باش بەت>خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى

يوللانغان ۋاقىت:2018-10-11 13:33:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىش ئۈچۈن، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ھازىر، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

بىرىنچى، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇش

نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، پارتىيە ئىستىلىنى ياخشىلاش، كەڭ كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى، ئىلھاملاندۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش قوماندانلىق تايىقىنىڭ رولى كۈچلۈك جارى قىلدۇرۇلدى، بۇنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك. لېكىن، يەنە نام-تۈرى كۆپ بولۇپ كېتىش، قېتىم سانى زىچ بولۇپ كېتىش، كۆپ تەرەپتىن تەكرار بولۇپ كېتىش، ئىز قالدۇرۇشقا زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە سەل قاراش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، يەرلىك ۋە ئاساسىي قاتلام يېتىشىپ بولالمىدى، يۈكى زىيادە ئېغىر بولدى، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى، بۇ ھال ھەم زېھ