باش بەت>خەۋەرلەر

پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە چىن دىلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ ماڭىمىز

يوللانغان ۋاقىت:2017-04-13 18:31:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

 ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋالىي: مەردان مۇقىيىت

بىز تولىمۇ گۈزەل بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز، ھەر مىللەت خەلقى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ، تۈرلۈك ئىشلار كۈندىن كۈنگە يۈكسىلىۋاتىدۇ، بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت قېرىنداشلار گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە ئېچىپ قۇرۇۋاتىدۇ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالىدا كۆتۈرەڭگۈ كەيپىيات بارلىققا كېلىپ، شىنجاڭ خەلقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىللە ھاياتىدىكى قالتىس پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىلىنىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، «ئۈچ خىل كۈچ» لەر ئاق–قارىنى ئاستىن–ئۈستۈن قىلىپ، ھەق–ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇپ، «مىللەت» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى جېنىنىڭ بارىچە تەرغىب قىلىپ، رەزىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ قېرىنداشلارچە ھېسسىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، تىنچ، ئىناق، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ھەر مىللەت قېرىنداشلار، ئۇيغۇر قېرىنداشلار ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىمىز، بىر جۈپ ئىشچان قولىمىزغا تايىنىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك!

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلققە چەكسىز غەمخورلۇق قىلدى، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. بولۇپمۇ، پارتىيە 18– قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر بىر قاتار ئالاھىدە يۆلەش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ زېمىنىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. بىز ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىنداش ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، باش شۇجىنىڭ بىزدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن گۈزەل يۇرت–ماكانىمىزنى ياخشى قوغداپ، ئىناق–ئىتتىپاق، باي–باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

بىر مەزگىلدىن بۇيان، مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان–تېررورچى كۈچلەر تارىخىي پاكىتنى بۇرمىلاپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىكنى قۇترىتىپ، ئۇيغۇر ئاممىسىنى قايمۇقتۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا جېنىنىڭ بارىچە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭغا ھەرگىز ئۇنىمايمىز! ھەر مىللەت خەلقى بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايدۇ!! بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلار بۇنىڭغا ھەرگىز ئۇنىمايمىز !!! بىز چوقۇم كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەق–ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، كىمنىڭ دۈشمىنىمىز، كىمنىڭ قېرىندىشىمىز ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، كىمنىڭ بىزنى تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشقا يېتەكلەۋاتقانلىقىنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك. ھەر بىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇر قېرىنداش باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، قىلىچنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنى خەلق كۈرىشىنىڭ كۈچلۈك دولقۇنلىرىغا غەرق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئۆزئارا بىر–بىرىنى ئويلايدىغان، بىر–بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى بىر قاتار تەدبىرلەرنى تۈزدى ۋە يولغا قويدى، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئارقىلىق يېمەك–ئىچمەك، كىيىم–كېچەكتىن غەم يېمەيدىغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان بولدۇق. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، ئىقتىساد ساغلام تەرەققىي قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى داۋاملىق ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈچەيتىلدى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى داۋاملىق زورايتىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر بىلەن ئۆتمۈشنى سېلىشتۇرساق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى، ئۇل ئەسلىھەلىرى كۈندىن كۈنگە مۇكەممەللەشكەن، خەلقنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشقان گۈزەل شىنجاڭ كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. دۇنيادىكى بەزى داۋالغۇش بولۇۋاتقان رايونلاردىكى خەلققە قاراپ باقايلى، ئۇلار ئۆي–ماكانسىز ياشاپ، يەتكۈچە ئازاب چېكىپ، جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، بىز جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە شۇ قەدەر خۇشال ياشاۋاتىمىز، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز! بىز جەزمەن ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ بىزنى گۈزەل تۇرمۇشقا يېتەكلەيدىغانلىقىنى، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ ئېيتقان ئاتالمىش «<غازات> قىلغۇچىلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن سەپسەتىسىدىكى «جەننەت»نىڭ پەقەت چەكسىز ئازاب–ئوقۇبەتلىك «دوزاخ» ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلار پولاتتەك پاكىت ئالدىدا كاللىمىزنى قەتئىي سەگەك تۇتىشىمىز، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ مېڭىشىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن گۈزەل يۇرت–ماكانىمىزنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك. بىز ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باشتىن–ئاخىر بايرىقىمىز روشەن ھالدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز، سۆز ۋە ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، تىلىمىز بىلەن دىلىمىزنى بىردەك قىلىپ، ھەرگىز «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلماسلىقىمىز ھەم «ئىككى يۈزلىمىچى» لەردىن بولماسلىقىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم سېپىلىنى قۇرۇشىمىز كېرەك.

بىز ھەرىكەتكە كېلەيلى! خۇددى شىنجاڭ خەلقىنىڭ ياخشى ئوغلانى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قەھرىمانى مەمەتجان توختىنىيازغا ئوخشاش قۇربان بېرىشتىن قورقماي، بارلىقىمىز بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلايلى! ئورتاق ھەرىكەتكە كەلسەكلا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز، شۇنداق بولغاندا مىللەتتە ئۈمىد تۇغۇلىدۇ، دۆلەت كۈچىيىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كۈچنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىي، پۇختا تۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرەيلى.