناق بولسا، شۇ يەردىكى خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلماقتا؛ قايسى دۆلەتتە بۆلگۈنچىلىك، داۋالغۇش بولسا، شۇ جايدىكى خەلق ئازاب–ئوقۇبەتكە ئۇچراۋاتىدۇ؛ قايسى رايوندا تېررورلۇق يامرىسا، شۇ جايدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئېغىر كۈلپەت ئىچىدە قېلىۋاتىدۇ. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ــ ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ــ ئاپەت. ھازىر «ئۈچ خىل كۈچ» جان تالىشىپ، ئافغانىستان، سۈرىيەدىكى ئاپەتلەرنى جۇڭگو شىنجاڭغا كۆچۈرۈپ كېلىشكە ئۇرۇنۇپ، بىزگە مەجبۇرىي تاڭماقچى بولۇۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭغا ماقۇل بولالايمىزمۇ؟! بۇنىڭغا يەنىلا بىپەرۋالىق بىلەن قاراپ تۇرامدۇق؟!

ئۇيغۇر كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جەزمەن ھوشيار بولۇپ، ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىلەن چەك–چېگرىمىزنى قەتئىي، ئېنىق ئايرىشىمىز؛ غايە–ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، مىللىي ھەققانىيلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق نەمۇنىچى، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىشتىكى نەمۇنىچى، ئىستىلنى ياخشىلاشتىكى نەمۇنىچىلەردىن بولۇشىمىز؛ باشتىن–ئاخىر قەتئىي ھەرىكىتىمىز بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك! مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا پايدىلىق ھەر بىر ئىشنى باشلامچىلىق بىلەن قىلىشىمىز؛ ئائىلىمىزدىكىلەر، ئۇرۇق–تۇغقانلار، دوستلار ۋە ئەتراپىمىزدىكى بارلىق ئۇيغۇر كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا مېڭىشىمىز كېرەك. 

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشلامچىلىق بىلەن بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن ئاڭلىق يىراقلىشىپ، زوراۋان–تېررورچىلارنىڭ بىزنىڭ ئۇرۇق–تۇغقىنىمىز، دوستىمىز ۋە ئۇيغۇر ئاممىسى ئەمەسلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش توغرىسىدا تەشۋىق–تەربىيە قىلىمەن. ئۇلار قانخور ئالۋاستى، بىزنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىمىز! ئۇيغۇر دەپلا ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىشقا، ئۇلارنى قانات ئاستىمىزغا ئېلىشقا ۋە يوشۇرۇپ قويۇشقا، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ قوللاشقا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا ھەرگىز چۈشۈپ قالماسلىقىمىز، يامانغا يانتاياق بولىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلماسلىقىمىز كېرەك.