باش بەت>خەۋەرلەر

شىنجاڭغا «ئۆمەك شەكلى»دە نىشانلىق ياردەم بېرىش يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش ئەترىتى يېتىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-02-27 19:50:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

ــ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ داۋالاش ئىشلىرى بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەنلىكى توغرىسىدا

«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرلىرى: گاۋ ۋا خەۋىرى، جېن شىشىن فوتوسى

سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىققان تۇخان ئابدۇۋەلى (ئوڭدىن 2-كىشى) 1-ئاينىڭ 17-كۈنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرغا رەھمەت ئېيتماقتا.

قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسىنىڭ بىنام كەنتىدىكى تۇخان ئابدۇۋەلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقىشتىن بۇرۇن، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسى ئاياللار كېسەللىكلىرى 2-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۇ شياڭدەننىڭ قولىنى چىڭ سىققىنىچە: كېسىلىمنى داۋالاپ ساقايتتىڭىز، سىزگە رەھمەت، دېدى.

خۇ شياڭدەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى بولۇپ، 2017-يىلى 2-ئايدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ 8-تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى 20 نەچچە مۇتەخەسسىس بىلەن بىللە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلدى.

خۇ شياڭدەن قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىغا كېلىپلا خىزمەتكە جىددىي كىرىشىپ كەتتى. ئۇ ئاز سانلىق مىللەت ئاغرىقلىرىنىڭ سوئالىغا زېرىكمەي-تېرىكمەي جاۋاب بېرىپ، ئۇلارغا داۋالاش لايىھەسى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئەستايىدىل چۈشەندۈردى.

خۇ شياڭدەن كېسەل داۋالىغاندىن سىرت، شۇ جايدىكى ياش دوختۇرلارنىڭ پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ئۇ كۆپچىلىكنى پەن تەتقىقات تېمىسى ئىلتىماس قىلىش، ئىلمىي ماقالە يېزىشقا ئىلھاملاندۇردى، كۆپ قېتىم پەن تەتقىقات لېكسىيەسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارغا تەتقىقات تېمىسى تۇرغۇزۇش، تېما تاللاش، ھۆججەت-ماتېرىياللارنى كۆرۈش قاتارلىقلارنى بىرمۇبىر ئۆگەتتى. ئاياللار كېسەللىكلىرى 2-بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى شەرۋانە ئابباس مۇنداق دېدى: خۇ دوختۇر بىزنىڭ پەن تەتقىقات ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىپ، ئىلمىي ماقالىمىزنى تۈزىتىپ بەردى ھەم بىزگە سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈردى. ھازىر بۆلۈمىمىزدىكى كۆپ ساندىكىلەر مۇئەييەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ، پەن تەتقىقات تۈرىنى ئىشلەشكە باشلىدى.

2017-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسى ئاياللار كېسەللىكلىرى 2-بۆلۈمى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پەن تەتقىقات تۈرىدىن ئۈچنى، ۋىلايەت دەرىجىلىك پەن تەتقىقات تۈرىدىن ئىككىنى، دوختۇرخانا دەرىجىلىك پەن تەتقىقات تۈرىدىن ئىككىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلدى.

جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى چېن جۈەن بۇلتۇر 2-ئايدا خۇ شياڭدەن بىلەن بىللە قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، ئېغىر كېسەللىكلەر تېبابىتى 1-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇ بۇ بۆلۈمدىكى دوختۇرلارنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەر تېبابىتىگە بولغان قارىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم مەملىكەت بويىچە ئالىي دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەرنى قەشقەرگە كېلىپ، يېڭى بىلىم، يېڭى ئىدىيەنى يەتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى. كۆپ قېتىم لېكسىيە ۋە ئۆگىنىش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، «ھۈنىرى»نى شىنجاڭلىق كەسىپداشلىرىغا قولمۇقول ئۆگەتتى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى «ئۆمەك شەكلى»دە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىنىڭ پەن قۇرۇلۇشى ۋە تېببىي خادىملارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش ئەترىتى يېتىشتۈردى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر خۇ شياڭدەن (ئوتتۇرىدا) 1-ئاينىڭ 17-كۈنى بالىياتقۇ بوشلۇقى ئەينىكى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلماقتا.

گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس فەن جيەنجۇڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىدا دوختۇر-سېسترالارغا دەرس ئۆتمەكتە.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر چېن جۈەن (ئوڭدىن 1-كىشى) 1-ئاينىڭ 18-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرلىرى بىلەن بىللە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلماقتا.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىشى بىلەن، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسى ئىلغار PET-CT تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى كىرگۈزۈپ، ئىشلىتىشكە باشلىدى.

شيۇڭ گۈييىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىنىڭ ئوپېراتسىيە بۆلۈمىدە ئاغرىقلارنى پەرۋىش قىلماقتا.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر خۇ شياڭدەن (سولدا) 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ خادىملىرى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر ۋاڭ ۋېيگۇاڭ (ئوڭدىن 1-كىشى)نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزمەكتە.

قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ داۋالاش خادىملىرى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاغرىقنى قوبۇل قىلماقتا. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ نىشانلىق ياردەم بىرىشى بىلەن، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، كۈندىلىك كېسەل كۆرۈش مىقدارى 40 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئاشتى.