باش بەت>خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا چاقىرىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 11:43:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى. مەركەزنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى 11-كۈنى بېيجىڭدا چاقىرىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، بولۇپمۇ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىن خىزمىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن يىغىنغا قاتناشتى.

يۈ جېڭشېڭ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى چاقىرىلغاندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دىن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىن خىزمىتىنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى. جايلار ۋە تارماقلار خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، دىن خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دىن ساھەسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يۈ جېڭشېڭ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى ۋەزىيەتتە دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاچقۇچ ــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، بولۇپمۇ «يېتەكلەش» مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، توغرا ئىگىلەپ، «يېتەكلەش»كە كۈچ سەرپ قىلىشتىن ئىبارەت. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئىتتىپاقلىشىش-ھەمكارلىشىش، ئېتىقاد جەھەتتە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

دىنىي زاتلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پاراۋانلىق، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرگە كۆپلەپ تۆھپە قوشۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى سوتسىيالىزمنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشى ئاساسىدا يېتەكلەپ ۋە تەربىيە بېرىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى ھەر قايسى دىنلارغا سىڭدۈرۈش كېرەك. دىننى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، دىنغا چېتىشلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى قانۇن ئارقىلىق تەڭشەش كېرەك.

يۈ جېڭشېڭ ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى زور ھەل قىلغۇچ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ ئىزچىللىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم، قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. دىنىي ئەسەبىيلىك خاھىشىنى توسۇپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەت، دىن ئامىلىغا چېتىلىدىغان زىددىيەت، ماجىرالارنى قانداق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولسا، شۇ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداش كېرەك. چېگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇپ، مەكتەپتە دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ۋەتەننى، دىننى سۆيىدىغان دىن ساھەسىدىكى زاتلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەسەبىي ئىدىيە ۋە چېگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

يۈ جېڭشېڭ ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، «نىزام» توغرىسىدىكى تەشۋىقات ۋە تەربىيەلەشنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، دىن ساھەسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي تۈردە قوغداپ، قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىننى مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 190 كىشى يىغىنغا قاتناشتى. ئالاقىدار يەرلىك ۋە تارماقلاردىن توققۇز يولداش يىغىندا تەجرىبە ئالماشتۇردى.