باش بەت>خەۋەرلەر

بېيجىڭ شەھىرى نىشانلىق ياردەم بېرىلىدىغان جايلاردىكى 300 مىڭ كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى

يوللانغان ۋاقىت:2017-06-23 12:30:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى : چېن چېن

بېيجىڭ شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، شەھەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ياردەم بېرىلىدىغان جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈشنى چىڭ، ياخشى تۇتۇشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ياردەم بېرىلىدىغان جايلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، مەركەزنىڭ «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى«ئالتە دەل جايىدا بولۇش»، «بەش بىر تۈركۈم» ئاساسىي تەلىپىگە ئاساسەن، نامراتلارنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىنىش»ىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنى خەلق تۇرمۇشىغا، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %85 ىنى ناھىيە(شەھەر)، تۈەن–مەيداندىن تۆۋەن ئاساسىي قاتلامغا ئىشلىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە، بېيجىڭ شەھىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى ۋە بىڭتۈەن 14–شىسىغا نىشانلىق ياردەم بەردى. 2013–يىلىدىن بۇيان بېيجىڭ شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن جەمئىي 10 مىليارد 300 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، 832 تۈرنى يولغا قويدى. ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش بويىچە 162 مىڭ ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، كەپىلىك رايون ۋە شەھەر–يېزىلاردىكى شەخسلەر ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەردىن 3103 يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىپ سالدى. ئاممىنى ھەقىقىي تۈردە خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن 50 يېزا مەكتىپىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەسىنى ئۆزگەرتىپ، 82 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزدى؛ تۆت شەھەر–بازار سۇ زاۋۇتىنى يېڭىدىن قۇرۇپ ۋە ئۆزگەرتىپ سېلىپ، بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 300 مىڭغا يېقىن كىشىنى بىخەتەر سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ ياردەم بېرىلىدىغان جايلاردا سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاكتىپلىقىغا تۈرتكە بولدى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرى خوتەن ۋىلايىتىدىكى ياردەم بېرىلىدىغان ئۈچ ناھىيە، بىر شەھەر ۋە بىڭتۈەن 14–شىسىدىكى 300 مىڭ كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامرات ئائىلىلەرگە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابى نامراتلارنى يۆلەش، ھەمكارلىشىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئاساسلىق رەھبەرلەر كۆپ قېتىم ئۆمەك باشلاپ نامرات كەنتلەرگە بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نامراتلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە نامراتلىشىش سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە تەدبىرىنى قاراتمىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويدى.

قوماندانلىق ئىشتابى ياردەم بېرىلىدىغان جايلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش ئۈچۈن، قەرەللىك ھالدا مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خوتەن ۋىلايىتى ۋە بىڭتۈەن 14–شىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، بىر شەھەر، ئۈچ ناھىيەنىڭ خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھەر قايسى تۈەن–مەيدانلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ساقلانغان قىيىنچىلىق ۋە پىكىر–تەكلىپ قاتارلىقلارنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى. خوتەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئېھتىياجىنى مەۋقە قىلىپ، ياردەم بېرىلىدىغان جايلار بىلەن «كىمنى يۆلەش»، «كىم يۆلەش»، «قانداق يۆلەش»، «قانداق چېكىنىپ چىقىش» قاتارلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى بىر قاتار مەسىلىلەرنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ، «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى لايىھەسى»نى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈپ، دەل جايىدا يۆلەشنىڭ ئىلمىيلىكى، مۇۋاپىقلىقى ۋە سىجىللىقىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈردى. باش ئىشتاب يەنە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش مەبلىغىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە پائالىيەتچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەبلەغنى تەستىقلاش ھوقۇقىنى ناھىيە(شەھەر)، تۈەن–مەيدانغا چۈشۈرۈپ بېرىپ، ياردەم بېرىلىدىغان جايلارنىڭ مەبلەغنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا، مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

لوپ ناھىيەسى بىلەن قاراقاش ناھىيەسى ئايرىم–ئايرىم ھالدا 30 مىليون يۈەن ۋە 35 مىليون يۈەننى كاپالەت سوممىسى قىلىپ ئاجرىتىپ، جايلاردىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، نامراتلارنى يۆلەش كىرېدىت مەبلىغىنى 5:1 بويىچە كۆپەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ پىشاڭلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرگە رەنىسىز قەرز پۇلى، كېپىلسىز قەرز پۇلى بېرىشنى يولغا قويدى ھەم مالىيەدىن ئۆسۈمنى تولۇقلاپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى. قەرز مۇددىتىنى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە قىلىپ، بىر ئائىلىگە كۆپ بولغاندا 50 مىڭ يۈەن قەرز بېرىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ قەرز ئېلىشى تەس بولۇش، قەرز ئېلىش قىممەتكە توختاش، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغى بولماسلىقتەك مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

لوپ ناھىيەسىنىڭ سامپۇل بازىرى بوستانكۆل كەنتىگە سېلىنغان رەتلىك ھەم مىللىيچە تۇرالغۇلار شۇ جاينىڭ مەنزىرە نۇقتىسى بولۇپ قالدى. سەمەت شۇ كەنتتىكى نامراتلاردىن بولۇپ، بۇلتۇر ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىدىن نەپ ئالدى. سەمەت ھۆكۈمەت تولۇقلاپ بەرگەن 28 مىڭ 500 يۈەننى ئېلىپ، ئازادە ۋە يورۇق ئەمىن ئۆي سالدۇردى، ئۆيىنىڭ ئالدىدا گۈللۈكى، كەينىدە قوتان ۋە كۆكتاتلىقى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى شەھەرلىكلەردىنمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقاندەك ھېس قىلدى. سەمەت مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئۆيۈم 81 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئۆيدە توك، تۇرۇبا سۈيى بار، تۇرمۇشقا ناھايىتى قولايلىق. ياز كۈنى ھويلىدا ئولتۇرۇپ سايىدايمىز، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ! بىزنىڭ بۇنداق ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلىشىمىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدىن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى خالىس ياردىمىدىن بولدى.

ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن نەپكە ئېرىشكەن بوستانكۆل كەنتىدىكى 44 ئائىلە، 150 كىشى ئىلگىرىكى كېسەك ئۆيلەر بىلەن خوشلىشىپ، سۇ، توك، پارلىرى يۈرۈشلەشكەن، ئازادە، يورۇق ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. شارائىت تولۇق بولغاچقا، سەمەت ئائىلىسىدىكىلەر باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى، ھازىر ئۇنىڭ قويى كۆپىيىپ 50 نەچچىگە يەتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بۇلتۇرقى كىرىمى 17 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، ئاخىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ۋاڭ جاۋلۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرى ئاجراتقان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى جەمئىي 2 مىليارد 340 مىليون يۈەن بولۇپ، 160 مىڭدىن كۆپرەك ئائىلىگە ئەمىن ئۆي سېلىپ بېرىلدى، 800 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى تۈپتىن ياخشىلاندى. بېيجىڭ شەھىرى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتا، ئىلغار ئىدىيەلەرنى كىرگۈزۈشكە، ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىشقا، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ھويلا–ئارانلارنى ئۆزگەرتىش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتتى.

سەمەت ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىش بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەشتە «قىيىن تەرەپلەرنى ئويلىغانلىقى، جىددىي ئىشلارغا ياردەم بەرگەنلىكى، دەل يۆلىگەنلىكى»نىڭ دەلىلى.

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى لۇ يۈگو مۇنداق دېدى: بېيجىڭ شەھىرى پۇقرالار غەم قىلىدىغان تۇرالغۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى، پۇقرالارنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش جەريانىدىكى كىرىمىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بەردى. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە شۇكى، پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى پۇقرالارنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىللە ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر.