باش بەت>خەۋەرلەر

«ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى تەجرىبە ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەمىنلەش

يوللانغان ۋاقىت:2018-11-07 11:26:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:بەختىگۈل ئابدۇشۈكۈر

ــ شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش پائالىيىتىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم

«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

11-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار خوتەن ۋىلايىتىدە كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ تەرەققىيات، گۈللىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم خوتەن شەھىرىنىڭ كېچىلىك ئىستىراھەت تۇرمۇشىنى ھېس قىلدى.

«كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە قوللىنىلغان ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەر شىنجاڭنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشىدا يارىتىلغان مۇھىم، زور يېڭىلىق، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى تەجرىبە ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىلىم ئەھلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شىنجاڭنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان ئاممىنى تەلىم-تەربىيە ئارقىلىق قۇتقۇزۇۋالغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىزنىڭ، شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزنىڭ چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيىتى بار» دېدى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو چېگرا رايون تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ جيەنيىڭ.

تەلىم-تەربىيە ئارقىلىق قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى

11-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلار كۆرۈشۈش ئۆيىدە، تەربىيەلەنگۈچى تۇرسۇنجان سادىرنىڭ ئۈچ ياشلىق قىزى دادىسىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ دۆلەت شېئىرى ئېيتىشقا باشلىدى. تۇرسۇنجان مۇتەخەسسىس، ئالىملارغا بالىسىنىڭ بەش-ئالتە ناخشا ئېيتالايدىغانلىقىنى، دۆلەت شېئىرىنى ئەڭ ياخشى ئېيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «دۆلەت پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بالىلىرىمىزغا چوقۇم دۆلەت شېئىرى ئېيتىشنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك!» دېدى تۇرسۇنجان.

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ئابلەت مەمەت مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچى ئۆزلىرىنىڭ <بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش>قا بولغان چوڭقۇر تونۇشىنى سۆزلەپ ئۆتتى، مېنىڭچە، تەلىم-تەربىيە ئارقىلىق قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئىنتايىن ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىپتۇ، ئۈنۈمىمۇ زور بوپتۇ. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، ئىللىقلىقى تەربىيەلەنگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەپتۇ، شۇنداقلا ھەربىر ئائىلىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى ۋە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپتۇ، بۇ دەل تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پۇختا ئاساسى-دە!»

خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە، مۇتەخەسسىس، ئالىملار مۇزىكا ئۆيىگە كىردى. دۇتار، ئېلېكتىرونلۇق رويال، گىتار ... مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى چالغۇلار تەڭكەش قىلىنىپ ئورۇنلانغان «ئۈمىد دالاسىدا» ناملىق ئەر-ئاياللار كىچىك خورىغا قىزغىن چاۋاك چالدى، ئۇلار يەنە ئۇسسۇل ئۆيىدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر مەشىق قىلىۋاتقان زامانىۋى ئۇسسۇلغا ئالقىش ياڭراتتى. «نېمىدېگەن مول مەزمۇنلۇق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى، نېمىدېگەن ياخشى روھىي قىياپەت!» دېدى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى يېسىر ھاياجانلانغان ھالدا.

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى ۋاڭ يەنجۇڭ مۇنداق دېدى: «جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا بىر مەزگىل دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى يامراپ كەتكەنىدى، ناخشا ئېيتىشقا بولمايتتى، ئۇسسۇل ئويناشقا بولمايتتى، بۇنداق ھاياتىي كۈچكە تولغان، زامانىۋى مەدەنىيەت پۇرىقىغا تولغان مەنزىرىنى كۆرگىلى بولمايتتى. كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئېلىپ كەلگىنى بىر مەيدان چوڭقۇر بولغان زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشى بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپتۇ».

«قىزچاق، سىز تېخىمۇ گۈزەل بولالايسىز»

ئۇزۇن كىرپىكلىرىگە كىرپىك لاكى سۈرگەن، قۇلىقىغا مەرۋايىت ھالقا تاقىغان، چېچىنى ئېگىز بىر تال بوغقان، چاققانغىنە كالتە چاپان كىيىۋالغان... خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ تىككۈچىلىك زاۋۇتىدا، تەربىيەلەنگۈچى ھۆرىقىز ئابدۇللا مۇتەخەسسىس، ئالىملارغا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى قىلچە قورۇنماي تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى: ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن مۇقىم كىرىمىم بار بولدى، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئېرىشتىم. ئايدا نەچچە خىل گىرىم بۇيۇمى سېتىۋالىمەن، مودا، يارىشىملىق كىيىملەرنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىمەن.

«ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە، قارا رەڭلىك ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيىپ ئۆيدە ئولتۇراتتىم، ئاساسەن سىرتقا چىقمايتتىم، ئەزەلدىن پۇل تېپىپ باقمىغانىدىم» سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، ھۆرىقىزنىڭ ئاۋازى پەسلەپ كەتتى. «قىزچاق غەيرەت قىلىڭ، سىز تېخىمۇ گۈزەل بولالايسىز!» مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئۇنى توختىماي رىغبەتلەندۈردى.

«تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن يېڭى ھاياتقا ئېرىشىپتۇ» دېدى گۇاڭدۇڭ ئوچۇق داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ لېي، «دىنىي ئەسەبىزم بېكىنمە، قالاق، ئىدىيەنى بوغۇپ قويىدۇ، ئىجتىمائىي خەۋپى ئىنتايىن زور، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مۇداخىلە ئۇسۇلى توغرىسىدا ئىزدەنمەكتە، بەزى دۆلەتلەرمۇ تەربىيەلەش تەدبىرىنى قوللاندى. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىز شۇنى كۆرۈپ يەتتۇقكى، پۈتۈن كۈچ بىلەن تەلىم-تەربىيە بېرىش، غەمخورلۇق قىلىش نەتىجىسىدە، بۇ تەربىيەلەنگۈچىلەر دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بوپتۇ، بۇ ئارقىلىق تەقدىرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمۇ ئۈمىدكە تولۇپتۇ».

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ما پىنيەن مۇنداق دېدى: «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى دىن ئەمەس، بەلكى دىن نامىدىن پايدىلىنىپ ئاممىنى يامان يولغا مېڭىشقا تەھدىت سېلىپ مەجبۇرلاش. ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش چەكلەش بولماستىن، دەل ئەكسىچە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈندۇر. كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتى مەۋقەنى دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشكە قويۇپتۇ، ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ. شىنجاڭدا ئۇدا 22 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىگەنلىكى بۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دەلىلى».

ئىدىيە ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى تەڭ ھەل قىلىش

«ئائىلىمىزدىكى بەش جاننىڭ پەقەت يەتتە مولا يېرى بار، بىر يىللىق كىرىمىمىز 6000-5000 يۈەن، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە». خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلەنگۈچى 26 ياشلىق بۇرازىيە مەمەتتوختى مۇنداق دېدى: تىككۈچىلىك زاۋۇتىدا خىزمەت قىلغاندىن بۇيان، ئايلىق مائاشىم 1500 يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ. «كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ئالىدۇ، مەن تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ، ئۆزۈمنىڭ مائاشى بىلەن ئائىلەمدىكىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىمەن».

كۆپ كارخانىلارنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقى، زاكازنىڭ مۇقىملىقى، تەمىنلىگەن ئىش ئورنىنىڭ بارغانسېرى كۆپەيگەنلىكىنى ئۇققان مۇتەخەسسىس، ئالىملار ناھايىتى مەمنۇن بولدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سىياسىيشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى فېڭ يۆ مۇنداق دېدى: «خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىق دەرىجىسى ئېغىر، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. تەلىم-تەربىيە خىزمىتى تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ماھارەتكە ئىگە قىپتۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىمۇ كاپالەتكە ئىگە بوپتۇ».

«كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتى بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئىدىيە قاتلىمىدىكى مەسىلە ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپتۇ.» جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي تەتقىقات ئورنىنىڭ پارتكوم شۇجىسى ۋاڭ لىشېڭ مۇنداق دېدى: «كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە سانائەتلەشتۈرۈش ۋە بازارلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچ ۋە ئېنېرگىيە توپلاپتۇ».

ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى بىردىنلا كۈچەيدى

خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، مۇتەخەسسىس، ئالىملار يەنە يېزا-كەنتلەرگە بېرىپ زامانىۋى پۇراقنى ھېس قىلدى، شۇنداقلا نامرات ئاھالىلەر، ئاياللارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

خوتەن شەھەرلىك «تەيدا» كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ شورباغ يېزىسى گازۇن كەنتىدىكى ھەمراھ زاۋۇتىدا، كەنت ئاھالىسى ئارزۇگۈل ئابلىز ئىككى ئايلىق ئەمەلىي تەربىيەلەش ئارقىلىق تىككۈچىگە ئايلاندى. «ئۆيۈم بۇ يەرگە 200 مېتىرلا كېلىدۇ، بالام زاۋۇتنىڭ ئۇدۇلىدىكى بالىلارنى ۋاكالىتەن بېقىش ئورنىدا، مەن خاتىرجەم خىزمەت قىلىپ پۇل تاپالايدىغان بولدۇم» دېدى ئارزۇگۈل.

«بايا بىر دېھقاننىڭ تويىغا قاتناشتىم، كەيپىيات ئىنتايىن ئىللىق، مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. يەنە ئاياللارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن روھلاندىم.» جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو چېگرا رايون تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن ئورۇن باشلىقى لى دالۇ مۇنداق دېدى: «جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەردىن تەرەققىياتنىڭ يېتەرلىك زاپاس كۈچىنى كۆرۈپ يەتتىم. ئىشىنىمەنكى، مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل تارقىتىلىشىغا ئەگىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ».

خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى ئىناقلىق يېڭى كەنتى يەسلىسىدە، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ھەر مىللەت بالىلار بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان تەسىرلىك مەنزىرىنى كۆردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جۈەن مۇنداق دېدى: «تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ روھىي قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ بىز ناھايىتى ھاياجانلاندۇق. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ ئۆسكەنلىكى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختكە چۆمگەنلىكىنى كۆرۈپ بىز يەنە بىر قېتىم ھاياجانلاندۇق. بۇ، بىزنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ ياخشى تۇپرىقىنى يېتىلدۈرگەنلىكىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ».

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتى ئاخىرلىشاي دېگەندە، گۈزەل خوتەندە تۈن پەردىسى يېيىلىشقا باشلىدى. خوتەن شەھىرىنىڭ يۈچۈەنخۇ باغچىسىدا شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن سەيلە قىلغىنىمىزدا، كەچلىك بازاردىكى ساياھەتچىلەر توپى ئارىسىدا يۈرگىنىمىزدە، تىجارەتچىلەرنىڭ قىزغىن خېرىدار چاقىرغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، تائاملارنىڭ مەززىلىك ھىدى دىمىقىمىزغا ئۇرۇلاتتى... ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چېھرىدە جىلۋىلەنگەن ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنىڭ بىردىنلا كۈچەيگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.