باش بەت>خەۋەرلەر

دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال تۈزىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزەپ، ھەر بىر ئەرزىيەتنىڭ ھەل قىلىنىشى، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-20 19:26:00 مەنبە:«شىنجاڭ گېزىتى» تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

چېن چۈەنگو مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خەتلىرىنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى

دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال تۈزىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزەپ، ھەر بىر ئەرزىيەتنىڭ ھەل قىلىنىشى، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

«شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بەينياۋخۇ كۆلىگە پاسكىنا سۇ قويۇپ بېرىش، كازىۋەن كەنتىدىكى ئۆزلىرى سېلىۋالغان ئۆيلەردىكى كىچىك پار قازانلارنىڭ ھاۋانى بۇلغاش، سەككىز تۈتۈن سۇ ئامبىرىنىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىق مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئۈچ ئەرزىيەت مەسىلىسىگە تەستىق سالدى ھەم مەسىلىنى تۈزىتىشكە شەخسەن ئۆزى ھەيدەكچىلىك قىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ، تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتكە كېلىپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، دەرھال ئۆزگەرتىپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىپ، ھەر بىر ئەرزىيەت مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى، ھەممىسىنىڭ جايىدا تولۇق تۈزىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىۋېلىش، ئۆزى تەكشۈرۈش، ئۆزى تۈزىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش، تۈزەشنى پائال يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنى پۇرسەت بىلىش ئارقىلىق پۈتۈن كۈچ بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئۈچ ئەرزىيەت مەسىلىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى بار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسى، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى، بۇلاقتاغ رايونى دەرھال چېن چۈەنگونىڭ تەستىقىدىكى تەلەپ بويىچە تۈزەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى.

بەينياۋخۇ كۆلىنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى يېڭىدىن قۇرۇلغان پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ ئاكتىپ بۇلغانما لېيى ياخشى يېتىلدۈرۈلمىگەنلىكتىن، پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىشى ئۆلچەمگە يەتمىگەچكە، بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىنكى سۇ سۈيى بىر قەدەر ئاز بولغان بەينياۋخۇ كۆلىگە بىۋاسىتە قويۇپ بېرىلىپ، كۆل سۈيىنىڭ ئوكسىدلىنىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، مۇھىت بۇلغىنىشنى پەيدا قىلغان. ئۈرۈمچى ناھىيەسى بېجىرىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خېتىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دەرھال يېقىن مەزگىللىك ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئىككى قەدەمدە مېڭىپ تۈزىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى. يېقىنقى مەزگىلدە، دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولغان ئاكتىپ لاي ئىشلىتىپ، كېرەكسىز سۇنى چىقىرىشنى توختىتىپ، باشقا جايغا توشۇش، يېشىل يۈسۈنلەر ۋە لەيلىگۈچى جانلىقلارنى سۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۈچ كۈندىن 15 كۈنگىچە ئومۇميۈزلۈك تۈزەش ئېلىپ بارىدۇ؛ ئۇزاق مەزگىللىك تۈزەش پىلانىدا، پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ قويۇپ بېرىش لايىھەسىنى قايتىدىن تۈزۈپ، بەينياۋخۇ كۆلى قاقاس تېغىنى كۆكەرتىش قاتارلىق ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسى يولغا قويۇلىدۇ.

كازىۋەن كەنتىدىكى ئۆزلىرى سېلىۋالغان ئۆيلەردىكى كىچىك پار قازانلارنىڭ ھاۋانى بۇلغاش مەسىلىسىنى بۇ كەنتنىڭ 1-، 2-، 3-، 4-گۇرۇپپىسىدىكى دېھقانلار ئۆزلىرى سېلىۋالغان ئۆيلەردىكى قىشتا ئىسسىنىش ئۈچۈن ئورناتقان 500 گە يېقىن كىچىك پار قازان چىقارغان ئىس-تۈتەك پەيدا قىلغان. بۇ مەسىلىگە قارىتا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى ئالدى بىلەن كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئەسلىھەلەرنى چۇۋۇپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ كەنت يەنە شىنجاڭ خەلقئارا ساغلاملىق كەسىپ رايونىغا زاپاس يەر سېتىۋېلىش تۈرى ۋە كازىۋەن كەنتىنىڭ يېرىنى پۈتۈنلەي سېتىۋېلىپ زاپاس ساقلاش تۈرىگە كىرگۈزۈلدى، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن ئىلگىرى يەر ئېلىش، كۆمۈر يېقىلغۇلۇق پار قازانلارنى چۇۋۇش خىزمىتى بىرلىكتە تاماملىنىدۇ.

سەككىز تۈتۈن سۇ ئامبىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش رايونىغا تەۋە بولۇپ، سۇ تەمىناتى ئۈزۈلۈپ، پەقەت ئىككى كۆلچەك قالغان. ئامما ئىنكاس قىلغان سۇ ئامبىرى بۇلغىنىش مەسىلىسىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى مۇنداق: قۇرۇلۇش قىلىنىشتىن ئىلگىرى، يەر ئاستى تۇرۇبا تورى ئەسلىھەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۆلچەملىك بولماسلىق، تۇرمۇش پاسكىنا سۇلىرىنى قالايمىقان چىقىرىش كۆلچەك سۈيىنىڭ سۈپىتىنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، غەيرىي پۇراق تارقالغان. بۇ مەسىلە بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇلاقتاغ رايونى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، بۇلغىنىشنى تۈزەشكە بۇيرۇپ، سۇ يۈزى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەخلەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تازىلاپ، ھەر كۈنى پاشا-قۇرتلارنى ئۆلتۈرۈپ، سۇدىكى غەيرىي پۇراقنى تۈگەتتى ھەم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى ياخشىلاش، يۇقىرى سۈپەتلىك ئاممىۋى ئارام ئېلىش سورۇنى بەرپا قىلىشتەك تۈزىتىش كۆزلىمە نىشانىنى ئېنىق بېكىتتى.