باش بەت>خەۋەرلەر

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-10 19:01:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

 

لى پېڭشىن «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى لى ياڭ خەۋىرى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپلەردە «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتى (سىنىپقا، ياتاققا، ئاشخانىغا كىرىش؛ ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش؛ ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوستلىشىش)نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، ئاساسنى پۇختىلايدىغان، يىراقنى كۆزلەيدىغان قۇرۇلۇش سۈپىتىدە پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىدە قولغا كەلتۈرگەن باسقۇچلۇق نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: مائارىپ سىستېمىسىدا قانات يايدۇرۇلغان «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى سەھنە ۋە تۇتقا بىلەن تەمىنلىدى، ئۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسى، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەر بۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، بۇ پائالىيەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى چوقۇم ئاشۇرۇپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەت، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەرنى پائالىيەتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، يۆنىلىشنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خىزمەت ئۇسۇلىنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كونكرېت ئىشلارنى كونكرېت تۇتۇپ، خىزمەتتە ساختىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. رەھبەرلەر باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، بېرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: «كىرىش»، «ئالاقىلىشىش»، «دوستلىشىش»تىن ئىبارەت ئۈچ ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، پائالىيەتنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ياخشى قوشماقلىشىپ، «كىم ئالاقىلىشىش»نىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، «كىم بىلەن ئالاقىلىشىش»نىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ تەشۋىقاتقا ئەھمىيەت بېرىپ، 19-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى، پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى ئېنىق سۆزلەپ، زىممىسىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەتنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش؛ سىردىشىش، پىكىرلىشىش، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، يېتەكلەشكە ماھىر بولۇش؛ ئائىلە زىيارىتىنى ياخشى قىلىپ، چوڭقۇر پىكىرلىشىپ، نەتىجىلەردىن ياخشى پايدىلىنىش؛ پائالىيەتلەرنى كۆپرەك ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەمتۈرتكىلىك، قاراتمىلىق ۋە دائىملىق بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ ئەمەلىي ياردەم بېرىپ، ئۆگىنىشىگە، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، تۇرمۇشىغا، ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: پائالىيەتنى دائىم، ئۇزاق مۇددەت قانات يايدۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ باھالاشنى چىڭ تۇتۇپ، قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، پائالىيەتنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە يىلتىز تارتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا دائىم پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن مانەن زەينەل، ماغاۋ سېيىتقامزا، چېڭ جېنشەن يىغىنغا قاتناشتى.