باش بەت>خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيەگە بېرىپ، 4-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2018-09-09 18:05:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو-چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-سېنتەبىر تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇنداق جاكارلىدى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە رۇسىيەنىڭ ۋلادىۋوستوك شەھىرىدە 4-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-سېنتەبىر تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ جولۈن). دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى جۇڭگو-چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى جاڭ خەنخۇي رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەگە بېرىپ، 4-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىشىغا ئالاقىدار ئەھۋالنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  جاڭ خەنخۇي ماۋۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە رۇسىيەنىڭ ۋلادىۋوستوك شەھىرىدە 4-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ. شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈشنى زۇڭتۇڭ پۇتىن 2015-يىلى ئۆزى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى. بۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەت باشلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىشى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلدىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى. رۇسىيەدىكى مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ بىر قاتار ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى، زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بۇ يىل ئىچىدە 3-قېتىم ئۇچرىشىدۇ، ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، بىللە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ زىياپىتىگە قاتنىشىدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە بىر قاتار مول، رەڭدار بولغان ئادىمىيەت، ئىقتىساد-سودا پائالىيىتى، يەرلىكتىكى پائالىيەت قاتارلىق يانداش پائالىيەتلەرگە بىللە قاتنىشىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنبەر ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىدۇ، ئەھۋالغا قاراپ مۇنبەرنىڭ باشقا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ ھەم مۇنبەرگە قاتنىشىدىغان ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن دوستانە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

  جاڭ خەنخۇي ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ پائال تەرەققىيات ۋەزىيىتى نامايان بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك، زور تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى دەۋرگە كىردى. بۇ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپكە بىنائەن رۇسىيەگە بېرىپ شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىشى جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ قارشى تەرەپنىڭ مۇھىم خەلقئارالىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈشىنى ئۆزئارا قوللاشتەك ياخشى ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇشى بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا جۇڭگو تەرەپنىڭ يىراق شەرق ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ھەمدە رايون دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆز رايونىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈردى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ يىراق شەرق ھەمكارلىقىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ شۇ رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت-سائادەت يارىتىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، ئۆزئارا ئىشىنىشى، ھەمكارلىشىشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئاچىدۇ.