باش بەت>خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ موناكونىڭ دۆلەت باشلىقى، شاھزادە ئالبېرت Ⅱ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-09-09 20:10:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-موناكو دوستلۇقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى، مول نەتىجە يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-سېنتەبىر تېلېگراممىسى (مۇخبىر بەي جيې). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى خەلق سارىيىدا موناكونىڭ دۆلەت باشلىقى، شاھزادە ئالبېرت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ ئالبېرت ۋە موناكو خان جەمەتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو-موناكو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقارغانلىقىنى تەرىپلىدى. شى جىنپىڭ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: موناكو ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان، مول ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە تەرەققىيات يولىدا ماڭدى. جۇڭگو بىلەن موناكونىڭ ئارىلىقى يىراق، دۆلەت ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك پەرق مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇردى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلىپ، چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرنىڭ دوستانە ئۆتۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. جۇڭگو تەرەپ دۆلەتلەر چوڭ-كىچىك، باي-نامرات، كۈچلۈك-ئاجىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باراۋەر ئەزاسى، دېگەننى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى، بۇ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. جۇڭگو-موناكو ئىككى تەرەپ قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى چۆرىدەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، پاكىز ئېنېرگىيە، يېشىل-تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى بېيىتىپ، چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرنىڭ دوستانە ئالاقىسىدە داۋاملىق ئۈلگە بولۇشى كېرەك. شاھزادە ئالبېرت خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، جۇڭگونىڭ 2008-يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللىغان، بىز سىزنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

  ئالبېرت جۇڭگونىڭ يېقىندىلا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئالبېرت ماۋۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈنتەرتىپى ئىنتايىن ئالدىراش بولسىمۇ، يەنە مېنىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشۇمنى قوبۇل قىلدى، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلەندىم. بۇ مېنىڭ جۇڭگوغا 10-قېتىم زىيارەتكە كېلىشىم، ھەر قېتىم جۇڭگوغا كەلگەندە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى كۆرىمەن. بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا جىلىن ئۆلكىسىگە بېرىپ، ھەسەل ھەرىسى بېقىش، شەرقىي شىمال يولۋىسىنى قوغداش قاتارلىق تۈرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. موناكو تەرەپ موناكو-جۇڭگو ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىن رازى، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم رولىنى، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۇنيانى ئىدارە قىلىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىسىگە يۈكسەك مەدھىيە ئوقۇيدۇ ھەم ئۇنى پائال قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. مەن 2022-يىللىق بېيجىڭ-جاڭجياكۇ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى قوللايمەن ھەم ئۇنىڭغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  شى جىنپىڭ يېقىندىلا يېپىلغان جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئافرىقىدىكى ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنى قوللايدۇ، موناكو تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئافرىقىنىڭ ئۇزاق تىنچلىقنى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئورتاق قوللايدۇ.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ئالبېرت نى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.