باش بەت>خەۋەرلەر

شىنجاڭدا 400–قېتىملىق جۇڭگو–ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-11 16:07:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9–ئاينىڭ 8–كۈنى تېلېگراممىسى. كىيىم–كېچەك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئۆي بېزەش ماتېرىياللىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاچىلانغان –X9091قېتىملىق يۈك پويىزى 9–ئاينىڭ 7–كۈنى سائەت 18 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، قورغاس پورتىدا چېگرادىن چىققاندىن كېيىن، قازاقىستاننىڭ ئالما-ئاتا شەھىرىگە يېتىپ باردى. بۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچىدىن قاتنىغان 400–قېتىملىق جۇڭگو–ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ھېسابلىنىدۇ.

ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو–ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ قاتناش سىجىللىقى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، قاتناش قېتىم سانى تېز كۆپىيىپ، دەسلەپكى ھەپتىدە بىر نۆۋەتچى پويىز قاتناشتىن ھازىرقى ھەر كۈنى ئىككى نۆۋەتچى پويىز قاتناشقا تەرەققىي قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 8–ئايدا جەمئىي 65 نۆۋەتچى پويىز قاتناپ، يۇقىرى رېكورت ياراتقان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى قازاقسىتان تۆمۈر يول تارماقلىرى بىلەن چېگرا ھالقىغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو–ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يول يۈرۈش ۋاقتىنى قىسقارتقان.