باش بەت>خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «ب د ت چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەھدىنامىسى» پۈتۈشكۈچى تەرەپلەرنىڭ 13–قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 17:03:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۆكخوت، 9–ئاينىڭ 11–كۈنى تېلېگراممىسى. «ب د ت چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەھدىنامىسى» پۈتۈشكۈچى تەرەپلەرنىڭ 13–قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى 9–ئاينىڭ 11–كۈنى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوردۇس شەھىرىدە ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر ۋەكىللىرى، خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ھەر ساھە زاتلارنى سەمىمىي قارشى ئالدى ھەم يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: يەرنىڭ چۆللىشىشى ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يەرشارىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە مەسىلىسى. ئەھدىنامە كۈچكە ئىگە بولغان 21 يىلدىن بۇيان، تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن يەرشارىنىڭ چۆللىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، ئەمما ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن، دۇنيادا يەنىلا نۇرغۇن جايدىكى خەلق چۆللىشىشنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا «قول تۇتۇشۇپ چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت–سائادىتىنى ئورتاق كۆزلەيلى» باش تېما قىلىنىپ، ئەھدىنامىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك رامكىسى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ، بۇ، يەرشارىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مۇھىم ۋە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

شى جىنپىڭ ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشىغا موھتاج. بىز تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتنى قوغداش ئىدىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئەھدىنامىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىشىدىغان، نىشان ئايدىڭلاشتۇرۇلغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك رامكىسىنى ئورنىتىپ، يەرشارىدىكى چۆللۈكلەرنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى تۈزەشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، چۆلنى تىزگىنلەپ، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو ئەھدىنامىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى قەتئىي ئادا قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا بېكىتىلگەن نىشان بويىچە، ھەر قايسى ئەزا دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى ئىلگىرىكىدەكلا كۈچەيتىپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىدۇ.

 گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ يىغىننىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو رەئىس شى جىنپىڭ 2015–يىلى ب د ت تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىدا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىگە ئەمەل قىلىپ، 2030–يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ۋەزىپىمىز دەپ قاراپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، خەلقئارا ئالاقە، ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، چۆللۈكلەرنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى تۈزەش بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ جۇڭگوچە يولىنى تىرىشىپ تېپىپ چىقىدۇ.

ب د ت نىڭ باش كاتىپى گوتېررىس يىغىنغا سىنلىق تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى.

«ب د ت چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەھدىنامىسى» ب د ت رىئودىي ژانېيرو ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىغىنى رامكىسىدىكى ئۈچ چوڭ مۇھىت ئەھدىنامىسىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، شۇنداقلا قۇرغاقچىلىقنىڭ تەسىرىنى يېنىكلىتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. ئەھدىنامە پۈتۈشكۈچى تەرەپلەر يىغىنى ئەھدىنامىنىڭ ئالىي تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتى، ھازىر ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، 196 دۆلەتتىن كەلگەن ئەھدىنامە پۈتۈشكۈچى تەرەپ، 20 نەچچە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 1400 كىشى بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىدۇ.