باش بەت>خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-12 13:02:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

 (2017–يىل 6–ئاينىڭ 29–كۈنى)

    شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 1996–يىلىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان جايلار، ئورۇنلار سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيلىقنى كۆزلەپ، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ياخشىلىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاپ، ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ توققۇز تۈركۈمدە 10 مىڭدىن كۆپرەك كادىر، ئىختىساسلىقنى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان بارلىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلار پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق–مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. ئۇلار شىنجاڭنى ئىككىنچى يۇرتى بىلىپ، ھەر مىللەت خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، چوڭقۇر مېھىر–مۇھەببەت ئورنىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەقىل–پاراسىتى، قان–تەرى ھەتتا ھاياتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەپ، شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىشەنچى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشتى، بۇ جەرياندا بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلار مەيدانغا كەلدى.

    ئىلغارلارنى تەقدىرلەش، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنستىرلىقى چى يىڭ قاتارلىق 112 يولداشقا «مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئىلغار شەخس» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىشنى، ۋاڭ خۇا قاتارلىق ۋاپات بولغان ئۈچ يولداشقا «مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئىلغار شەخس» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىشنى قارار قىلدى، تەقدىرلەنگەن ئىلغار شەخسلەرنىڭ بۇ شەرەپلىك نامنى قەدىرلەپ، كەمتەر ۋە ئېھتىياتچان بولۇپ، نەتىجىلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

    بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن ئىلغار شەخسلەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار، بولۇپمۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتكە چەكسىز سادىق بولۇش، غايە–ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇشتەك سىياسىي پەزىلىتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئۆزىنى چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا بېغىشلاشتەك ئىنقىلابىي ھېسسىياتى، ھەر مىللەت ئامما بىلەن رىشتە باغلاپ، پۇقرالارغا بەخت–سائادەت يارىتىشتەك خەلقچىل ئېڭى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتالايدىغان ئىلگىرىلەش روھى، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پاك–دىيانەتلىك بولۇشتەك ئېسىل ئىستىلىدىن ئۆگىنىشى كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3–، 4–، 5–، 6–ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى زور فاڭجېن–سىياسەتلىرىگە ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىناق–ئىتتىپاق، باي–باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

    ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئىلغار شەخس»لەرنىڭ تىپىك ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىشنى «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش–تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى كېڭەيتىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ئىلغارلاردىن، ياخشىلاردىن بولۇشقا ئىنتىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تەلىپىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، دادىل مەسئۇل بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاۋانگارت، نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.