باش بەت>خەۋەرلەر

باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمىز

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-10 18:44:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

گو چېڭ، ساۋ شا

− بۇ خەتنى نېمە دەپ ئوقۇيمىز؟

− ئانارنىڭ دانىسى.

− توغرا، خۇددى شى جىنپىڭ بوۋىمىز ئېيتقاندەك، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك، ئادىلجان، شۇنداق قىلالامسەن؟

− چاتاق يوق.

− يارايسەن، كەل، بىرنى سۆيۈپ قوياي...

2017-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچ، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ نەمىنمودۇن يېزىسى بوربۇخ كەنتىدىكى سېلىمىخان مەمەتنىڭ ئۆيىدە خېجىڭ ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى خۇ شيۇخۇا ئۇنىڭ نەۋرىسى ئادىلجانغا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىتىۋاتاتتى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىدە خۇ شيۇخۇا ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ، چىن دىلى بىلەن تەشۋىق قىلىپ، باش شۇجىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھېسسىياتىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ئۇنى يېڭى دەۋردە تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى مۇستەھكەم كۈچكە ئايلاندۇردى.

«پارتىيە ئەۋەتكەن تۇغقانلىرىمىزغا چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز»

سېلىمىخان مەمەت قىشتىكى ئارسال ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ناھىيە بازىرىدىكى بىر مېھمانسارايدىن تازىلىق قىلىدىغان خىزمەت تاپقانىدى، ئۇ كۈندە سەھەر تۇرۇپ توكسىكلىت بىلەن 15 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيە بازىرىغا ئىشقا بېرىپ، كەچ سائەت سەككىزدىن ئاشقاندا ئاندىن ئۆيىگە قايتىپ كېلەتتى. بۇ بىر نەچچە كۈندە ئۇنىڭ رېماتىزم كېسىلى قوزغىلىپ قالغان بولسىمۇ، خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى، خۇ شيۇخۇا ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئىچ ئاغرىتىپ: ھەدە، سىز ئۆيدە بىر نەچچە كۈن ئارام ئېلىڭ، ئورنىڭىزدا مەن بېرىپ ئىشلەي، دېدى.

− ياق، بولمايدۇ، ھېلىمۇ ماڭا كۆپ ياردەم قىلدىڭىز، ئورنۇمدا تازىلىق قىلىشىڭىزغا قانداقمۇ كۆڭلۈم ئۇنىسۇن؟

− ھەدە، بىز دېگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى، بەك چارچاپ كەتمەڭ، ئىشنى بىللە قىلايلى، شۇنداق قىلساققۇ بولار؟

− سىزگە گەپ تېپىپ بېرەلمىگۈدەكمەن، بوپتۇ، ئەتە بىللە بارايلى، − دېدى سېلىمىخان مەمەت ئامالسىز ماقۇل بولۇپ.

كەچلىك تاماقتىن كېيىن خۇ شيۇخۇا سېلىمىخان مەمەتنىڭ دۈمبىسىنى ئۇۋۇلاپ قويدى. سېلىمىخان مەمەت: سىڭلىم، بۇ بىر نەچچە كۈندە ماڭا كۆپ ياردەم قىلدىڭىز، ئىش قىلىپ چارچاپمۇ قالغانسىز. پارتىيە ماڭا سىزدەك ياخشى كادىرنى ئەۋەتىپتۇ، يەنە كېلىپ بىزگە تۇغقان بولدىڭىز، مەن پارتىيەگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، دېدى.

− ھەدە، نېمىگە بۇنچە تۈزۈت قىلىسىز، ئۆزئارا ياردەملىشىش دېگەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز، − دېدى خۇ شيۇخۇا.

«باش شۇجى پۇقرالارغا چىن دىلىدىن كۆيۈنىدۇ»

گۈزەللىكنى سۆيمەيدىغان ئايال بولمىسا كېرەك. خۇ شيۇخۇا بىكار قالغان چاغلىرىدا ئۆزىنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ چىقىپ، سېلىمىخان مەمەت ۋە ئۇنىڭ كېلىنى بۇخەلچەمگە گىرىم قىلىپ قوياتتى ھەم بۇلارنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ قوياتتى.

كەچلىك تاماقتىن كېيىن، خۇ شيۇخۇا بۇخەلچەمگە گىرىم قىلىپ قويغاچ مۇنداق دېدى: بۇخەلچەم، خىجىل بولماڭ، قاراڭ، شۇنداق چىرايلىق بولۇپ كەتتىڭىز، بىزنىڭ سىرتقى قىياپىتىمىز گۈزەل بولۇپلا قالماي، ئىچكى دۇنيايىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولۇشى، ئىدىيەدە يېڭى دەۋرگە يېتىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك. خىزمەت ئەترىتى ئاچقان كەچلىك كۇرسقا داۋاملىق بېرىپ دەرس ئاڭلاڭ، كۆپرەك ئۆگىنىڭ.

− توغرا دېدىڭىز، كەچلىك كۇرستا ئاڭلىشىمچە، باش شۇجى 19-قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدا يەرنىڭ ھۆددە مۇددىتى يەنە 30 يىل ئۇزارتىلىدۇ، دەپتۇ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولدۇق، − دېدى بۇخەلچەم.

− باش شۇجى بىز پۇقرالارغا چىن دىلىدىن كۆيۈنىدۇ، ھۆرمەت قىلىدۇ ھەم ياردەم قىلىدۇ. شۇڭا بىزمۇ چىن دىلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك، − دېدى خۇشيۇخۇا.

− توغرا، چوقۇم باش شۇجىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمىز ۋە پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز، − دېدى بۇخەلچەم قەتئىيلىك بىلەن.

كادىرلار سىردىشىش، پاراڭلىشىش داۋامىدا يېڭى ئىدىيە، يېڭى سىياسەتلەرنى تۇغقانلىرىغا تەشۋىق قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنى مەدەنىيەت بىلىملىرى، تېخنىكىنى كۆپرەك ئۆگىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق باش شۇجى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا جاۋاب قايتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

«ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلايمىز»

قىشنىڭ سوغۇق كۈنلىرىدە، بورمۇخ كەنتىدىكى تېرەكلەرنى قىروۋ قاپلىغانىدى. خۇ شيۇخۇا سېلىمىخان مەمەتنىڭ ھويلىسىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان كۆمۈرنىڭ ئاز قالغانلىقىنى كۆرۈپ، خېجىڭ ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ بورمۇخ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىگە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلدى. خىزمەت ئەترىتى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سېلىمىخان مەمەتنىڭ ئائىلىسىگە بەش تاغار ئىسسىز كۆمۈر يەتكۈزۈپ بەردى.

«تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى»نىڭ 7-كۈنى خۇ شيۇخۇا سېلىمىخان مەمەتكە ياردەملىشىپ مېھمانسارايدا يېرىم كۈن تازىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بىلدۈرمەيلا بازارغا بېرىپ گۆش ۋە كۆكتات سېتىۋېلىپ، كەچلىك تاماق تەييارلىدى.

ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان گۆش داستىخانغا ئېلىپ چىقىلغاندا، سېلىمىخان مەمەت سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى.

خۇ شيۇخۇا ھەدە، تۈزۈت قىلماڭ، دېگەچ ئۇنىڭ قاچىسىغا بىر پارچە گۆش سېلىپ قويدى.

− كونىلاردا «توپتىن ئايرىلغان توزار، ئىناق ئۆتكەن ئۇزار» دەيدىغان گەپ بار. مىللەتلەر ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتمىسە، خاتىرجەملىك بولمايدۇ؛ ئاكا-ئىنى، ھەدە-سىڭىللار ئىناق ئۆتكەندىلا، كۈندە گۆش يەيدىغان ياخشى كۈنگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىز كېرەك، توغرىمۇ؟ − دېدى سېلىمىخان مەمەت سوئال نەزەرى بىلەن.

− توغرا، يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدۇق، ئەمدى يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش كېرەك، − دېدى خۇ شيۇخۇا.

سېلىمىخان مەمەت كۈلۈمسىرەپ، بېشىنى لىڭشىتقاچ مەشكە كۆمۈر سالدى، مەشتىكى كۆمۈر گۈرۈلدەپ كۆيۈپ، ئۆي باشقىچە ئىسسىپ كەتتى...