باش بەت>خەۋەرلەر

لى پېڭشىن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-10 20:55:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك

«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى لى ياڭ خەۋىرى: 33–قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن 9–ئاينىڭ 9–كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، ھەر مىللەت مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. كۆپچىلىكنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇشقا، ئوقۇش–ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

لى پېڭشىن ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پېنسىيەگە چىققان پىروفېسسورلاردىن جۇ جۇ، ئابلەت ئابدۇرېھىم ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان پىروفېسسورلىرى مۇھەببەت قاسىم، لى شياڭرۈينى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇش–ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلىدى، ئۇلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، مەكتەپ ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرگە ياشانغان پېشقەدەملەرنىڭ تۇرمۇشىغا جەزمەن ياخشى كۆڭۈل بۆلۈشنى تاپىلىدى.

لى پېڭشىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولدى، ئىناق، مۇقىم بولغان ۋەزىيەت ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى؛ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەت مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاندى؛ ئىجتىمائىي ئىشلار تېز تەرەققىي قىلدى، بولۇپمۇ مائارىپ خىزمىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ: يېزىلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز يەسلى مائارىپىدا «قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قۇرۇش، يەسلىگە كىرىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈش» نىشانى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يەسلى مائارىپىدا تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش بولدى؛ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئالدىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ شىنجاڭ مائارىپىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە؛ كەسپىي مائارىپ پائال تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، 2020–يىلىغا بارغاندا «ھەممە ۋىلايەت، ئوبلاستتا ئالىي تېخنىكوم بولۇش، ھەممە ناھىيەدە ئوتتۇرا تېخنىكوم بولۇش» نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى.

لى پېڭشىن ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ نەتىجىلەر، بولۇپمۇ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ زور تەرەققىياتى پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياخشى ئاساس سالغانلىقىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ جاپالىق تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ ئىشلىرىدا ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلمىي تەتقىقاتتا ئۈلگە يارىتىپلا قالماستىن، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە باش بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئۈلگىسى، كەسىپنى قەدىرلەش، تۆھپە قوشۇش ئۈلگىسى، باشقىلارغا شوتا بولۇش ئۈلگىسى بولدى. ئۇلارنىڭ روھى ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ. پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش ۋە يېتەكلەش رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تۆت پېشقەدەم پىروفېسسور ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ، چوقۇم رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەخلاق–پەزىلەتلىك، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئۈلگىلەردىن بولىمىز.

لى پېڭشىن ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: مائارىپنىڭ ئاساسى ئوقۇتقۇچىلاردا. شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. پەن قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تەجرىبىخانىلارنى قۇرۇپ، مۇتەخەسسىس ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشىغا كەڭ سۇپا ھازىرلاپ بېرىش؛ پەن تەتقىقات كوللېكتىپى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىلىم–پەن بىلىمى چوڭقۇر، خىزمەت تەجرىبىسى مول پېشقەدەم پىروفېسسور، مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپقان كوللېكتىپلارنى قۇرۇپ، تېما تەتقىقاتى قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش؛ پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان قويۇق كەيپىياتنى ئۈزلۈكسىز شەكىللەندۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ياخشى تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.