باش بەت>خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا»نىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2019-04-11 11:05:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەرجىمە قىلغان شى جىنپىڭنىڭ «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» دېگەن كىتابىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى يېقىندا مەركىزىي تەھرىر-تەرجىمە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

«ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» 2018-يىلى 6-ئايدا مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، ئۇنىڭغا شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم ئەسىرىدىن 85 پارچە كىرگۈزۈلگەن. چەت ئەللىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇش ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىنگلىزچە نۇسخىسىغا خەنزۇچە نۇسخىسى ئاساسىدا ئىزاھات، ئىندېكس، قىسقارتىلغان سۆز قاتارلىق مەزمۇنلار قوشۇلدى. بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى چەت ئەللىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ «قانداق بىر دۇنيا قۇرۇش، بۇ دۇنيانى قانداق قۇرۇش» قاتارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور تېما توغرىسىدىكى نەزەرىيە تەپەككۇرىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، ئاساسلىق مەزمۇنى، ئىشقا ئاشۇرۇش يولىنى چۈشىنىشىگە پايدىلىق، شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.