باش بەت>خەۋەرلەر

شىنجاڭغا ئائىت بىر قانچە تارىخىي مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا چاقىرىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 22:06:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

شىنجاڭغا ئائىت بىر قانچە تارىخىي مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىش سۆھبەت يىغىنى 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە بېيجىڭدا چاقىرىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلېگراممىسى. شىنجاڭغا ئائىت بىر قانچە تارىخىي مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىش سۆھبەت يىغىنى 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە بېيجىڭدا چاقىرىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىكى يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭغا ئائىت بىر قانچە تارىخىي مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ، ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، ئىدىيە يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، تونۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىنىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق، مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى.

يۈ جېڭشېڭ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: «خاتىرە»دە ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىدىن پايدىلىنىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ۋە قارىشىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئېلىمىز تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي دائىرىسى ۋە شىنجاڭنىڭ رايون تارىخىي تەرەققىياتىنى مۇزاكىرە قىلىش چىقىش قىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن بولغان ئالاقىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ، شىنجاڭغا ئائىت بىر قانچە تارىخىي مەسىلىگە ئەستايىدىل جاۋاب بېرىلىپ، مۇنداق ئېنىق شەرھلەندى: شىنجاڭ ئېلىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، كۆپ مىللەتلىك، بىرلىككە كەلگەن بولۇش ئەندىزىسى ئېلىمىزدە چىن، خەن سۇلالىلىرىدىن تارتىپ ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن تارىخىي ئەنئەنە ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىك؛ شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئائىلىدىكى قانداش قېرىنداشلىرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى؛ شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، ئۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. شىنجاڭ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون بولۇپ، دىنلارنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، گۈللەندۈرۈشتىكى تارىخىي سىناق... بۇ ئاساسىي قاراشلار شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى، بولۇپمۇ تارىخ ساھەسىدىكى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم پىرىنسىپقا ئىگە قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر قانچە تارىخىي مەسىلىگە بولغان تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى مۇھىم ئورتاق تونۇشقا ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك ھوقۇقى، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى، سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئىگىلەشنى مۇھىم پىكىر يولىغا ئىگە قىلدى.

يۈ جېڭشېڭ ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: سۆھبەت  خاتىرىسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىزمنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا يېتەكچىلىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، سىڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، شىنجاڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى ۋە تارىخ ساھەسىدىكى رېئال مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپىدا ھەقىقىي تۈردە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ شىنجاڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت باش نىشاندا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى، ئۇزۇن مۇددەت ئىدارە قىلىش ئىشلىرىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىدا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، كىشىلەر قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى نىشان قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىشتىكى ئېنىق پوزىتسىيەدە تەۋرەنمەي، شىنجاڭنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، مىللەت، دىن قاتارلىق جەھەتلەردىكى خاتا ئىدىيەنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ تۈپتىن تۈگىتىپ، پاكىز تازىلاپ، ئۇزۇندىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق-مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

يۈ جېڭشېڭ ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە زىممىسىگە ئېلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار، زىيالىيلار ۋە دىنىي زاتلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، ئاممىغا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات-تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە، ئىدىيەۋى تەربىيەنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر قايسى تارماقلار ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيلىقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، خىزمەت تەسەۋۋۇرى، ۋەزىپە، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلىشى كېرەك. ھەر قايسى جايلار سۆھبەت خاتىرىسى توغرىسىدىكى تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، كەڭ ئاممىنى شىنجاڭنى تېخىمۇ چۈشىنىش، تېخىمۇ تونۇش، تېخىمۇ قوللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن خۇلاسە سۆزىدە ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يىغىندا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت باش نىشان زىچ چۆرىدىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش نەزەردە تۇتۇلۇپ، شىنجاڭغا ئائىت بىر قانچە تارىخىي مەسىلە توغرىسىدىكى بىر قاتار ئاساسىي كۆزقاراشلار يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مۇھىم ئاساسقا ئىگە قىلىندى. بۇ قېتىمقى يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يۆنىلىشنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، مەركەزنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە، ئۈنۈم كۆرۈلۈشكە ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك چاقىرىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

جاڭ چۈنشيەن، لى جەنشۇ، دۇ چىڭلىن، ياڭ جىڭ، گو شېڭكۈن يىغىنغا قاتناشتى.

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار يىغىندا سۆز قىلدى. مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر قايسى ئۆلكە (شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.