باش بەت>خەۋەرلەر

شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن بايراملىق ھال سورىدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-10 20:43:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن بايراملىق ھال سورىدى

 

غايە–ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەخلاق جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك

«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 9–ئاينىڭ 8–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، كۆپچىلىكنى ئاڭلىق ھالدا غايە–ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەخلاق ھەم ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتەك شەرەپ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەخلاق جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1–دوختۇرخانا ئاياللار كېسىلى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسور ما سەيلىڭنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ تەلىم–تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش جەريانىدا سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەمگىكى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئالقىشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى، بولۇپمۇ داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە مۇھىم تۆھپە قوشتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ، ئوقۇش–ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، ھەم ئوقۇتۇش ھەم ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىز باسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئاساسىي مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىنىڭ مولېكۇلا بىيولوگىيەسى پىروفېسسورى كۈرەش يۇنۇس ئەر–خوتۇن ئىككىلىسى خەلق ئوقۇتقۇچىسى، شۆھرەت زاكىر ئۇلاردىن بايراملىق ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەم ئوقۇتۇش، ھەم ئادەم تەربىيەلەش خىزمىتى جاپالىق، ئەمما تىككەن كۆچەتلىرىنىڭ مېۋىسىنى كۆرگەن چاغدا، چىن قەلبىدىن مەمنۇن بولىدۇ، خۇشال بولىدۇ ۋە پەخىرلىنىدۇ، ھازىر چوڭ سانلىق مەلۇمات دەۋرىگە كىردۇق، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىيات قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، ئەنئەنىۋى تەربىيە ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شۆھرەت زاكىر بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئوقۇتقۇچىلىرىنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلار كىشىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكلىشى ۋە تەربىيەسى بىزنى ئۆمۈرلۈك نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. مائارىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇل تېشى، دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، رايون رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىشنىڭ ئاساسى، مائارىپنى چوقۇم باشتىن–ئاخىر ئالدىن راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان، شۇڭا ئاڭلىق ھالدا غايە–ئېتىقادنى چىڭىتىپ، دۆلەت يۈكلىگەن زىممىسىدىكى بۇرچى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دەرسخانا مۇنبىرىدىن، مەكتەپ بازىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كىشىلىك ھايات يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەشكە يېتەكلىشى ۋە ياردەم قىلىشى كېرەك. ئەخلاق ھەم ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتەك شەرەپ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، ئەخلاق جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، مەنىۋى ماكاننى، ئادىمىيلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئۆزىنىڭ نەمۇنىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىشى ۋە ئۇلارنى يېتەكلىشى كېرەك. كۈچلۈك ئۆگىنىش ئىستىكىنى ساقلاپ، بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز چېنىقتۇرۇپ، ئۆزىنى يارىتىپ، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئۆگىنىشنى قىزغىن سۆيۈش، ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇش ۋە ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇشى كېرەك. مېھىر–مۇھەببىتى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگىلىشىگە سەمىمىي ياردەم بېرىپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھۆرمەتلەپ، چۈشىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىدىكى ياخشى ئۇستازى ۋە يېقىن دوستى بولۇپ، بارلىق ئوقۇغۇچىنى ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.