باش بەت>خەۋەرلەر

دۆلىتىمىز دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە پەن-تېخنىكا چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-10 18:57:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

ئاساسلىق يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچلىرى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى

دۆلىتىمىز دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە پەن-تېخنىكا چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى. پەن-تېخنىكا مىنىستىرى ۋەن گاڭ 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېچىلغان مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا خىزمىتى يىغىنىغا بەرگەن دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ئاساسلىق يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچلىرى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى سىجىل كۈچىيىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك، پۈتۈن گەۋدىلىك، قۇرۇلما خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىش ئىشقا ئېشىپ، يېڭىلىق يارىتىشتا زور نەتىجىلەر مەيدانغا كەلدى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى زور دەرىجىدە كۈچىيىپ، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە پەن-تېخنىكا چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى.

تۆمۈر ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيال، كۆپ فوتونلۇق چىرمىشىش، كۋانت يۇلتۇزى بىلەن يەر يۈزى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلىشىش... ھازىر ئېلىمىز دۇنيا بويىچە يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئىلمىي ماقالىلىرىنى كۆپلەپ ئېلان قىلىدىغان 2-چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى: ئېلان قىلىنغان خەلقئارالىق پەن-تېخنىكا ئىلمىي ماقالە ئومۇمىي مىقدارى 2012-يىلىدىكىدىن 70 ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتتى؛ خەلقئارالىق پەن-تېخنىكا ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ پايدىلىنىلىش، ئىشلىتىلىش مىقدارى تۇنجى قېتىم گېرمانىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ھالقىپ، 2-ئورۇنغا چىقتى. ھازىر دۇنيانىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشماقتا.

پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2017-يىلى مەملىكەت بويىچە تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىياتى (R&D) چىقىمى 1 تىرىليون 760 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2012-يىلىدىكىدىن 70.9 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن؛ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ (R&D) چىقىمىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2.15 بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 15 دۆلەتنىڭ 2.1لىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن. پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى 2012-يىلىدىكى 52.2 تىن ھازىرقى 57.5 كە يېتىپ، دۆلەتلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى رەت تەرتىپىدە 2012-يىلىدىكى 20-ئورۇندىن 17-ئورۇنغا چىققان.

ئۇنىڭدىن باشقا، ۋەن گاڭ دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئېلىمىزنىڭ كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلىش ۋە ھوقۇق بېرىش مىقدارى دۇنيا بويىچە 1- ئورۇندا، ئۈنۈملۈك كەشپىيات پاتېنت مىقدارى دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدۇ، مەملىكەت بويىچە تېخنىكا توختامى سودا سوممىسى 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يەتتى. مەملىكەت بويىچە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار 136 مىڭدىن ئاشتى، بۇ كارخانىلارنىڭ تەتقىقات-ئېچىش سېلىنمىسى مەملىكەتنىڭ 50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، 25 مىليوندىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئومۇميۈزلۈك سىڭىشىش ۋە ئۇنى ئاكتىپ يېتەكلەشتەك تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.