باش بەت>خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونىمىز پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچتى

يوللانغان ۋاقىت:2018-06-14 00:28:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

  «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋىرى: ئاپتونوم رايون 6-ئاينىڭ 7-كۈنى پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قوللاشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇقەررەر تەلەپ؛ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ سىلىق ئايلىنىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى؛ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى جىددىي ئېھتىياج.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جايلار ۋە تارماقلار ئالاقە تور پۇل مۇئامىلىسى، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، سودا سورۇنى، بانكا-سۇغۇرتا ساھەسى، ئاكسىيە-زاكاز مال ۋە خۇسۇسىي فوند ساھەسى، ئەل ئارا قەرز پۇلدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ خەۋپ-خەتەر نۇقتىسىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى نازارەت قىلىش، ئالدىن سىگنال بېرىش خىزمەت مېخانىزمى، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئەرز-شىكايەتنى بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكلەش خىزمەت مېخانىزمى، تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ھەر تەرەپلىمىلىك سىستېمىنى ئورنىتىپ، سىستېمىلىق، رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى يۈز بەرمەسلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: يېڭى ۋەزىيەتتىكى پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، چوقۇم تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ 1-مەسئۇللۇق مەسئۇلىيىتىنى، ھەر دەرىجىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ بىۋاسىتە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى، ھەر دەرىجىلىك مەخسۇس تۈر رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىلىرىنىڭ تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ كەسىپلەرنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر، مۇقىم ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.