باش بەت>خەۋەرلەر

ئاز–ئازدىن قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ھەقىقىي مېھىر–مۇھەببەت سىڭگەن

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-11 12:35:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

ــ يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر توغرىسىدا ئومۇمىي بايان (2)

  «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى: ليۇ دۇڭلەي


شىنجاڭ «جىنشىنيۈ» توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كارخانىسى بولۇپ، ھازىر مەزكۇر كارخانىنىڭ بورتالا ئوبلاستى ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك سانائەت رايونىدىكى 50 مىڭ ئۇرچۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش تۈرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، يەرلىكتىكى 280 نەچچە ئارتۇق ئەمگەكچى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

سۈرەتتە: ئىشچىلار ئېگىرىش سېخىدا يىپ ئىگىرمەكتە.  (ماتېرىيال سۈرەت)   (يۈسۈپ غېنى فوتوسى)

ھەقىقىي ھېسسىيات كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدۇ!

چەكسىز مېھىر–مۇھەببەت زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان بولىدۇ!

يەتتە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كەڭرى كەتكەن زېمىندا 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلىرى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، تەر ئاققۇزۇپ جاپالىق ئەمگەك قىلدى، كارخانا، زاۋۇتلاردا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلىدى، ئورگانلاردا مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن چارە–تەدبىر كۆرسەتتى.

ئاز–ئازدىن قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ھەقىقىي مېھىر–مۇھەببەت سىڭگەن! شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار سەمىمىي، ئەستايىدىل بولۇپ، ياردەم بېرىلىدىغان جايلار بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بىپايان زېمىندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيىنى ياڭراتتى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى

جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ھويلىسىدا بىر تۈپ ئۆرۈك دەرىخى بار، ئۇنى خۇاڭ جوئېر دادىسى ئۈچۈن تىككەن. 2015–يىل 8–ئاينىڭ 11–كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھىرىنىڭ 8–تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خۇاڭ چۈنچاۋنىڭ تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، خىزمەت ئورنىدا بەختكە قارشى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكىنى كەلپىن ناھىيەسىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان رادىيو–تېلېۋىزىيە سارىيى، ئۈسكۈنىلىرى ئىلغار مەدەنىيەت–تەنتەربىيە پائالىيەت مەركىزى، ئازادە، يېپيېڭى ئەمىن ئۆيلەر، كەنت ئاھالىسى ياخشى كۆرىدىغان مەدەنىيەت زالى، تېخىمۇ مۇھىمى، كەلپىن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدىكى ئوچۇق–يورۇق ۋە كەمتەر سىماسى بولدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا پۈتۈن زېھنىنى ئاتىغان بۇ ياخشى كادىرنىڭ جەسەت كۈلىنىڭ يېرىمى كەلپىن زېمىنىغا چېچىلدى، يېرىمى يۇرتى دېچىڭدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى.

كىشىلەر ئۇنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنتۇغىنى يوق. كەنت مەدەنىيەت سارىيىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن قۇربانجان پەرھات خۇاڭ چۈنچاۋنىڭ ئۆيىگە كېلىپ مېھمان بولۇپ كېتىشىنى ساقلاۋاتاتتى؛ ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزىدىكى مەمەتجان بوۋاي خۇاڭ چۈنچاۋنىڭ كېلىپ بىر قول شاھمات ئوينىشىنى كۈتۈۋاتاتتى؛ قاراكۈت كەنتىدىكى ئاھالىلەر خۇاڭ چۈنچاۋنىڭ پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان خۇياڭ قويى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىپ بېرىشىنى كۈتۈۋاتاتتى؛ كەلپىن ناھىيەلىك ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە 63 ياشلىق مۇسا راخمان خۇاڭ چۈنچاۋنىڭ ئۆزى ئۈچۈن تەرەت قاچىسىنى تۆكۈپ بەرگەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ يىغلاپ تۇرۇپ: ئۇ ھەقىقەتەن ئۆز بالامدىنمۇ يېقىن، دېدى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن نەچچە مىڭلىغان كادىر خۇاڭ چۈنچاۋغا ئوخشاش، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى شىنجاڭ زېمىنىغا ئۈن–تىنسىز بېغىشلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2–قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرايلى» دېگەن مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئوتتۇرىغا قويدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار بۇ تاپشۇرۇقنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما بىلەن سىرداش دوست بولۇپ، ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئىچقويۇن–تاشقويۇن بولۇپ كەتتى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ھەر بىر تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇش جەريانى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ روھىي دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىش جەريانى. ئۇلار جاپالىق ئەمگىكى، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قۇرۇلۇشلار، ئارقا–ئارقىدىن يولغا قويۇلغان ئەۋزەل كەسىپ تۈرلىرى، ئىشلىتىشكە بولىدىغان بارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقىگە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى خەلقنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى يەتكۈزدى، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇقى ۋە مەدىتىنى يەتكۈزدى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئۈچ چى كېلىدىغان مۇنبەردە ئوقۇغۇچىلارنى بىر–بىرلەپ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا ئۇزاتتى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار قىزىل كىرېست ئاستىدا ئاغرىقلارغا قايتىدىن ھاياتلىق ئاتا قىلدى؛ «شۈجۇلۇق ئانا» ۋەكىللىكىدىكى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ يىراققا ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ بارماقتا.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى ياردەمنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە ئورنىتىشتىن ئىبارەت. ئالتاي تېغىنىڭ قارلىق چوققىلىرىدا، سايرام كۆلىنىڭ سۈپسۈزۈك سۇ بويلىرىدا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ بوستانلىقلىرىدا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن ھەربىر كادىرنىڭ تۇرۇۋاتقان يېرىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولايلى

2016–يىلى خۇبېي ئۆلكىسىدە «تۇرسۇن ئاكا كالىسىنى ساتقان پۇلنى خۇبېيدىكى تۇغقانلىرىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، ئاپەتتىن قۇتۇلۇشىغا ئىئانە قىلدى» تېمىسىدىكى خەۋەر كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش 1–سېپىدىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. خەۋەردىكى باش پېرسوناژ تۇرسۇن ئېزىز بوۋاي بورتالا شەھىرىنىڭ شويىڭپەن بازىرى ئوتبۇلاق تەۋەلىك رايونى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى. خۇبېينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە «قوشماقلىشىش، تۇغقانلىشىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، «قوشماقلىشىش، تۇغقانلىشىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش» پائالىيىتىنىڭ تۈرتكىسىدە بورتالا ئوبلاستىدىكى 1000 دىن ئارتۇق ئائىلە خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ناھىيە، شەھەرلىرىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈپ، بەختلىك تۇرمۇشقا ۋە قىيىنچىلىقلارغا ئورتاق يۈزلەندى.

شۇنداق بولغانلىقتىن خۇبېي ئۆلكىسىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغان 68 ياشلىق تۇرسۇن ئېزىز ئولتۇرالماي قالدى. ئۇ يېرىم يىلدىن بۇيان بېقىپ كېلىۋاتقان سىيىرىنى سېتىپ، 6000 يۈەن پۇل غەملەپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق مەركىزىگە ئاپىرىپ بەردى ھەم ئۇ يەردىكى خادىملارغا بۇ پۇلنى خۇبېي ئۆلكىسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدى. تۇرسۇن ئېزىز بوۋاي مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار بىز ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلدى، ئۇلار بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىز، ئۇلار ئاپەتكە ئۇچرىغاندا مەن تۇغقىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەممە پۇلۇمنى ئۇلارغا ئىئانە قىلىشىم كېرەك.

ئۈچ يىل ئىچىدە تولى ناھىيەلىك 2–ئوتتۇرا مەكتەپتە «ئاتا» ناملىق ناخشا ئىككى قېتىم ئېيتىلدى. بۇ ناخشىنى ئوقۇغۇچىلار لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ بېنشى شەھىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى چېن لېيغا ئاتاپ ئېيتقانىدى. 1–قېتىملىق مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندا ئوقۇغۇچىلار «ئاتا» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، چېن لېينى ئۇزىتىپ قويغانىدى. چېن لېي يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، بالىلارغا بولغان سېغىنىشىنى باسالماي، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يەنە بىر قېتىم ئاتلاندى، بالىلار يەنىلا «ئاتا» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، ئۆزلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. شىنجاڭغا 2–قېتىملىق نىشانلىق ياردەم بېرىشتە چېن لېي ئۆزى مەسئۇل بولغان سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ تولى ناھىيەلىك 2–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ پۇختا، كەمتەر، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئىستىلى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەمىمىي ھۆرمىتىگە ۋە ساداقىتىگە ئېرىشتى. كەلپىن ناھىيەسىدە نەچچە يۈزلىگەن ئامما ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ خۇاڭ چۈنچاۋنى ئۇزىتىپ قويدى؛ كۈيتۈندە قازاق بالا ئۆيىنى پاكىز تازىلاپ، بوينىغا قىزىل گالىستۇكىنى تاقاپ «شۈجۇلۇق ئانا»سىنىڭ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى؛ چاقىلىق ناھىيەسىدە كىشىلەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن دوختۇر يۈ ۋېنلىنى ئاغزى–ئاغزىغا تەگمەي ماختاشتى.

شۇنداق قىلىپ، بىر ئادەم، بىر ئىش ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن كادىرلار ۋە يەرلىك ئاممىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى ئىللىتتى

بۇلتۇر چاغاندا شۈجۇ شەھىرى ئۆز ئالدىغا 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مەلىكە شيېيۇ» مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلدى. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا 2000 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ياشىغان بۇ خەنزۇ مەلىكىنىڭ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇسۇن ئېلىغا ياتلىق بولغانلىقىدەك ھېكايە سۆزلەنگەن بولۇپ، جياڭسۇ خەلقى بىلەن ئىلى خەلقىنىڭ ھېسسىياتى ۋە دوستلۇقىنى تېخىمۇ چىڭىتتى، شۇنداقلا مەملىكەت خەلقىگە شىنجاڭ بىلەن ۋەتىنىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلىرى ئارىسىدىكى ئۇزاقتىن بۇيانقى ئالاقە تارىخىنى ۋە تەبىئىي باغلىنىشىنى تونۇتتى.

دۆربىلجىن ناھىيەسىدە لياۋياڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن خىزمەت ئەترىتى «لياۋياڭ رادىيو–تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پىروگراممىلىرى مەنبەسى» تۈرىنى، يەنى «ئىككى كىشىلىك لەپەر سەھنىسى» پىروگراممىسى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «سەھرادىكى مۇھەببەت ھېكايىسى» قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شەرقىي شىمال مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىنى نامايان قىلدى. مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يولغا قويۇلغانلىقتىن، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ رەڭدار مەدەنىيىتى شىنجاڭدا نامايان قىلىندى. خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئامما تېلېۋىزورنى ئېچىپلا خوتەن ۋىلايەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قاناللىرىدا مول مەزمۇندىكى پىروگراممىلارنى كۆرەلەيدىغان بولدى. «خەلق تۇرمۇشىغا نەزەر»، «قىزىق نۇقتا ھەققىدە پاراڭ»، «قانۇن ئىدارە قىلىدىغان خوتەن»، «كۈندە <قوش تىل> ئۆگىنەيلى» قاتارلىق پىروگراممىلار تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، خەنزۇ تىلىدىكى نۇرغۇن تېلېۋىزىيە تىياتىرى قويۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ قويۇلدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك رادىيو–تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئالىمجان ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: بېيجىڭ شەھىرى 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئىدارىمىزگە يېڭىدىن تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزى سېلىپ بەرگەندىن كېيىن، يىلدا تەرجىمە قىلىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرىمىز 100 قىسىمدىن 400 نەچچە قىسىمغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بېيجىڭ شەھىرى يەنە 22 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ئىدارىمىزگە زامانىۋى ئاخبارات مەركىزى سېلىپ بەردى. يېڭى ئەسلىھە، يېڭى ئۈسكۈنە، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئىدىيەلەر خوتەن ۋىلايىتىنىڭ رادىيو–تېلېۋىزىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.

بۇنداق ئىشلار نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشكەن ھەربىر جايدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت–سەنئەت خەرىتىسىدىكى 19 ئالتۇن گۈلگە ئوخشايدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئوخشىمىغان رايونلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا تونۇشنى، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئالاقىنى، ھۇزۇرلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ساھەگە ئايلاندى، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ھەممىمىزگە ئايان. مانا بۇ نەتىجىلەر ئاساسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسى تېخىمۇ مۇنبەت تۇپراققا ئىگە بولدى.