باش بەت>خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ، پەن–تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ، ئاساسىي داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاشقا دائىر نىزام چىقىرىش ۋە داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-12 12:58:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

«شىنجاڭ گېزىتى»مۇخبىرى ئاينۇر ئابلىمىت خەۋىرى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ، پەن–تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ليۇ بىنجيې گۇرۇپپا باشلىقلىقىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ، پەن–تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ، ئاساسىي داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاشقا دائىر نىزام چىقىرىش ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى 7–ئاينىڭ 11–كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

ليۇ بىنجيې دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە 18– قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش كەسپىنىڭ سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاكتىپ تۆھپە قوشتى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىمىز ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر–تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئىنكاس قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك نىزاملارغا يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ، پەن–تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى لى چاڭسەي، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ، پەن–تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ۋاڭ لۇڭدې ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، مانەن زەينەل سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.