باش بەت>خەۋەرلەر

مۇقىملىق ئاساسىدىكى ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەدەم تاشلاش

يوللانغان ۋاقىت:2018-08-09 18:19:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

− جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاچقۇچلۇق تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئانالىز

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» مۇخبىرى چېن ۋېيۋېي

  مۇھىم ئالدىن يولغا قويۇش كۆرسەتكۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىندا ئاشكارىلانغان 7-ئايلىق ياسىمىچىلىق كەسپىدىكى PMI ئەللىك بىر پېرسەنتتىن يۇقىرى نىسبەتنى ساقلاپ، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ سىجىل كېڭىيىش ۋەزىيىتىنى نامايان قىلدى. لېكىن PMI ئالدىنقى ئايدىكىدىن سەل تۆۋەنلىدى، بولۇپمۇ خەلقئارا سودا ئىختىلاپى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، يېڭىدىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان زاكازلارنىڭ كۆرسەتكۈچ سانى ۋە ئىمپورت كۆرسەتكۈچ سانى 50لىك پاسىلدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇردى.

  «ھازىرقى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگەردى، بىر قىسىم يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى، تاشقى مۇھىتتا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى». يېقىندا ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا ھەم ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ياخشى ھالىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، ھەم ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە ۋە خىرىسلار ئىلمىي ئانالىز قىلىندى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تېخىمۇ مۇرەككەپ ئىقتىسادىي مۇھىتتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق تەدبىرنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىلىق، ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چوڭ ۋەزىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش − مۇقىملىق ئاساسىدىكى ئۆزگىرىش ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ئاساسىي ئامىلنى ئۆزگەرتمەيدۇ

  ئالدىنقى يېرىم يىلغا نەزەر سالساق، جۇڭگو ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى.

  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 6.8 كە يېتىپ، ئۇدا 12 پەسىل ئوتتۇراھال، يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىش ھالىتىنى ساقلىدى، ئىشسىزلىق نىسبىتى ۋە پۇل پاخاللىقى نىسبىتى تۆۋەن نىسبەتنى ساقلىدى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى، تۆمۈريول يۈك تىرانسپورت مىقدارى قاتارلىق ئەمەلىي بۇيۇم مىقدار كۆرسەتكۈچىدە ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلىنىپ، ئاخىرىدا ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى 78.5كە يەتتى... جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى «مۇقىم» ۋەزىيەت داۋاملىق پۇختىلاندى، «ياخشىلىنىش» ھالىتى داۋاملىق روشەنلەشتى.

  مۇقىملىق ئاساسىدا قىيىنچىلىقنى بىلىش، مۇقىملىق ئاساسىدا كۈلپەتنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. مۇقىملىقتا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا: ھازىر ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىش ياساپ، بىر قىسىم يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى، تاشقى مۇھىتتا روشەن ئۆزگىرىش بولدى، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجې ئانالىز قىلىپ مۇنداق دېدى: خەلقئارادىن قارىغاندا، دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن قايتا جانلانغان بولسىمۇ، ئەمما قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر تېخى ئۈنۈملۈك ھەل بولغىنى يوق، ماكرولۇق سىياسەت پارچىلىنىش، خەلقئارادىكى رىقابەت خاراكتېرىدە باج قىسقارتىش، سودا قورۇقچىلىقى قاتارلىقلار پەيدا قىلغان مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆپەيدى. دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، ئېلىمىز ئىقتىسادى تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، يەنە بەزى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار مەۋجۇت.

  جۇڭگو ئىقتىسادىغا ھۆكۈم قىلىشتا ھەم مۇھىتتىكى مۇرەككەپ «ئۆزگىرىش»نى، ھەم چوڭ ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتىكى «ئۆزگەرمەسلىك»نى كۆرۈش كېرەك.

  دۇنياغا نەزەر سالساق، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسى − ئېلاستىكلىقلىقى ياخشى بولۇش، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك بولۇش، ئايلىنىش ئىمكانىيىتى زور بولۇشتەك ئاساسىي ھالەتنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىدىن بولغان. ئېلىمىزدە 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇس، 900 مىليون ئەمگەكچى، 100 مىليوندىن كۆپ بازار سۇبيېكتى بار بولۇپ، غايەت زور بازار بوشلۇقى ۋە ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «خاسلىقى»نى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  دۆلەت ئىچىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسى − يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئىلگىرىلەش ھالىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىدىن بولغان. «GDPگىلا قاراپ قەھرىماننى بېكىتىش» قارىشى چۆرۈپ تاشلىنىپ، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇھىتنى ياخشىلاش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى. مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى «ئۇل تاش»لىق رولى تېخىمۇ پۇختىلىنىپ، ئىستېمالنىڭ ئۇللۇق رولى بارغانسېرى كۈچەيتىلىپ، كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئورنىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى داۋاملىق ئالماشتۇرۇلۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «خاراكتېرى» گەۋدىلەندۈرۈلدى.

  جۇڭگو خەلق بانكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو بانكا، سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى گو شۇچىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى بىرقەدەر تىپىك بولغان چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا ئايلاندى، كەسىپ سىستېمىسى مۇكەممەللەشتى، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچى زور، 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك ئاھالىنىڭ ئىستېمال بازىرى داۋاملىق تېز يېتىلىۋاتىدۇ، سىرتتىن كەلگەن ھەر قانداق بېسىم تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلىنىدۇ.

تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىش − مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى پۇختىلايدۇ

  مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئاكتىپ ماسلىشىش، چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈش ئاساسىنى پۇختىلاش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياخشى ماكرو مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  «ئاساسىي زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان تەدبىر قوللىنىپ، ھەل قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك» مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا «رېتسېپ يېزىپ بېرىلدى»، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، پۇل مۇئامىلىنى، تاشقى سودىنى، چەت ئەل مەبلىغىنى، سېلىنمىنى، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئالتە «مۇقىملاشتۇرۇش» كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى بايلىق ۋە مۇھىت سىياسىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى زوجۈن مۇنداق دېدى: بۇ، مەركەز جۇڭگو ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت «ئۆزگىرىشى»گە ئاساسەن چىقارغان، ئەھۋالغا قاراپ تاللىغان ئالدىن كۆرەرلىككە ۋە قاراتمىلىققا ئىگە سىياسەت ئورۇنلاشتۇرمىسى. «مۇقىملاشتۇرۇش» سۆزىنى ئاساس قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىش كېرەك، بۇ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاساسىي مېلودىيە.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەتنىڭ بىرى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كىرىم تەقسىماتى مەھكىمىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى خا زېڭيوۋ مۇنداق دېدى: خەلقئارا سودا سۈركىلىشى قاتارلىقلار ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئېنىقسىزلىق ئېلىپ كەلدى. نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ تەھلىل قىلىپ، سىياسەت زاپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  ھالبۇكى، «مۇقىملاشتۇرۇش» رولىنى جارى قىلدۇرالماسلىق، مېخانىكىلىق مۇقىملاشتۇرۇشقا ئىنتىلگەنلىك ئەمەس، ھەم ئىلگىرىكى كونا يولنى ئاددىيلا تەكرارلىغانلىقمۇ ئەمەس، بەلكى ئۆلچەمنى چىڭ ئىگىلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇپ ھەم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ھەم قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتۇر.

  پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئەمەلىي گەۋدىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پۇل مۇئامىلە ئورنى بانكا تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى زېڭ گاڭ ماۋۇلارنى بىلدۈردى: پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، ھەرىكەتچانلىقنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك.

  تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. سودا مىنىستىرلىقى تاشقى سودا مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: سودىدا يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، پىششىقلاش سودىسىنى ئوتتۇرا، غەربىي رايونغا پەلەمپەيسىمان يۆتكەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىمپورتنى پائال كېڭەيتىپ، سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تاشقى سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا قۇرۇلمىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. لى زوجۈن مۇنداق قارىدى: مەبلەغنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى كۆرۈلگەن كەسىپلەرگە سالماستىن، بەلكى ئۇل ئەسلىھە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق كەمتۈكلۈك بار كەسىپلەرگە، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا پايدىلىق ۋە خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ساھەلەرگە سېلىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنما ئارقىلىق ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  ۋاقىتقا قاراپ ھەرىكەت قىلىش، ۋەزىيەتكە قاراپ پىلان تۈزۈش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: ھازىرقى ھالقىلىق مەسىلە ماكرولۇق سىياسەت ئارقىلىق بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىشىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلاش ئۈچۈن ياخشى كۆزلىمە نىشان شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئىرادىنى ساقلاش − ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەدەم تاشلايدۇ

  ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى شۇنچە ياخشى قىلىشىمىز كېرەك، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلە ۋە زىددىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نىشانىغا قەتئىي تەۋرەنمەي ئاتلىنىش كېرەك.

  شاڭخەي ۋەيگاۋچياۋ پورت رايونىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش چوڭ زالى بىلەن ئەسلىدىكى ۋەيگاۋچياۋ كارانتىن-پىرىيوم ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشكە يوللاش زالىنىڭ ئارىلىقى بىر كىلومېتىرلا كېلىدۇ. لېكىن بۇ قىسقىغىنا بىر كىلومېتىر يول ئىلگىرى تاموژنىغا، تەكشۈرۈشكە يوللىغۇچى كارخانىلارغا ئالدى-كەينىگە قاتراش، قايتا-قايتا سوراشتەك نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى. 5-ئايدىن باشلاپ، ۋەيگاۋچياۋ پورت رايونى تاموژنىدىن ئۆتۈش چوڭ زالى لىنىيەسىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش خىزمىتى تاماملىنىپ، تاموژنىغا، تەكشۈرۈشكە يوللىغۇچى كارخانىلار بىر ئورۇندىلا ئىككى تەرەپتىكى رەسمىيەتلەرنى بېجىرەلەيدىغان بولدى.

  پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، شاڭخەينىڭ ئەسلىدىكى چېگرا پىرىيوم-كارانتىن سىستېمىسىنىڭ بىر تۇتاش تاموژنا نامىدا سىرتقا قارىتا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇۋاتقىنىغا ئۈچ ئايدىن ئاشتى. 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، كارخانىلارنىڭ تاموژنىغا، تەكشۈرۈشكە يوللاش ئىش تەرتىپى بىر ۋاراق تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونى، بىر يۈرۈش قوشۇمچە تالون، بىر يۈرۈش تاموژنىدىن ئۆتۈش پارامېتىرىغا بىرلەشتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن ئاپپارات ئىسلاھاتى ئېلىپ كەلگەن پايدا داۋاملىق نامايان بولدى.

  40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى دەل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ كۈچى بىلەن بولغان. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا يەنىلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشكە تايىنىش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئەسقاتىدىغان، ئۈنۈم بېرىدىغان بىر تۈركۈم زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، بازار ئىجازىتىنى كەڭ كۆلەمدە قويۇۋېتىش زور تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كۈچلۈك سىگنالىنى تارقىتىش كېرەك.

  لى زوجۈن مۇنداق دېدى: بىر تەرەپتىن دىققەتنى «زور ئىسلاھات تەدبىرلىرى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن «ئەسقاتىدىغان، ئۈنۈم بېرىدىغان بولۇش»نى كۆزدە تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. دىققەتنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئەجەللىك نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرى، يەر تۈزۈمى قاتارلىق ساھەلەردە تەسىرى چوڭقۇر ھەم تېز ئۈنۈم بېرىدىغان ئەمەلىي ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش يەنىلا ئاساسىي لىنىيە. جۇڭيۈەن بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ۋاڭ جۈن مۇنداق قارىدى: كېيىنكى قەدەمدە، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا ئۈنۈمسىز تەمىنلەشنى تۈگىتىش، «مۇردا كارخانىلار»نى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەر، مەبلەغ، خام ماتېرىيال، ئەمگەك كۈچلىرى قاتارلىق ئىجتىمائىي بايلىقتىن ئومۇميۈزلۈك پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بۆلۈمىنىڭ ياردەمچى مۇدىرى، جۇڭگو ئىشلىرىغا مەسئۇل ئاساسلىق باشقۇرغۇچى جامېس دانيېل مۇنداق دېدى: IMF جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئېشىشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىن ئىلھاملاندى ھەم بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى تېزلىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، ئىستېمالنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش، رىقابەتنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ يەنە جۇڭگو يېقىندا جاكارلىغان بىر قاتار ئېچىۋېتىش سىياسەتلىرىنى ماختاپ، بۇ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ پايدىلىق، دەپ قارىدى.