باش بەت>خەۋەرلەر

ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2018-06-14 00:22:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى ۋە نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك

  «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 6-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ ۋە نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىنى، «ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسى» ۋە «سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى»نىڭ قىسمەن بابلىرىنى ئۆگىنىپ، مەركەزنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنى، 6-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرى تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن يۆنىلىش خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، يېڭى دەۋر خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئۆگىنىش ئارقىلىق، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، نەزەرىيە ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇشى كېرەك. يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى، ئۆزىنى ئاڭلىق قاتناشتۇرۇپ، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان ھېسسىيات، مەسئۇلىيەتچانلىق، پىكىر قىلىش ئۇسۇلى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ھەقىقىي ئۆگىنىشى كېرەك.

  يىغىندا ماۋۇلار تەكىتلەندى: «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئاساسىي قانۇننىڭ سادىق ئېتىقادچىسى، ئۆگەنگۈچىسى، ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى، قوغدىغۇچىسى بولۇپ، كەڭ ئاممىغا ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزى، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنى ئورتاق ھەرىكەت مىزانى ۋە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تۈپ ئاساسى قىلىپ، ھوقۇقنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى پائال ئادا قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى تۈپ پىرىنسىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، سىياسىي كېڭەش ئاپپارات ئىسلاھاتى خىزمىتىنى پائال، پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي كېڭەش ئاپپارات ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر، پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاممىغا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك، ئەمەلىي، تېخىمۇ ئەتراپلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي، ياخشى ئورۇنداش كېرەك.