باش بەت>خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايون بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان يەسلى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-17 12:07:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى يەسلى باشلىقلىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ۋەزىپە بىلەن تەربىيەلىنىش كۇرسى ئاياغلاشتى

ئاپتونوم رايون بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان يەسلى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

     «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋىرى:  2017- يىللىق جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى يەسلى باشلىقلىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ۋەزىپە بىلەن تەربىيەلىنىش كۇرسىنىڭ ئاياغلىشىش مۇراسىمى 8- ئاينىڭ 16- كۈنى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
  ئاپتونوم رايون جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدىغان يەسلى باشلىقلىرىنى 8 - ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە «قوش تىل» مائارىپى سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈش، يەسلى خىزمىتى قائىدىلىرى، يەسلى باشلىقلىرى كەسىپ ئۆلچىمى قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە مەركەزلىك تەربىيەلەپ، يەسلى باشلىقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈردى. كۇرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى يەسلى باشلىقلىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ۋەزىپە بىلەن تەربىيەلىنىش كۇرسىغا قاتناشقان تۇنجى تۈركۈمدىكى 1020 يەسلى باشلىقى يېڭى خىزمەت ئورنىغا بېرىپ، بىر يىل ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدۇ.
  لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ «سېلىشقا تېگىشلىك يەسلىلەرنى سېلىش»، «كىرىشكە تېگىشلىك بالىلارنى كىرگۈزۈش»تىن ئىبارەت تارىخىي خاراكتېرلىك نىشانى يېقىندا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. بۇ نىشاننىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مائارىپ ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم بىر قەدەم باسقانلىقى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت يەسلى يېشىغا يەتكەن بالىلارنىڭ پارتىيەنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى بىلەن، ساغلام، خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىپ، باش نىشانغا يېتىش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
  لى پېڭشىن ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئاپتونوم رايوندىكى يەسلىلەرنى پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان يەسلى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يەسلىگە كىرگەن ھەر مىللەت بالىلىرىنىڭ ساغلام، خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ــ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەسلى باشلىقلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان شەرەپلىك مەجبۇرىيىتى. يەسلى باشلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، بىرىنچىدىن، باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. خىزمەت تەقسىماتى ئېنىق بولۇشتەك مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، راۋان باشقۇرۇش تۈزۈمى مېخانىزمى ۋە كۈچلۈك چەكلەش، باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يەسلىلەرنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىككىنچىدىن، بېقىش - تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئىلمىي، قېلىپلاشقان بېقىش - تەربىيەلەش پىلانىنى تۈزۈپ، تەربىيە بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەرسلىكتىن پايدىلىنىشنى چىڭىتىپ، بېقىش - تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، قوشۇننى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمىتى، ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى ۋە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىشىگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، بىخەتەرلىكنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىخەتەرلىك تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بەشىنچىدىن، كاپالەتلەندۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. دەرسلىك، ئوقۇتۇش قوراللىرى، ئويۇنچۇق قاتارلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ۋاقتىدا نەقلەشتۈرۈپ، سۇ، توك، پار قاتارلىق تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى بىلەن كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خاتىرجەم دەرس ئۆتۈشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئازادە ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالتىنچىدىن، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. يەسلى پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىپ، پارتىيە بايرىقىنى ھەربىر يەسلىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك.
  لى پېڭشىن ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنى ئۈچ يىل ھەقسىز ئوقۇتۇش مائارىپى زور «كەلگۈسى قۇرۇلۇشى»، «ئۇل سېلىش قۇرۇلۇشى» بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى خىزمىتىنى جەزمەن مۇقىملىق، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پۇختا ۋە بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.
  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار كۇڭ شىڭلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.