باش بەت>خەۋەرلەر

شىزاڭ، شىنجاڭغا مائارىپ جەھەتتە ياردەم بېرىشكە 10 مىڭ نەپەر ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىش پىلانى يولغا قويۇلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-12-27 11:54:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:تۇمارس يالقۇن

تۇنجى تۈركۈمدە 4000 ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 25-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، شىزاڭ، شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلىرىنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىسىرلىقى دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە «شىزاڭ، شىنجاڭغا مائارىپ جەھەتتە ياردەم بېرىشكە 10 مىڭ نەپەر ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىش پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تارقاتقان بولۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمى ئارقىسىدا ھەر يىلى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەردىن بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى تاللىنىپ، شىزاڭ، شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلىرىغا مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلىدىكەن.

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2018-يىلى شىزاڭ، شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىشكە تۇنجى تۈركۈمدە جەمئىي 4000 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش ۋاقتى بىر يېرىم يىل ئىكەن. تۇنجى تۈركۈمدە شىزاڭ، شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلىرىنىڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار 2018-يىلى ئەتىيازدا ئوقۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن ئىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ بولىدىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تاللاپ ئەۋەتىشتە پىرىنسىپ جەھەتتە شىزاڭ، شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلىرىغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە (شەھەر) لەردىكى مەكتەپلەر ئاساس قىلىنغان بولۇپ، تەبىئىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئاساس، باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇمچە؛ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئاساس، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇمچە قىلىنىدىكەن، 10 دىن 20 گىچە ئوقۇتقۇچىدىن بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىپ، ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە بىر مەكتەپكە ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇلىدىكەن. شىزاڭ، شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلىرىغا ياردەم بېرىدىغان مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار ئاساسلىقى پەنلەر ئوقۇتۇشى ۋە سىنىپ باشقۇرۇش ۋەزىپىسى، ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەشنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇپ، كەسپىي تەربىيەلەش ۋە ئوقۇتۇش يېتەكچىلىكىنى قانات يايدۇرۇپ، تايانچلىق، ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ۋە ئادەم تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىكەن؛ باشقۇرۇش خادىملىرى ئاساسلىقى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش-ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار شىزاڭ، شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئوقۇتقۇچىلارنى ئەۋەتكەن ئورۇنلار بىلەن شىزاڭ، شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلىرى بىرلىكتە باشقۇرىدىكەن، مائاش تەمىناتى، ئۇنۋان باھالاش، باھالاپ بېكىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە شىزاڭ، شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلىرىغا ياردەمگە كەلگەن كادىر ۋە ئىختىساسلىقلارغا قاراتقان سىياسەتتىن ئوخشاش بەھرىمەن بولىدىغان بولۇپ، تەمىنات جەھەتتە ئالدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئىشلىتىش جەريانىدا يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، باشقۇرۇش جەريانىدا غەمخورلۇق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىدىكەن.