باش بەت>خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-11 12:13:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك 

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 1-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە تارىخ بىلەن رېئاللىق ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇلغان، خەلقئارا ۋەزىيەت بىلەن ئىچكى ۋەزىيەت ئۆز ئارا باغلانغان، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن، ئومۇمىيەت تولۇق ئىگىلەنگەن، مەزمۇنى مول، يۈكسەك غايە-ئېتىقاد، كۈچلۈك بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق، روشەن نەزەرىيەۋى خىسلەت، چوڭقۇر خەلقچىللىق ھېسسىياتى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، چەكسىز يادرو كۈچىگە، ھەقىقەت كۈچىگە، ئېتىقاد كۈچىگە ئىگە، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىدىيەسىنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچىنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇجەسسەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مۇھىم سۆزنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ روھنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. غايە-ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قائىدىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي ئىشلىتىپ، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان جاسارەت بىلەن پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، پاكلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. كۈلپەت ئېڭىنى، مەسىلە يۆنىلىشىنى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش ئېڭى، ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى بېسىپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقىنى تولۇق ياخشى قىلىپ، قىيىنچىلىقلارغا دادىل يۈزلىنىپ، پائال تاقابىل تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ھالقىلىق ئاز سانلىقلارنى تۇتۇشتا ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئېتىقادتا، سىياسىيدا، مەسئۇلىيەتتە، ئىقتىداردا، ئىستىلدا پۇختا بولۇش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سىياسىيدا سەگەك، ئۆگىنىشتە ئاڭلىق، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان، خەلققە كۆيۈنىدىغان، ئىستىلدا سەمىمىي، تۇرمۇشتا پاك ئادەم بولۇپ، ئۆگىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەرەققىيات ئىقتىدارى، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ئىقتىدارى، خەۋپ-خەتەرنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. قۇدرەتلىك بېرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن ئىدىيەسىنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كۈچىنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان، ۋەزىپىلەر ئاساسىدا مۇجەسسەملەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك بېرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشى كېرەك.

يىغىندا 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېچىلغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، سىستېمىلىقلىقى، ئىجادچانلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭگاھى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئېغىر بولسىمۇ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس، دەيدىغان ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش؛ ئىستىلنى قەتئىي ياخشىلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىپ، «تۆت ناچار كەيپىيات»نى تۈگىتىپ، يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملەشتۈرۈش؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «يولۋاس»قىمۇ، «چىۋىن»گىمۇ زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى قاتتىق تۈزەش كېرەك.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش نىزامى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلىپىنى پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنىڭ ئومۇمىي جەريانى ۋە ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پائال پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە يۈرگۈزۈپ، پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش خىزمىتىنىڭ پۇختا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارغا «نىزام»نىڭ ئاساسىي روھى، مۇھىم مەزمۇنى ۋە خىزمەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا بىلدۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى، مەملىكەتلىك تەشكىلات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.