باش بەت>خەۋەرلەر

شىنجاڭ 5000 مەمۇر، ئوقۇتقۇچىنى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-10 21:10:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9–ئاينىڭ 9–كۈنى تېلېگراممىسى. يەسلى «قوش تىل» مائارىپىدىكى «كەمتۈكلۈك»نى تولۇقلاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل كۈزلۈك يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ھەر يىلى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا يەسلىلىرىگە مائارىپقا بىر يىل ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.

مۇخبىرنىڭ 9–ئاينىڭ 9–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ بۇ يىل كۈزلۈك يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 3000 مەمۇر، 2000 ئوقۇتقۇچىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزىلىرىغا بىر يىللىق يەسلى «قوش تىل» مائارىپىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەۋەتىلىدىغان مەمۇرلار سىياسىي–قانۇن ساھەسىدىكى مەخسۇس ئىشتاتلىق يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان خەلق ساقچىلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزا–بازارلىرىدىكى مەمۇرلار، تاللاپ ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن، ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

بەلگىلىمە بويىچە ئەۋەتىلىدىغان يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى قىشلىق، يازلىق تەتىلدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، مائارىپقا ياردەم بەرگەن مەزگىلىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خىزمەت تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇش ئاساسىدا، يەنە ھەر ئايدا 2600 يۈەنلىك تۇرمۇش ياردىمىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مائارىپقا ياردەم بەرگەنلەرنىڭ كادىرلار مۇناسىۋىتى يەنىلا ئەسلىدىكى ئورۇندا ساقلىنىپ، پاراۋانلىق تەمىناتى ئۆزگەرمەيدىكەن، مائارىپقا ياردەم بېرىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتىدىكەن. يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچى ئەگەر ئالاھىدە ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچى بولسا، بىر يىللىق مائارىپقا ياردەم بېرىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ئەسلىدىكى ئالاھىدە ئىش ئورنىغا قايتىپ داۋاملىق مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ جايلاردا «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولۇش، سۈپىتى «قۇرۇلما خاراكتېرلىك تۆۋەن بولۇش» قاتارلىق مەسىلىلەر ئىزچىل ئىنتايىن گەۋدىلىك. شۇڭا شىنجاڭ بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزىلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 4387 يېزا «قوش تىل» يەسلىسىنى يېڭىدىن سېلىپ ۋە كېڭەيتىپ سېلىپ، يېزىلاردىكى يەسلىگە كىرگەن بالىلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى 1 مىليون 128 مىڭ 900 غا يەتكۈزۈپ، يېزىلاردا ئۈچ يىللىق ھەقسىز يەسلى «قوش تىل» مائارىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.