باش بەت>خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭنىڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەر ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-11 18:27:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9–ئاينىڭ 10–كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھۆججەت–ئەسەرلەر تەتقىقات ئىشخانىسى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەر ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركەز ھۆججەت–ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە تارقىتىلدى.

پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياشلار–ئۆسمۈرلەر ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ياشلار–ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەمىمىي كۆڭۈل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەر ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىدا، يېڭى ۋەزىيەتتە ياشلار–ئۆسمۈرلەر ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، زامانىمىز ياشلىرىنىڭ تارىخىي بۇرچى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش يولىنى كۆرسىتىپ بەردى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ياشلار–ئۆسمۈرلەر ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنىڭ ئاساسىي تەلىپى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى توغرا ئىگىلەش، ياشلار–ئۆسمۈرلەرنى ئۇلۇغۋار غايە، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تىكلەپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەش، ئىتتىپاق ئەزالىرىنى «تۆت ئاڭ»نى، ئىلغارلىق ۋە شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە تەربىيەلەش، ياشلار–ئۆسمۈرلەرنى ئىككى «100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىش، تىرىشىپ خىزمەت قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«ئۈزۈندىلەر» ياشلار–ئۆسمۈرلەر دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ۋە مىللەتنىڭ ئۈمىدى؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ دەۋر ئاساسىي تېمىسى؛ ياشلار–ئۆسمۈرلەرنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەش؛ دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان باتۇرانە ئىلگىرىلىگۈچى، يول ئاچقۇچى، تۆھپە قوشقۇچىلاردىن بولۇش؛ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، خىزمەتلەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، بىرىكىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى دەل تېپىشى كېرەك؛ ئىتتىپاق كادىرلىرى چوقۇم ياشلارنى كۆڭلىگە پۈكۈشى، ياشلارنى ئويلىشى كېرەك؛ بۈگۈن ۋەتەننىڭ ياخشى پەرزەنتى، كەلگۈسىدە ۋەتەننىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش؛ پارتىيەنىڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەر ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت سەككىز مەخسۇس تېمىدىن تەركىب تاپقان. كىتابقا 189 پارچە بايان كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012–يىل 11–ئاينىڭ 29–كۈنىدىن 2017–يىل 5–ئاينىڭ 3–كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى سۆزى، نۇتقى، تەستىقىي يوليورۇقى، تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتى قاتارلىق 40 پارچىدىن ئارتۇق مۇھىم ھۆججەتتىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن بايانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.