باش بەت>خەۋەرلەر

جۇڭگو قازاقىستانغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان خەلقئارا يولۇچىلار پويىزى لىنىيەسىنى ئاچىدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-27 17:08:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

     «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 9–ئاينىڭ 26–كۈنى ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو شىنجاڭ تۆمۈر يول تارمىقى 9–ئاينىڭ 30–كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، قورغاس پورتى ئارقىلىق قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرىگە بىۋاسىتە بارىدىغان خەلقئارا يولۇچىلار پويىزىنى تۇنجى قېتىم يولغا سالىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى شىنجاڭنىڭ ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىشقا سېلىشتۇرغاندا، يۈرۈش ۋاقتى سەككىز سائەت قىسقىراپ، ئىككى دۆلەتتىكى يولۇچىلارنىڭ بېرىش–كېلىشىگە زور قولايلىق يارىتىلىدىكەن.

     جۇڭگو تۆمۈر يول تارماقلىرى ئۈستىگە ئالغان ئۈرۈمچى–ئالمائاتا خەلقئارا يولۇچىلار پويىزى جۇڭگو–قازاقىستان قورغاس–ئالتۇنكۆل پورتى ئارقىلىق قاتناشقا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئومۇمىي يۈرۈش مۇساپىسى 1349 كىلومېتىردىن 1048 كىلومېتىرغا قىسقىراپ، يۈرۈش ۋاقتى 25 سائەت 45 مىنۇت بولۇپ، ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق قاتنىغانغا سېلىشتۇرغاندا، يۈرۈش ۋاقتى ئالتە سائەت 53 مىنۇت قىسقىرايدىكەن؛ پويىزنىڭ ئالمائاتادىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يۈرۈش ۋاقتى 23 سائەت 31 مىنۇت بولۇپ، ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق قاتنىغانغا سېلىشتۇرغاندا، يۈرۈش ۋاقتى سەككىز سائەت 34 مىنۇت قىسقىرايدىكەن.

     بۇ خەلقئارا يولۇچىلار پويىزى يىل بويى قەرەللىك قاتنايدىغان بولۇپ، ھەپتىدە بىر نۆۋەت قاتنايدىكەن.

     يولۇچىلار ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى، قورغاس ۋوگزالىدا پويىز قوزغىلىشتىن 90 مىنۇت ئىلگىرى بېلەت سېتىۋېلىپ ۋوگزالغا كىرسە بولىدىكەن، ئىلگىرىكى پويىز قوزغىلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن بېلەت سېتىشنى توختىتىش چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.