باش بەت>خەۋەرلەر

كەسپىي مائارىپنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-17 12:41:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش «ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى چۆرىدەپ كەسپىي مائارىپنى كۈچەيتىش» مەخسۇس تېمىسىدا كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

كەسپىي مائارىپنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك

     «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى لى ياڭ خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 8- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى چۆرىدەپ كەسپىي مائارىپنى كۈچەيتىش» مەخسۇس تېمىسىدا كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە كەسپىي مەكتەپلەر، كارخانا مەسئۇللىرى قاتارلىقلارنى كېڭىشىپ ئەقىل كۆرسىتىشكە تەشكىللىدى.
  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇش ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئالاقىدار سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، تارماقلار ۋە كەسپىي مەكتەپلەر، كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.
  نۇرلان ئەبىلمەجىن كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەسپىي مائارىپنى مىسلىسىز گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى كەسپىي مائارىپقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەبلەغ سېلىنمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە سالماقنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى. بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، دىققەتنى باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسپىي مائارىپنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىشتا، ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىشتا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «كەسپىي مائارىپ قانۇنى»، ئاپتونوم رايوننىڭ «زامانىۋى كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2015- 2020)»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تولۇق تۇتۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچى ئارقىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كەسپىي مائارىپتىن ئىبارەت دۆلەت ۋە خەلققە پايدىلىق بۇ چوڭ ئىشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.
  نۇرلان ئەبىلمەجىن ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: كەسپىي مائارىپنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈشتە، ئەڭ تۈپ نۇقتا ــ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش. ئەڭ تۈپ نۇقتا ــ كەسپىي مائارىپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ ھەم كەسىپ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ كەسىپ تەسىس قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم داڭلىق، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ھەم «قوش ئۇنۋانلىق ئوقۇتقۇچى» تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش. ئەڭ مۇھىم بولغىنى ــ كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش تارىخى مائارىپى ۋە تەربىيەلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇشىنى قوللاپ، ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىن 100 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نۇقتىلىق كۆزدە تۇتۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاممىنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ ئەمگەك كۈچلىرىنى لاياقەتلىك ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قىلىپ تەربىيەلەش. ئەڭ مۇھىمى ــ شارائىتنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، جامائەت مالىيەسىنى ئاساس قىلىدىغان كەسپىي مائارىپ خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش. كەسپىي مائارىپ تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازاردىن ئىبارەت «ئىككى قول»نىڭ رولىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، بولۇپمۇ، كەسپىي كارخانىلارنى كەسپىي مائارىپنى پائال قوللاشقا يېتەكلەش كېرەك. «مائارىپ + كەسىپ + ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «مەكتەپ + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان» قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئالاھىدە ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىدىيە مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ كەسپىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىش دەرىجىسى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
  نۇرلان ئەبىلمەجىن ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. كەسپىي مائارىپقا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە كۆپرەك تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە كۆپرەك ئەقىل كۆرسىتىپ، كەسپىي مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتىگە كۆپرەك قاتنىشىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچى ۋە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بەي جىجيې، ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، ليۇ جىيۇڭ، چېڭ جېنشەن، بادەي، گۈلشاد ئابدۇقادىر، يۈ شيۇدۇڭ، كادىرقان مىراسقان، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار كۇڭ شىڭلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ باش كاتىپى خەن جۈن يىغىنغا قاتناشتى.